كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-07

    ھۇنلار نەگە كەتتى؟ - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    ھۇنلار تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىركى 3-ئەسىردە باش كۆتۈرۈپ چىققان كۆچمەن چارۋىچى قۇۋم بولۇپ، ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەرنى ئۈزلىكسىز سىڭدۈرۋېلىش ۋە قوشۇۋېلىش ئاساسىدا تېزلىكتە قۇدۇرەت تېپىپ، جۇڭگۇنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەن چارۋىچى ئۇلۇسقا ئايلىنىپ، تۇنجى قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ھاكىمىيىتىنى قۇرغان ھەم چىن، خەن سۇلالىلىرى زامانىدا غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. ئەمما ،كېيىن تاشقى بېسىم ھەم ئىچكى نىزا سەۋەۋىدىن بارغانسېرى بۆلىنىپ ھەر تەرەپكە كۆچۈپ، خۇددى «يامرىغان كەلكۈندەك»ياۋروپا- ئاسىيا يايلىقىنىڭ تارىخ مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگۇ بىلەن غەرىبنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن

    غەرىبكە كۆچكەن ھۇنلار مىلادىيىدىن ئىلگىركى 374-يىلى دون دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئالان دۆلىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچىشىدە ئاساسىي رول ئويناپ، ياۋروپا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە ھۇن پادىشاھلىقى ياۋروپادا ئېچىلىپلا توزىغان گۈلدەك تېزلا يوقالغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ھۇنلار يەنىلا قېلىپ قالغان. نۇرغۇن ئالىملار ۋېنگرلار دەل ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. دىمىسىمۇ ۋېنگرلار بىلەن ياۋروپادىكى باشقا يەردىكىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى روشەن پەرىقلىنىدۇ. يەنە ۋېنگر خەلق قوشاقلىرى بىلەن شىمالىي شەنشى، ئىچكى موڭغۇل خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئاھاڭى ئوخشاش بولۇپ، بۇمۇ ھۇنلار بىلەن باغلىنىشلىق.

    ئوتتۇرا ئاسىيادا توخار دۆلىتىنى قۇرغان قۇلان بابانىڭ دادىسىنىڭ فامىلىسى ليۇ، ئەۋېلادلىرىنىڭ فامىلىسىمۇ ليۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ فامىلىسىلا «قۇلان». ھازىر شىمالىي شەنشىدىمۇ ليۇ فامىلىلىكلەر ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار بەلكىم ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۈمكىن. نۇرغۇن ھۇنلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن كۆپىنچىللىرى قەبىلىسى ياكى ئۇرۇقىنىڭ نامىنى فامىلە قىلغان، قۇيان، تۇغلۇق دېگەنلەر مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن، ئەمما فامىلىسى مۇشۇنداق بولغانلارنى چوقۇم ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دىگىلى بولمايدۇ.

    «چاڭئەندىكى ھۇن» دەپ ئاتالغان ھەم «ئەڭ ئاخىرقى ھۇن» دىگەن رومانى بىلەن ئەدەبىتات ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان يازغۇچى گاۋ جيەنچۈن مۇنداق دېگەن:«ۋېنگرلارنىڭ سۇناي چېلىشى ھەم قەغەزدىن ھەرخىل شەكىللەرنى كېسىپ چىقىرىشى شىمالىي شەنشىلىكلەرنىڭكى بىلەن ئوخشايدۇ،

    ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرقى ئاھاڭىمۇ شىمالىي شەنشىلىكلەرنىڭ تەلەپپۇزىغا ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ۋېنگريە شائىرى فېتوپى بىر شېئىرىدا: < ئەي قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز، قۇردۇڭلار نىمىشقا دوناي بويىدا پادىشاھلىق، ئاسىيادىن شۇنچە يولنى بېسىپ كېلىپ> دېگەن. نۇرغۇن ۋېنگر ئالىملار ۋېنگريا بىلەن ھۇنلارنىڭ ئەۋلادىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدۇ.

    ھۇنلار گەرچە مىللەت سۈپىتىدە يوقالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى يەنىلا قىسمەن ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن، ھۇنلارنىڭ چالغۇسى بولغان « چۆرى» ھازىر ئاساسلىق موڭغۇلىيە، روسيە ھەم جۇڭگۇنىڭ ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ رايونلىرىدا تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشى ھەم ساقلىنىپ قېلىشى ھۇنلاردىن ئېشىپ چۈشكەن.

    مەنبە:«تەرمىلەر» زھورنىلى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر