1. قوراللىق توقۇنۇش ھەل قىلىنغاندىن كىيىن، ئىككى ئاي ئىچىدە مەمۇرى باشلىقلارنى سايلاپ بولۇش كىرەك .
2. دىنى ئىتىقاتنىڭ كەمسىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دىنغا ئىتىقات قىلىش ئەركىنلىكى بىرىلىشى كىرەك .
3. دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى مۇسۇلمانلار يىزىقىدا بولۇشى كىرەك .
4. باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا، ئالى مەكتەپلەردە مۇسۇلمانلار يېزىقى قوللىنىلىشى ، ئاممىۋى مائارىپ كەڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشى كېرەك .
5. مىللى مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئەركىن تەرەققى قىلدۇرۇلىشى بەلگىلىنىلىشى كىرەك .
6. مەتبۇئات، يىغىلىش، سۆز ئەركىنلىكى بىرىلىشى كېرەك .
7. خەلقنىڭ ئەمەلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە باج-سىلىق بەلگىلىنىشى كېرەك. مۇسۇلمانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى مەجبۇرىيىتى شۇ باج-سېلىقلار ئىچىدە بولىدۇ. لىكىن، بۇ خىل مەجبۇرىيەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا خەلىقلەرنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشىنىڭ راۋاجلىنىش دەرىجىسىگە توسقۇن بولماسلىقى كېرەك .
8. سودىگەرلەرگە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سودا قىلىش ئەركىنلىكى بىرىلىشى كېرەك .
9. ھەر قايسى رايونلاردا مىللى قوشۇن تەشكىل قىلىشقا يول قويۇلىشى كىرەك. بۇ قىتىمقى ۋەقەغە قاتناشقان قوشۇن دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شىتاتى بويىچە ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىدۇ. قوشۇننىڭ مەشخۇلاتى ۋە بۇيرۇقلار ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدا يۈرگۈزىلىدۇ .
10. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەركىبىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سان نىسبىتىگە قاراپ ئۆز ۋەكىللىرى بولۇشى كىرەك .
11. ئەركىنلىك ئۈچۈن قوزغىلاڭغا قاتناشقان مۇسۇلمان ئەربابلىرى بىردەك سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى كىرەك. زىيانكەشلىك ، ئۆچمەنلىك قىلىنماسلىقى لازىم. قوراللىق توقۇنۇش ۋەقەسى ھەل بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئەركىنلىك ئۈچۈن قوزغىلاڭغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر بوشىتىلىشى كىرەك.
شەھلا مۇنبىرىدىكى كارىزچى يازمىسى.