كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-06

    ئاتالمىش« تارانچى مىللىتى» نەيرىڭىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    گۈلسۈم سەلەي

    مەنچىڭ خاندانلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ فىئودال مۇنارخىيەلىك تۈزىمىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئۈچ ھاكىم مۇتلەق ياڭ زىڭشىڭ ،جىڭ شۇرېن، شېڭ شىسەيلەر خەلقنى نادان قالدۇرۇپ زۇلمەتلىك تەغدىرگە دۇچار قىلماقچى بولدى. ئەينى شۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ، پارىخورلۇق ئەۋىج ئالغان ، مىللىي زىددىيەت ۋە مىللي زۇلۇم چېكىدىن ئاشقان ئىدى.

    شېڭ شىسەي 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ،جىڭ شۇرېننىڭ موستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى.بۇ ۋەقە،ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا « ئاپرىل ئۆزگىرىشى»دەپ ئاتىلىدۇ.جاللات شىڭشىسەي ئۆز مەقسىدىنى نىقاپلاپ «تەرەققەپەرۋەر»، «مىللەتپەرۋەر»لىك تونىنى كېيىۋىلىپ ئىلگىركى ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكتىن -چىرىك تۈزۈلمە ۋە ئىدولئولىگىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ گەرچە، مىللەتلەر ئارا بۆلگۈنچىلىك ، نىزاھ ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، جاسوسلۇق ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى مۇستەككەملەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، رەزىل مەقسىدىنى خەلىقتىن سىر تۇتالمىدى. شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش چېكىنگەن، ئۆلكە مالىيەسى قورۇغدالغان ۋە ھەممە يەرنى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاپلىغان ئىدى.

    شېڭشىسەينىڭ«ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نى دەستەك قىلىپ تەرەققى پەرۋەرلىك تونىغا ئورنىۋېلىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىدە بىر مەھەل پايدىسىغا ھەل قىلغۇچ ئۆزگۈرۈشلەر بولغان بولسىمۇ، يەنى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن شىڭشىسەي ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە خەتەرلىك رەقىبى بولغان ماجوڭيىڭنى يوقۇتۇشقا مۇۋاپپەق بولغان،سابىت داموللامنى ئۆزىدىن يېراق قىلغان ۋە خوجا نىياز ھاجىنى ئالداپ، دۈشمىنىدىن «ئىتتىپاقدىشى»غا ئايلاندۇرۈش ھىلە-مىكىرنى ۋاقتىنچە ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جاللاتلىق ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى قوينىغا ئۆزىنى ئاتىغانلىقىتىن ،سان-ساناقسىز رەقىبلەرگە دۇچ كەلدى.ئۇلار شېڭشىسەيگە قارشى ،يەرلىك كۈچلەر بولۇپ ئۇلار دېموكراتىيە،ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن ھەر مىللەت ئىلغارلىرى ئىدى.تېخىمۇ كۈچلۈكرەكى ،يىمىرلىۋاتقان ھاكىمىيەت،ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك،مانا بۇ بوھرانلار شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنى قورشاپ تۇراتتى.بەش يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشنىڭ جاراھىتىمۇ ئېغىراققى يەرلىك مىللي سەركەردىلەرنىڭ قولىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت بىلەن ئۇلارنىڭ قوراللىق قوشۇنى ئۇنىڭ ھالاكەتلىك تەغدىرىگە سېلىنغۇسى سىرتماققا ئايلانماقتا ئىدى.ئۇنىڭ مىسالى: جەنوبى ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىيەت موقۇم ئەمەس بولۇپ خەلقنىڭ غەزىپى تاشايلا دەپ تۇراتتى.شەرىقتە ماخۇشەن ،يولۋاسلارنىڭ قوشۇنى ،جەنوپتا ماھمۇت مۇھىدىنىڭ قوشۇنى،شىمالدا شەرىپقان (قازاق)،مەنچونجاپلارنىڭ(موڭغۇ) ئەترىتى،غەرىپتە شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىركىشىپ تۇرغان جاڭ پېييۈئەننىڭ قۇشۇنلىرى ھەر زامان ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ تۇراتتى.

    شېڭشىسەينىنڭ بۇ مىللىي قوراللىق كۈچلەرنى قىرىپ تۈگىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.دۇنيا مىقياسىدىكى دېمىكراتىك مىللي ئازاتلىق كۈرەشلىرىنىڭ تۈرىتكىسىدە جوڭگۇ ۋەزىيىتىمۇ ،جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىدىمۇ جىددي ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلمەكتە ئىدى.شارائىت تۈپەيلى ئۇيغۇر دىيارى خەلقىگە ئۆتمۈشتىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھېلە -مىكىرلەرنى ئەينەن قوللۇنۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان شېڭشىسەي ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەككەملەشتە خەلقنىڭ قارشىلىق كۈچلىرىنى بىر يولى يوقۇتۇش ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى چۈشەنگەچكە بۇ كۈچلەرنى پارچىلاپ ئارازلاشتۇرۇپ يۇقۇتۇش يولىدا باش قاتۇردى.

    ئەخمەتجان ئەپەندى بىرلەشكەن خەلق كۈچى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۆلكىمىزدىكى مۇستەبىت كۈچلەر قالدۇقلىرى ۋە ئەكسىيەتچىلەر خەلقچىللىق كۈچىنى بىراق بوغۇپ تاشلاشقا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن خەلق كۈچىنى بۆلۈپ،پارچىلاشقا ئۇرۇنىدۇ.»(«ئويغان گېزىتى»1947-يىل 20-نويابىر 14-سان)ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ، مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بولۇپمۇ، قەبىلە-گورۇھۋازلارنى ھەم ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقۇرى تەبىقە كاتتىلىرىنىڭ پائاليىتىنى خېلى دەرىجىدە ئۈگىنىپ تەتقىت قىلىپ ئۆلگۈرگەن شېڭشىسەي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچكى -تاشقى ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستىكى يېڭى ھىيلە – نەيرەڭلەرنى ئويلاپ چىقتى.ئۆزىدىن ئىلگىردىكى موستەبىتلەر ئىشلەتكەن خەلىقنىڭ دىتىغا سىغىش ،دىلىغا سىڭىش مەقسىتىدە بەزى ئادەملەرنى سېتىۋىلىش بەدىلىگە ئۆز خاھىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇلنى ئايىماي سەرىپ قىلىدىغان ئەمەلدارلارغا خاس دىبلوماتىيە ھىلىسى ھازىرلىقى شېڭشىسەيدىمۇ بار ئىدى. گۇرۇھ قەبىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقۇرى تەبىقە كىشىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ دىققىتىنى قانداق تارتىش ۋە بۇ خىل مەككارلىق تاكتىكىسى ئارقىلىق رەزىل مەقسىدىگە يېتىش،چارە-تەدبىرلىرىنى ئۇ ئالدىن -ئالا تۈزگەن ئىدى.ئۇنىڭ مۇنداق ھىلىسى«دان چىچىش»ئارقىلىق ئىندەككە كەلتۈرۈش ئاندىن بىمالال قىلتاققا ئىلىندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەبىلە-گورۇھلارغا زىددىيەت سېلىش ئارقىلىق خەلق كۈچىنى پارچىلاش ئۈچۈن ،خەلق بېشىغا پاراكەندىچىلىك سالىدىغان پاراسەتسىز مىللەت چىرىندىلىرى ۋە مەنپەئەت پەرەسلەردىن پايدىلىنىپ،بارلىق ھىيلە-مېكىرنى ئىشقا سېلىشقا تەييارلاندى.خەلق ئىچىدىكى قەبىلۋازلىق ، يۇرتۋازلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 مىللەتنى 14 مىللەتكە ئايرىدى.

    جاي-جايىدا مەدىنىيەت-ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇش،مەكتەپ ئېچىش،چەت ئەللەرگە مىللي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇقۇشقا چىقىرىش،سانائىي نەفىسە ئىشلىرىنى يولغا قويۇش،دوختۇرخانا قۇرۇش،سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن يېقىندىن موناسىۋەت ئورنۇتۇش ،جاھانگىرلىككە قارشى تۈرۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى.يەنە «مىللەتلەر باراۋەرلىكى»دېگەن نام بىلەن 1935-يىلى 12-ئاپرېلدا ئۇيغۇر دىيارى بويۇچە مىللەتلەر قۇرۇلتىيى چاقىردى.قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ئىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇرۇمچىگە ئۇزۇتۇش موراسىمى بويانداينىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى ئاق ئۆستەڭ بويىدا داغ-دۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى.موراسىمغا ئىلى ۋىلايىتىئىڭ ھەربىي مەمۇرى ئەمەلدارى چيۇسىلىڭ (شېڭشىسەينىڭ قېينىئاتىسى چيۇزوڭجۈن) قاتنىشىپ،سۆزگە چىقتى.

    ئۇ مۇنداق دىدى: «خالايىق بۈگۈن بىر ئاجايىپ زور ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ تۇرۇپسىزلەركى ئۇيغۇر دىيارى ،ئۇيغۇر دىيارى دەپ ئاتالغاندىن بۇيان بىرىجى قېتىم خەلق ۋەكىللىرى سايلىنىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارلىشىدىغان ھوقۇققا ئىگە بولماقتا.بۇ بولسىمۇ شېڭ دوبەن داھىمىزنىڭ غەنخورلۇقى» ئۇنىڭ سۆزىنى شۇ چاغلاردىكى خەنزۇ-تىل يېزىققا ئەڭ ساۋاتلىق داۋۇت موللا دېگەن كىشى تەرجىمە قىلغان ئىدى.ئىلى ۋەكىللىرى ئارىسىدا ھېكىمبەگ خوجا ،ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى تۇرداخۇنباي،غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مەنسۇر شەنجاڭ.مەرىپەتۋەر زات ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇف قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.شېڭشىسەي بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 مىللەتنى ،بۇلار:

    ئۇيغۇر،ئۆزبېك،تاتار،موڭغۇل،قازاق،خەنزۇ،تاجىك،قىرغىز،سولون،داغۇر،مانجۇ،شىبە،رۇس،تارانچى دەپ تىلغا ئالدى ۋە بۇنىڭ ئىچىدىكى «تارانچى» 14- مىللەت دەپ ئېلان قىلىندى.ئۇرۇمچىدە 14 مىللەتنىڭ ۋاكالەتخانىسى قۇرۇلۇپ،ۋاكالەتخانىدا ھەر بىر مىللەتنىڭ بىر نەچچە نەپەر ۋەكىلى تۇرۇپ ئىشلەش قۇرۇلتايدا قارار قىلىنىدۇ.«تارانچى»مىللىتىنىڭ ۋاكالەتخانىسىدا تۇرۇپ ئىشلەيدىغان ۋەكىلى ھامۇتخان دېگەن كىشى ئىدى.بۇ ئاتالمىش ۋاكالەتخانىدا ئىشلەيدىغان ھەر قايسى مىللەت ۋەكىللىرى مۇئاش ئېلىپ تەييار تاماق يەپ ياتقاننى ،رەسمىيەت ئۈچۈن ،زۆرۈر يىغىن ،موراسىملارغا،زىياپەت ،ئۇچۇرشۇشلارغا،مىللي كىيىمنى كىيىپ قاتناشقاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۆز مىللىتىگە ۋاكالىتەن ھىچ قانداق ئەمەلى ئىش بېجىرمەيتى.مىللى مەسىلە ھەققىدە ئەخمەتجان ئەپەندى مۇنداق دېگەن:« مىللەتلەر مەسىلىسى ھەر بىر مىللەتلەر ئارا ئەمەلىي تەڭ باراۋەرلىكىنى تەمىن ئېتىش بىلەن بولىدىغان مەسىلە.مىللەتلەرنىڭ ئەمەلي تەڭ باراۋەرلىكىنى تەمىنى ئەتمەستىن تۇرۇپ مىللەت ساتقۇنلىرىدىن يۇقۇرى ئورۇنغا بىر-ئىككى قورچاقنى ئولتۇرغۇزۇپ قويغانلىق بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.مىللەتلەر تەڭ بارۋەرلىكنى تەمىنى ئېتىدىغان بىر يول بار ئۇ،خەلقچىلىق يولى ئۇندىن باشقا ھېچ قانداق يول يوق.»«ئىتىپاق زھورنىلى»1949-يىلى 8-سان) ئىلى ۋە يەتتە سۇ تەۋەسىدە قاراخانلار دەۋىردىن ئىلگىركى ئۇزاق تارىختىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىللىرى ياشاپ كەلگەن.ئىلى ئۇيغۇرلىرى توغۇرسىدا مۇنداق رىۋاياتلەر بار.

    ئىلىنىڭ مۇنبەت توپرىقى دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ئۈنۈملۈك ،ئاشلىق كانى بولغاچقا ئىلى ئۇيغۇرلىرى تېرىقچىلىق بىلەن شۈغۇلىناتتى.جۇڭغارلار ئىستىلاسى دەۋىردە كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللار ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى ئۇلار شۇغۇللىنىۋاتقان تېرىقچىلىق كەسپىگە قاراپ «تارانچى»دەپ ئاتىغان.بۇ رىۋايەتنىڭ چىنلىقى زادى قانچىلىك بۇ يەنە تەتقىت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.بەزى تارىخىي ۋەسىقىلەردە تارانچى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسىمۇ دىيىلىدۇ.

    ئىلىلىق(تارانچى). ،قەشقەرلىق،خوتەنلىك،ئاقسۇلۇق،تۇرپانلىق،قۇمۇللۇق،ئاتۇشلۇق،كۇچالىق ھەممىسى بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.تۇغۇلغان يۇرتنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتىش ئۈچۈنلا «لىق».«لىك»قوشۇمچىسى قوشۇپ ئېيتىلىدىغان خەلىقلەر كۈرمىڭ.ئەمما،تۇغۇلغان يەرنىڭ نامى ئۆتمۈشتىكى كەسپىنىڭ نامى بىلەنلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى پارچىلاش سۈيقەستىدە بولۇش تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،ئەلبەتتە.شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى پارچىلاش ئارقىلىق زورلاپ تېڭىلغان «تارانچى مىللىتى»نامىنى ئىلى خەلقى ئەسلا قوبۇل قىلمىدى.بۇ ئويدۇرما نام خەلق ئىچىگە سىڭمەي قانداق تەتۇر قويۇن ئاستىدا پەيدا بولغان بولسا،ئۇنىڭدىمۇ كۈچلۈك تەتۇر كاچات زەربىسىدە ناھايىتى شەرمەندىلەرچە غايىپ بولدى.

    1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «تارانچى مىللىتى»نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.1949-يىلى جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا ياشىغان 13 يەرلىك مىللەتنى مۇقۇملاشتۇرۇپ ئېلان قىلدى.شېڭشىسەينىڭ مىللەتلەرنى بۆلۈش پارچىلاش نەيرىڭى تارىخنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپ ئاخىرى بەربات بولدى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر