كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-10

    تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران - [ئۇيغۇر تارىخى]

     

        تەكلىماكان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، تەڭرىتېغى 1 مىليۇن 660 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئالتۇن تۇپرىغىمىزنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ . تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى 530 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان، تارىختا ئالتە شەھەر ئاتالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆلىمى 337 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ، دۇنيادا سەھرايى كەبىر قۇملىقىدىن قالسىلا ئەڭ چوڭ سانىلىدىغان تەكلىماكان قۇملىقى جايلاشقان . بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان كۆپلىگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر تەكلىماكاننى ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈپ ، بىزنى مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلدى .
    تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، تارىم ئويمانلىقى مۇندىن 230 مىليون يىللار ئىلگىرى چوڭ بىر دېڭىز ئىكەن . مۇندىن 67 مىليون يىللار ئىلگىرى ، يەنى يېڭى ھاياتلىق ئىراسىنىڭ 3 – دەۋرىدە ھىمالايا تېغى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدا تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھەم دەريا ئېقىنلىرى پەيدا بولغان . مۇندىن تەخمىينەن 100 مىڭ يىللار ئىلگىرى قۇملۇق شەكىللەنگەن. تارىم ئويمانلىقىنىڭ كېلىماتى كەم دىگەندىمۇ يېڭى ھاياتلىق ئىراسىنىڭ 4 – دەۋرىدىلا قۇرغاق كېلىمات بولۇپ شەكىللەنگەن . قۇملۇقنىڭ ھۆل – يېغىن مىقدارى يىلدا 20 – 80 مىللىمېتىر بولغان . ھازىر قۇملۇققا ئېقىپ كىرىدىغان دەريا 24، ئومۇمىي ئېقىم مىقدارى 39 مىليارت 200 مىليون كۇب مېتىر ، يەر ئاستى سۇ زاپىسى 8 تىرلىيون 157 مىليارت 800 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ . قۇملۇق 3 – 5 مېتىر كولانسىلا سۇ چىقىدۇ ، ئۇ سۇنى خېمىيىلىك تازىلاشتىن كېيىن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ . بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە قەدىمدە تەكلىماكان دەريالار تورى شەكىللەنگەن جاي ئىكەن ، 90 – يىللاردىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا تەكلىماكاندا يىلىغا 650 مىليۇن كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىنىپ
      تۇرىدىكەن .
    تەكلىماكان قۇملىقىدا ھاياتلىق مەۋجۇت ، قۇملۇق ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئۆسۈملۈك تۈرىدىن 80 خىل ، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن 277 خىل ، بېلىق تۈرىدىن 38 خىل ، قۇشلار تۈرىدىن 189 خىل بارلىقى بايقالغان .1①
    تەكلىماكان قۇملۇقى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىي قىسمى بولغان تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ دېڭىز ئوكيانلار بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولۇپ تەخمىنەن 2 – 3 مىڭ كېلومېتىر كېلىدۇ ، تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقىدۇر . ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ، دېڭىز ئوكيانلاردىن كۆپ يىراق (تېنچ ئوكيانغا 3800 كىلومېتىر، ھىندى ئوكيانغا 1900 كىلومېتىر، شىمالىي مۇز ئوكيانغا 3900 كىلومېتىر، ئاتلانتىك ئوكيانغا 6500 كىلومېتىر )
      ، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا تارىم ئويمانلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ چىڭخەي شىزاڭ ئىگىزلىگى، تەڭرىتاغلىرى، قارا قورۇم تاغلىرى، ئالتۇنتاغ قاتارلىق دېڭىز يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاغلار ئوراپ تۇرغانلىقتىن ( ھىمالايا تېغى بىلەن قارا قۇرۇم تاغلىرى 5000 مېتىردىن ئىگىز، چىڭخەي شىزاڭ ئىگىزلىگىمۇ 4000 مېتىر ئىگىز) نەم ھاۋا ئېقىمى تارىم ئويمانلىقىغا كىرىپ ھۆل – يېغىن پەيدا قىلالمايدۇ. شۇڭا تارىم ئويمانلىقىنىڭ كېلىماتى تىپىك قۇرغاق كېلىمات بولۇپ شەكىللەنگەن.ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا ئاتلانتىك ئوكيان ، شىمالىي مۇز ئوكياندىن كەلگەن نەم ھاۋا تەڭرىتاغلىرى ۋە پامىر ئىگىزلىگىدىن ھالقىپ، ناھايىتى ئاز مىقداردا تارىم ئويمانلىقىغا كېلىدىكەن . تېنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياندىن كەلگەن سۇ پارىمۇ ناھايىتى ئاز مىقداردا چىڭخەي – شىزاڭ ئىگىزلىگىدىن ھالقىپ تەكلىماكانغا يېتىپ كېلىدىكەن ، شۇڭىمۇ پامىر ئىگىزلىگىنىڭ غەربىي ، تەڭرىتاغنىڭ غەربىي قىسىم جايلىرىدا دېڭىز ئوكيانلاردىن كەلگەن نەم ھاۋانىڭ تەسىرىدە ھۆل يېغىن مىقدارى 300 ~ 800 مىللىمېتىرغا يېتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارىنىڭ 6 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ . تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشلار تارىم ئويمانلىقىنىڭ دېڭىز – ئوكيانلاردىن يىراق ، ئىگىز تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرغانلىقتىن، نەم ھاۋانىڭ بۇ بالاياتقۇغا ئوخشايدىغان ئويمانلىققا كىرەلمەسلىگى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ قۇرغاق بولىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئىكەن . يىراق دېڭىز ئوكياندىن كەلگەن ئاز مىقداردىكى نەم ھاۋا تاغ تىزمىلىرىدا قار مۇز بولۇپ ئويۇپ، ئويمانلىقنىڭ سۇ مەنبەئىگە ئايلانغان .
    تارىم ئويمانلىقىنىڭ جۇغراپىيىلىك ھالىتىدىن قارىغاندا شەرق تەرىپى بىر ئاز ئوچۇق بولغانلىقتىن دائىم شەرقى شىمال بورىنى چىقىدۇ ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ %85 كۆچمەن قۇملۇق بولغانلىقتىن، ‹‹ قۇملۇقتا شامال كۈچى بەش بالغا يەتسىلا ، قۇمنىڭ كۆچۈشىنى شەكىللەندۈرىدۇ ›› ①1 ، قۇملۇق ھازىر يىلىغا 10 نەچچە مېتىر تېزلىك
      بىلەن كېڭەيمەكتە . ئىگىزلىگى 1 – 2 مېتىرغىچە بولغان  قۇم دۆۋىسى يىلىغا 1 – 5 .1 مېتىر  يۆتكىلىدۇ ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدە قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ھەرىكىتى 10 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ ، ھەتتا 100 مېتىرغىمۇ يېتىدۇ ، قۇم دۆۋىسى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ھەرىكەتچان بولىدۇ .
    تارىم ئويمانلىقىنىڭ ‹‹ ئىچكى قىسمىدىكى يەر تۈزۈلۈش شارائىتى غەرب ئىگىز ، شەرق پەس ، جەنۇب ئىگىز ، شىمالى پەس ، غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان . ئويمانلىقنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى دېڭىز يۈزىدىن 1200 ~ 1400 مېتىر ئىگىزلىكتە . شەرقىي ، شەرقىي شىمال تەرىپىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى 815 ~ 875 مېتىر ئىگىزلىكتە ، ئەڭ تۆۋەن بولغان لوپ كۆلى 760 مېتىر ئىگىزلىكتە ... ›› ② . دىمەك ئىگىز تاغ تىزمىلىرىدىكى قار مۇزلارنى مەنبە قىلغان دەريالار كۆپ ھاللاردا شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ ئېقىپ بوستانلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن .
    تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكىلوگىيە تارىخى خېلى كۆپ تەتقىق قىلىنغان ، بەزى ئالىملار ‹‹ تارىم ئويمانلىقى ئىزچىل تۈردە قۇرغاقلىشىۋاتىدۇ ›› دېسە ، كۆپ سانلىق ئالىملار : ‹‹ 20 مىڭ يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقى قۇرغاق چۆل مۇھىت بولۇپ ئۆزگەرگىنى يوق . ئەلۋەتتە بەزى دەۋرلەردە تېمپىراتۇرىدا ئۆزگىرىش بولۇپ كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، لېكىن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن ›› دەپ قارايدۇ .
     
    تارىم ئويمانلىقىنىڭ قۇرغاق ئىچكى ئويمانلىق بولىشى ، ھۆل – يېغىن مىقدارىنىڭ ئاز بولىشى ، تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرىلىقىدىن، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنىڭ يۇقۇرىلىقى سەۋەبلىك تۇپراق نەملىگىنى ناھايىتى تېز يوقىتىدۇ ، نەتىجىدە قۇملىشىش كۈچۈيىدۇ . دۆلەت 218 - تاشيولىنى بويلاپ ماڭغاندا، لوپ لەنگەر ئەتراپىدا شۇنچىكىلا شامال چىقسا ، قۇمنىڭ خۇددى سۇدەك ئاققانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

    تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران
    بولىشىدىكى سىر

    غالىب بارات ئەرك

    دۇنيا بويىچە 2 – چوڭ قۇملۇق – تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ دۇنيادا تېخى يېشىلمىگەن نۇرغۇن سىرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ ياتماقتا ، شۇڭا ئامىرىكىلىق ئالىم مورگان ‹‹ دۇنيا سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈكلۈكتۇر ، قاچانىكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن نۇرغۇن سىرلار يېشىلگۈسى ›› دىگەن ئىكەن . ئەنە شۇ ئاجايىپ سىرلارنىڭ بىرى، بۇ مەشھۇر قۇملۇققا تىلسىم بولغان شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىشىدۇر .
    1.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بىلىشكە تىگىشلىك بىلىم ئىكەن

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر