كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
     
2005- يىلى قازاقىستاننىڭ سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ غوجا ئەخمەت سادۋاقاسوف نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ” قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىدىكى ئەنئەنە ۋە يېڭىلىقلار” دېگەن تېما ئاستىدا خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان ئىدى. بۇ يىغىندا قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە جوڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى، تىلى، ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك ئۇلار فولكلور مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ ساھەلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ھەمدە 2006-يىلى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى مەزكۇر يىغىننىڭ ماقالىلىرىنى توپلاپ بىر ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.
ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم مەنبە- ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى
” قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىدىكى ئەنئەنە ۋە يېڭىلىقلار ” دەپ ئاتالغان مەزكۇر ماقالىلار توپلىمى 2006-يىلى ئالمۇتادىكى “ناش مىر” نەشىرياتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ توپلامغا 40 پارچىغا يېقىن ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
توپلامدىكى ماقالىلار ئىچىدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ” ئۇيغۇرلار ۋە ياپونىيە ئىمپېرىيىسى” ماۋزۇلۇق ماقالە ئۆزگىچە بولۇپ، ياپونىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس جۇن سۇگاۋارا تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتى، ياپونىيىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك ئالاقىلىرى ھەققىدە بايان قىلىنىدۇ.
ئاپتور بۇ ماقالىنى يېزىشتا ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت توپلىغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلارنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئاپتور ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن ئارخىپلارنىڭ نۆۋەتتە، “ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى” دەپ ئاتالغان ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر ئارخىپخانىدا توققۇز توملۇق” شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار توپلىمى” دەپ ئاتالغان مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت ھۆججەتلەر توپلىمى بار بولۇپ، ئاپتور بۇ ھۆججەتلەر ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ توپلام ئەشۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى چۈشىنىشتە بەكمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ياپونلارنىڭ قوللىرىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ياپونىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمدە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان ياپونلارنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ماتېرىياللىرىمۇ ساقلانماقتا.
ياپون ئۇيغۇرشۇناسى جۇن سۇگاۋارانىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1939-يىلى ماھمۇت مۇھىتى بىلەن توكيوغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنىڭ ” مۇھاجىرەتتە يوقالغان مۇجاھىدلىرىمىز” ناملىق كىتابچىسى 1941-يىلى توكيودا نەشىر قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا يەنە كومۇرا فۇجىئو يازغان توكيو، بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان ياپونلۇق مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى “ياپونىيە ئىسلام تارىخى” ناملىق كىتابمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان.
ياپونىيە ئالىمى جۇن سۇگاۋارانىڭ ” ياپونىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇيغۇرلار ” ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى تۈزگەن توققۇز توملۇق مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمىدا يەنە 1937-يىلى گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ سۇيىقەستىدىن قۇتۇلۇپ، چەت ئەللەردە كۈچ توپلاپ، قايتىدىن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغاش مەقسىتىدە ھىندىستانغا چىقىپ كېتىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن 1939-يىلى باشقا 14 كىشىنى ئېلىپ ياپونىيىگە كېلىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئۇچۇرلارمۇ بار.
جۇن سۇگاۋارانىڭ يېزىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ توكيودىكى ۋە خۇخخوت قاتارلىق جايلاردىكى پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە خېلى يېتەرلىك مەلۇماتلار مەۋجۇت. بۇ ماتېرىياللار ماھمۇت مۇھىتىنىڭ 1939-يىلىدىن تاكى ۋاپات بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىش ھەرىكەتلىرى جۈملىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر.
ياپونىيىدە ئۆيلەنگەن توختى باينىڭ ھېكايىسى
جۇن سۇگاۋارانىڭ يېزىشىچە، ياپونىيە دائىرىلىرى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى چېغىدىلا ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتكەن بولۇپ، ھەتتا ياپونىيە ئەينى ۋاقىتتا شىڭ شىسەينىڭ قەشقەردىكى ئاتلىق دىۋىزىيىگە ئەۋەتكەن بۇيرۇقى ۋە ماھمۇت مۇھىتىنىڭ سۈرىتىگىچە قولغا چۈشۈرۈۋالغان. ياپونىيە دائىرىلىرى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ جۇڭگو ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇچرىشىشىنى كۆزىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشىگە يول ئاچقان.
بۇ توپلامدا ماخمۇت مۇھىتىنىڭ 1939-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيىگە كەلگەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، توپلامدا مەزكۇر 15 كىشىنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. ماخمۇت مۇھىتىدىن قالسا، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-نومۇرلۇق شەخس باي ئەزىزى، ئۇنىڭدىن قالسا ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس سۈپتىدە توختى باي بولۇپ، ئۇ ياپونىيىلىك ئايالغا ئۆيلەنگەن ھەمدە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدە مۇساپىرچىلىقتا ياشاپ، 1955-يىلى كېسەل بىلەن توكيودا ۋاپات بولغان. ئۇ سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ قەشقەردىكى باياشات ھاياتى، قەشقەرنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت مەلۇماتلار 2- جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
ماھمۇت مۇھىتى ياپونىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، توپلامدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار 1939-يىلىدىن كېيىن ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋاملاشتۇرمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى بۇ چاغدا، ياۋروپادا ئۇرۇش پارتلىدى، ئارقىدىنلا تىنچ ئوكياندا ئۇرۇش يۈز بەردى.
شۇ ۋەجىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چولىسى تەگمىدى. جۇن سۇگاۋارانىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن ماھمۇت مۇھىتى ياپونىيىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، جۇڭگوغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ماھمۇت مۇھىتىمۇ توختى باي بىلەن مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنى ياپونىيىدە قالدۇرۇپ، باشقا 13 كىشىنى ئېلىپ جۇڭگوغا قايتىپ، بېيجىڭدىكى قۇمۇل ۋاڭ سارىيىدا تۇرغان. كېيىن خۇخخوتقا بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى قوي بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا تىرىشقان.
ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ئورنى تاكېچى سارىيى
بۇ چاغدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمىسىمۇ، لېكىن ياپونىيىنىڭ جوڭگۇنىڭ شىمالىدىكى بەزى ئورگانلىرى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. مەسىلەن مانجۇرىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ تاكېچى ئىسىملىك بىر ئادىمى دائىم خۇخخوتقا بېرىپ، ماخمۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغان. ئۇ 1943-يىلى خوخخوتقا تاكېچى سارىيى دەپ ئاتالغان بىر ئورۇن قۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دائىم بۇ يەرگە كېلىپ قونۇپ يۈرگەن. گەرچە تاكېچى سارىيى مانجۇرىيە تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ شۆبىسى بولسىمۇ، لېكىن تاكېچى ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىپ، ئۇلاردىن كۆپ مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەن.ياپون ئالىمى جۇن سۇگاۋارانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تاكېچى سارىيىنىڭ قۇرۇلۇپ، تاكېچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس بولۇپ، ئاپتورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇنىڭدا بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش بار يەنى بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى يولغا قويغان ” شىمالىي جۇڭگونى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىچكى موڭغۇلىيىنى ساقلاپ قېلىش، ئىچكى موڭغۇلىيىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭنى ساقلاپ قېلىش” دېگەن ساۋاقنى قوبۇل قىلغان.
ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئەڭ قىزىققان ۋاقتى 1933- 1938-يىللىرى
1945-يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توختاپ قالغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئازلاپ كەتكەن.
ئومۇمەن، ياپونىيە ئالىمى جۇن سۇگاۋارانىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئەڭ قىزىققان ۋاقتى دەل 1933-1937-يىللىرى بولۇپ، 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ زېمىنگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى قوزغاتقان.
بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ياپونىيىنىڭ ئاشۇ جەمھۇرىيەت بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يوقىتىپ، ئەكسىچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇش تاكتىكىسىنى بەلگىلىگەن ھەمدە شىڭشىڭشادا 8-قىزىل ئارمىيە پولكىنى تۇرغۇزۇپ، ياپونلارنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشىنى توسماقچى بولغان ئىدى.
جۇن سۇگاۋارانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت سىياسىتىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ماتېرىيال يەنىلا شۇ توققۇز توملۇق “توپلام” بولۇپ، بۇ جەمئىي 7500 بەتتىن ئىبارەت، بۇنىڭغا 1926-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە بولغان ئازغىنا كەم 20 يىللىق ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن.
” مانا بۇنىڭدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ مەزگىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ” دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ياپون ئالىمى سۇگاۋارا ئەپەندى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا “شىنجاڭ”نىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياپونىيە كونسۇلخانىلىرى مەسىلەن، كابۇل، كالكۇتتا، نوۋوسىبىرسك، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى كونسۇلخانىلار شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى توپلاپ، ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىغا يوللاپ بېرىش بىلەن تەڭ يەنە مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان.
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۇچۇرلىرى
“ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى “دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئارخىپخانىدىكى توققۇز توملۇق ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت توپلامدا يەنە “خوتەن ئەمىرىنىڭ سۆزلىرى” دېگەن نەقىللەر كۆپ ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان “خوتەن ئەمرى” 1932-يىلى قۇرۇلغان خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرادۇر.
خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1934-يىلى تۇڭگانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، كابۇلغا كېتىپ، شۇ يەردە بىر مەزگىل پاناھلىنىش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ كابۇلدىكى كونسۇلخانىسى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى ياپونىيە دائىرىلىرىغا مەلۇم قىلىپ تۇرغان ئىكەن.

收藏到:Del.icio.us