كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-02

    قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ھونلار - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئاپتورى: ئىبراھىم مۇتىئى

    قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادا قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ شەھەر تۇرمۇشى كەچۇرۇپ كەلگەن ئەڭ مەدەنى خەلقلەرنىڭ بىرسى. —(مالۇف) ئۇيغۇرلار باشتا ھون قەبىلە ئىتىپاقىدا بولغان. غەربىي ھون قەبىلىلىرى ئىچىدە ساراغۇرلار، ئونوغۇرلار، كوتۇغۇرلار دىگەن قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقى بۇنى كورسىتىپ تۇرۇپتۇ. تۇركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمقى خەلق داستانلىرىدىن بولغان <<ئوغۇزنامە>> دە مەدھىيلەنگەن ۋە ھونلارنىڭ بىرىنچى خاقانى دەپ تونۇلغان ئوغۇزخانمۇ ئوزىنى ئۇيغۇر خاقانى دەيدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلار ھون قەبىلە ئىتىپاقىدا مۇھىم رول ئوينىغان خەلقلەرنىڭ بىرى. <<شەجەرى´ئى تۈرك>>تە ئېيتلىشىچە، <<ئۇيغۇر >>دىگەن سوزنىڭ مەنىسى، <<ئۇيۇشماق>>، <<ئۇيۇشقۇچى>> دىگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئوغۇزخان ئەتراپىغا ئۇيۇشقانلىقى ئۇچۇن مۇشۇ گۇزەل نامنى ئالغان. ھونلار ياۋروپاغا كوچۇپ بارغاندىمۇ، ئاتتىلا قوماندىسى ئاستىدىكى خەلقلەر ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر قەبىلىسى بولغان. بەزى ئالىملار غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك سودىسى ھون ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن تارتىپلا مەۋجۇد ئىدى، ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى كۇرەشنىڭ ئىقتىسادى سەۋەبلىرى ئىچىدە ئەنە شۇ يىپەك سودىسى مەسلىسىمۇ بار ئىدى، دەيدۇ. ئەگەر بۇ پەرەز توغرا بولىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلار شۇ زاماندىن تارتىپلا يىپەك يولى سودىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ بىرى. ياۋروپاغا ئاتتېلا قوماندانىسىدا بارغان ھونلار تەركىبىدە ئىككى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ بولغانلىقى ۋە بۇ ھونلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردا ئوزىنىڭ شەرقتە قالغان تۇققانلىرى- غەربىي لىياڭغا سودا كارۋانلىرى ئەۋەتكەنلىكى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ھونلار بىلەن ئاۋارلاردىن كېيىن چولنىڭ شىمالىدا كوك تۇرك خانلىقى باش كوتۇردى. كوك تۇرك خانلىقىدىن قالغان مەڭگۇ تاشلاردىن بىز شۇنى ئوچۇق كورۇۋالالايمىزكى، كوك تۇرك دولىتى تەركىبىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئاساسىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان. مىلادى 5- ئەسىردە تۇلەسلەر يەنى ( ئۇيغۇرلار) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ دالالىرىدا ھەرىكەت قىلغان. داۋامى: كوك تۇركلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەپ ۋىزانتىيە ۋە ئىران چېگرىلىرىدا ھەرىكەت قىلغان دەۋرلەردە كوك تۇرك قوشۇنلىرى تەركىبىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن. مالوۋنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 5- 6 – ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىران تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مانى دۇئاسى بۇنىڭدىن دالالەت بېرىدۇ. كوك تۇرك خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر خانلىقى ئىگىلىدى. بىزگە مەلۇم، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ناھايىتى دوستانە مۇناسىۋەتتە بولغان بۇ خانلىق قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ ئاكىتپ ھىمايىچىلىرى بولدى ۋە بۇ سودىدىن ئەڭ كوپ نەپ كوردى. ئۇلار تاڭ سۇلالىسى بىلەن ناھايىتى دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ئاتقا يىپەك ئالماشتۇرغان. ئات سودىسىدا ئىگە بولغان يىپەكلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزلىرى ئىشلىتىپ تۇگىتەلمەيتتى ئەلۋەتتە. ئۇلار بۇ يىپەكلەرنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە شۇ ئارقىلىق ئىران ۋە ياۋروپاغا ساتاتتى. يىپەك يولى سودىسى بىلەن ئەنە شۇنداق قۇيۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركىي خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ مەدەنىي خەلقلەردىن بولۇپ يېتىلىشىگە سەۋەپ بولدى. مەنبە: شىنجاڭ تارىخشۇناسلىقى 1981- يىل 1 – سان


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر