كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-02

    ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم (1) - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    ئاتتىلانىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

    ھونلار كۆچۈپ يۈرۈيدىغان، كۆپ خىلدىكى تىللارنى ئىشلىتىدىغان، كۆپ خىلدىكى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەتتۇر. روبەتس نىڭ كىتابىدا دېيىلىشىچە، ھونلار ئەسلىدە ئۇرالنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۈرك ياكى ئاسىيالىق كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ، دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېغىزاكى تارىخلاردا ئاساسەن خاتىرىلەنمىگەن، ياكى بولمىسا بۇ سوئالغا بەزىدە قالايمىقان جاۋاب بېرىلگەن. لېكىن، مەن يېقىندا ھونلار ۋە ئاتتىلا توغرىسىدا بىر قانچە تور بەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. «ھونلار كالېندارى» دېگەن بىر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، باتۇر تەڭرىقۇت («Mao-tun») نىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈشى بىلەن ھونلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى باجكال كۆلى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەتىراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلان باتۇر نىڭ قېشىدىكى لوڭچېڭ نى پايتەخت قىلغان. ھەمدە ھونلار مىلادىيىدىن كېيىنكى 469-يىلى ئاخىرقى پادىشاھسى دەڭىزىك نىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن دۇنيادىن غايىپ بولغان. ئاتتىلا مىلادىيىدىن كېيىنكى 395-يىللىرى دانۇبە جىلغىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇغۇلغان (دانۇبە جىلغىسىنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ، بۇ ئىسىمنىڭ بىر قانچە دۆلەتتە بارلىقىنى بايقىدىم. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئاتتىلا تۇغۇلغىنى ئاۋىسترىيەدىكىسى بولىشى مۇمكىن). ئاتتىلانىڭ دادىسى مۇندزۇك پادىشاھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تارىخىنى 32 ئەۋلادقىچە تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز ئادەم توپىنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ ياخشى ساقلىغان بىر ئائىلە بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
    ئاتتىلا دەسلەپتە قويغا مىنىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كېيىنچە ئات مىنىش ماھارىتىدىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ھەمدە ئوقيا، نەيزە، ئارغىماق، قېلىچ ۋە قامچا ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن. بۇلار ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھونلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ماھارەتلىرى بولۇپ، بىر ئاقسۆڭەكلىك دەرىجىسىدىكى كىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ماھارەتلەر ئىدى. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ۋە ئىقتىدارسىزلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك كەمسىتىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگەن. ھەمدە ئۆز ماھارىتىنى ناھايىتى خەتەرلىك ئوۋ-ئوۋلاش پائالىيەتلىرىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن خەلق-ئاممىسى ئالدىدا نامايان قىلغان. مەسىلەن، ئۇ بۆرە ۋە ئېيىقلارنى تورغا چۈشۈرۈپ تۇتۇۋېلىپ، ئاندىن بىر قىسقا پىچاق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەن. ئاتتىلا دادىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنداق مۇناسىۋەت پادىشاھ مۇندزۇك نىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ئاتتىلا ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاياغلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان تاغىسى رۇگىلا نىڭ قولىدا قالغان.
    رۇگىلا ئۆزىنىڭ ئادەم توپى ئۈچۈن ھونلار ناھايىتى ئاسانلا يېڭەلەيدىغان چەت ئەللەرگە بېقىندا بولىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. ئاتتىلا بولسا بۇنداق سىياسەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلا نىڭ بالىلىق تەقدىرى ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىشكە باشلىغان. ئاتتىلا 12 ياشقا كىرگەندە، رۇگىلا ئۇنى رىم پادىشاھسى خونورىيۇس (« Honorius ») نىڭ ئوردىسىغا گۈرۆگە ئېلىنغۇچى قىلىپ ماڭدۇرغان. بۇنىڭ ئۈچۈن رىملىقلار ئېتىراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق رۇگىلاغا ئۆزىنىڭ ئېيتىيۇس (« Aetius ») ئىسىملىك بىر ياش ئادىمىنى گۈرۆگە بەرگەن. مۇشۇ ئارقىلىق رىم پادىشاھسى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوردىسىغا گۈرۆگە كەلگەن كىشىلەرگە رىملىقلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە ھەشەمەتلىك ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، باشقىلارنىڭ دۆلەتلىرىگە گۈرۆگە قويغان كىشى سۈپىتىدە ماڭدۇرغان كىشىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
    رىملىقلار ئاتتىلانىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگراممىلاشقا ئۇرۇنغاندا، ئاتتىلا ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، رىملىقلارنىڭ ھېچ قانداق نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. ھەمدە گۈرۆگە ئېلىنغان باشقا بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن. ئۇ ئىككى قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان. قېچىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رىم پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشقان. ئۇ رىمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى، ھەربىي ئىشلىرىنى، ۋە رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاجىزلىقىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلارنىڭ چەت ئەل مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىك يىغىنلىرىنى يۇشۇرۇن ھالدا كۆزەتكەن. لىدېرلىقنى، تاشقى ئىشلار مۇراسىمىنى ۋە باشقا كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ۋە دىپلوماتلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. ھەمدە شۇ جەرياندا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ پىلانلىرى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە توغرا تۈزۈلگەن.
    ئاتتىلا رىمدىن دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇلغاندا، ئۇ يەردىكى ھونلار قەبىلىسىدە يەنىلا بىر مەركىزىي سىياسىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى بولمىغان. ئوخشىمىغان ھون تەبىقىلىرىنى ئوخشىمىغان تەبىقە باشلىقلىرى («chieftain») باشقۇرىدىغان بولۇپ، بۇ باشلىقلار بىرەر ھون پادىشاھىغا تەۋە بولمىغان. ئاتتىلا رىمنى يېڭىش ئۈچۈن چوقۇم ھەممە ھون تەبىقىلىرىنى بىرلەشتۈرمە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ھون تېرىتورىيىسىگە كۆپ قېتىملاپ ئوۋ ئوۋلاش سەپىرى قىلىپ، ھەممە تەبىقە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھەمدە بۇ تەبىقە باشلىقلىرىغا تەسىرلىك مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. پۇختا تەييارلىق قىلىپ، توغرا پەيتىنى كۈتۈپ، ئىنىسى بلەدا بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، ئاتتىلا دۇنابە جىلغىسىدىكى ھون قەبىلىسىگە پادىشاھ بولغان (بەزىلەر ئىنىسى بلەدانى ئاتتىلا ئۆزى ئاشۇ قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا قەستلەپ ئۆلتۈرگەنمۇ دەيدىكەن -ئاپتور). ھەمدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى دەرىجىلىك داھىيلىق قابىلىيىتى بىلەن باشقا ھون تەبىقىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر تەڭداشسىز ھون ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقتىدا، ھونلار قوشۇنىنىڭ ئەسكەر سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
    ئاتتىلا ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، ئۆزى ھونلارنىڭ پادىشاھسى بولسىمۇ ناھايىتى ئاددىي-ساددا ياشىغان. ھەمدە ھەممە ئىشلارنى ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن سورىغان. لېكىن، ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن تەبىقە باشلىقلىرىنى يىغىپ ئوپچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ قىلچىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي، ھونلارغا گېرمان بىلەن سلاۋ مەملىكەتلىرىنى ئۆز كونتروللىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش، ۋە رىم بىلەن كونستانتىنوپۇل («Constantinople») نى ئىگىلەش، ئاندىن پۈتۈن ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا ھۇجۇم باشلاش قاتارلىق مىللىي نىشاننى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن. ئاتتىلانىڭ پىلانى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ بالىلىق چېغىدىكى ئارزۇلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ياشلىق دەۋرىدە كۆرگەن ئىشلىرى ئارقىلىق پۇختا تاۋلانغان. ئۇ ئۆز پىلانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇ ھېچ قانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلمىغان، ھېچ قانداق ئىشتا تەۋرەنمىگەن، ۋە باشقىلارغا باش ئەگمىگەن. باشقىلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالغان، ئەتىراپىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن، ھەمدە بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېتىپ كەلگىچە سەۋرى-تاقەتلىك بىلەن ساقلىغان.
    ئاتتىلانىڭ قوشۇنى شۇنچە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇلار مەقسەتتە بىردەك بولغان. ئۇلارنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، ھەمدە ھەممە ۋاقىت ناھايىتى جاسارەتلىك بولغان. ھون قوشۇنى يېڭى تېرىتورىيەلەرگە يۈرۈش قىلغاندا بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھېچ قانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايلا غەلىبە قازانغان. نۇرغۇن كەنتلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھون ئارمىيىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئوي-ماكانىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.
    خۇددى ئاتتىلا رىمدا رىم پادىشاھلىقىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرى ھەمدە ئۇرۇش ۋە ئەسكەر تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، ئېيتىيۇسمۇ ھونلار يۇرتىدا ھونلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە جەڭ قىلىش تېخنىكا-ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىمنىڭ ھەربىي قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھون قوشۇنىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە بىر قېتىم قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان. يەنى مىلادىيىدىن كېيىنكى 451-يىلى شالون («Chalons») دىكى بىر ئۇرۇشتا ئېيتىيۇس ئوقيا بىلەن ئاتلىق ئۇرۇش قىلىشقا ئادەتلەنگەن ھون قوشۇنلىرىنى پىيادە ئۇرۇش قىلىشقا قىستاپ، 162-300 مىڭدەك ھون ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. بۇ ئاتتىلا ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىش بولۇپ، ئۇ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن. ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانى سوراش ئارزۇسى مۇشۇ قېتىم بىر ئاز ئاجىزلىغان.
    ئاتتىلا قوشۇنىنى دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى قايتىدىن رەتكە سالغان. ئۆز قوشۇنىنىڭ كىيىنىشى، ئۇرۇش تېخنىكىسى، ماھارىتى ۋە ئۇرۇش قوراللىرى قاتارلىق ھەممە جەھەتتە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، ھون قوشۇنى ئاتتىلانىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا رىمغا قاراپ قايتا يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، رىمغا يېقىنلاشقان. رىم پادىشاھسى بۇ تەڭداشسىز قوشۇننىڭ قۇدرىتىدىن قورقۇپ، قاتتىق ۋەھىمە ئىچىگە پاتقان. ئۇلار دەسلەپتە ئاتتىلانى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان، لېكىن رىمنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدىغان ئاتتىلانىڭ بۇ سودىغا كۆنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن. رىم پادىشاھسى ۋالەنتىنىيان («Valentinian») ئۆزىنىڭ سىڭلىسى خونورىيا («Honoria») نى ئاتتىلاغا خوتۇن قىلىپ تەقدىم قىلىشنىمۇ ئويلىغان. لېكىن ئۆزىنىڭ 300 دىن خوتۇنى بار ئاتتىلانىڭ بۇ ئىشقىمۇ كۆنمەسلىگىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كېيىن، رىم پاپىسى لىيو («Leo I») نى ئاتتىلا بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە ماڭدۇرغان. بۇ پاپا بىلەن ئاتتىلا ئوتتۇرىسىدا نېمە گەپ-سۆزلەر بۇلۇنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان بىر سىر بولۇپ، ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاتتىلا رىمغا ھۇجۇم قىلماي، باشقا ئۇرۇشمۇ ئېلىپ بارماي، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دۇنيانى سوراش خىيالىدىنمۇ بارا-بارا ۋاز كېچىپ، ھەممە ئىشنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق قىلىشقا ئۆزگەرگەن. ئۇ ئۆزىنى ھونلارنىڭ پادىشاھسى دەپ قايتىدىن جاكارلاپ، ئۆزىگە قارشى چىققان تەبىقە باشلىقلىرىنى داۋاملىق تۈردە پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
    ئاتتىلاغا قارشى چىققان ئاشۇنداق تەبىقە باشلىقلىرىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل كەلگەن بىر قىزى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن دادىسىنى ئۆلتۈرمەسلىكىنى تىلىگەن. لېكىن، ئاتتىلا ئۇ باشلىقنى يەنىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما ئاتتىلانىڭ كۆزى ئىلدىكو («Ildico») ئىسىملىك بۇ گۈزەل قىزغا چۈشۈپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالىدىغان بولغان. ھونلار بۇ توينى بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى، دەپ ئويلىغان. ئۇلار ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئۈمىدسىزلىكلىرىنى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قولىغا ئېلىش يۈرۈشىنى يېڭى ئىرادە بىلەن باشلايدۇ، دەپ ئويلىغان. داغ-دۇغلۇق ۋە خوشاللىق ئىچىدە يېرىم كېچىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تويدىن كېيىن، بۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن ئۆز ھۇزۇرىغا قايتقان. لېكىن ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھېچ قانداق شەپە ئاڭلانمىغان. قايتا-قايتا چەككەن ئىشىككىمۇ ھېچ كىم جاۋاب بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆز پادىشاھىدىن ئەنسىرىگەن قوغدىغۇچىلار ئاتتىلا ھۇزۇرىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ ئېچىپ كىرگىنىدە، قانغا مۆلىنىپ يالىڭاچ ياتقان ئاتتىلانىڭ ئۆلىكىنى كۆرگەن. بەزىلەر ئىلدىكو ئاتتىلانى ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ. لېكىن ئاتتىلانىڭ بەدىنىدە ھېچ قانداق زەخمىلەنگەن يەر يوق. بەزىلەر ئاتتىلانى ئۇنىڭ يېڭى زىمىنگە ئېرىشەلمەي دادىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ يۈرگەن 6 ئوغلى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ (ئاتتىلا رىمنى قولغا چۈشۈرمەي قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ 6 ئوغلى قاتتىق نارازى بولغان). يەنە بەزىلەر ئاتتىلانى توي جەريانىدا قاتتىق ھېرىپ كېتىپ، تەبىئى سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن، دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئاتتىلا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئىشەنمەي، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تاللىمىغان. ھەمدە ئىزباسارنى ۋاقتى كەلگەندە ئاسانلا تاللىغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، باشقا بىرەيلەننى ئىزباسارلىققا بېكىتىپمۇ قويمىغان. 454-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، گېرمان قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ، ھونلارنى گۇمران قىلغان.
    ھونلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان ۋېنگرىيەلىك قاتارلىق خەلق ئاتتىلانى ھازىرمۇ ناھايىتى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئېسىدە ساقلايدۇ. گەرچە غەربلىكلەر ئاتتىلانى دېگەندەك بىلىپ كەتمىسىمۇ، ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ بىر ئەقىللىق مەدەنىيەت تارقاتقۇچى بولۇش، ئىش قىلىشتا ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش، ۋە يېڭى ئوي-پىكىرگە باي بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلۇغ ئالېكزاندېر («Alexander the Great») ۋە سىسار («Caesar») قاتارلىق كىشىلەردىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى كىشىلىك خاراكتېرى، قىممەت قارىشى ۋە پرىنسىپلىرى يېتەكلىگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىدېرلىق سىرلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ماڭىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر