كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-01

    ئوغۇزخان بىلەن كروران گۈزىلىنىڭ سۆھبىتى - [باشقىلار]


    مۇئەللىپى : رەھىمجان رەھمەتجان


    سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ، خىلمۇ - خىل قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان بىر باغ . بۇ يەردە يۈزلىرى كۆك ، ئاغزى ۋە كۆزى قىزىل ، بەدىنىنىڭ تۈكلىرى پارقىراپ تۇرغان ، بۇقا پۇتلۇق ، بۆرە بەللىك ، يىلپىز يەلكىلىك غايەت زور بىر نۇرانە ئىنسان ئۆز يېنىدىكى ئوغۇللىرىغا سۆزلەۋاتاتتى ، ئوغۇل بالىلارنىڭ ئىسمى قىزىقارلىق بولۇپ ، كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، كۆك ، تاغ ، دېڭىز ئىدى . بالىلارنىڭ يېنىدا كۆك يايلىلىق بۆرە شوخلۇق بىلەن ئويناپ يۈرەتتى .
    بالىلار بىر - بىرىدىن نۇرلۇق ۋە قامەتلىك بولۇپ ، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى .
    شۇ تاپتا ھاياجان ۋە تەنتەنە بىلەن سۆز قىلىۋاتقان ئاتا يىراقتىن كېلىۋاتقان قوڭۇر چاچلىق ، كۆك كۆزلۈك ، قاڭشارلىق قىزنى كۆرۈپ ، سۆزدىن توختاپ قالدى . بالىلارغا سۆزلەۋاتقىنى < ئوغۇز خاقان > ، ھېلىقى قىز بولسا < كروران گۈزىلى > ئىدى .
    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، _ دېدى كراوران گۈزىلى ھەممەيلەنگە تازىم بەجا كەلتۈرۈپ .
    _ خۇش كەپسىز ، مەرھابا . . .
    ئوغۇز ئاتا بالىلارغا ئىشارە قىلىۋېتىپ ، كۆك بۆرىنى ئەگەشتۈردى - دە ، قىز بىلەن باغنى ئايلانغاچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى .
    _ ھە ، سىڭلىم ، ئۆزىڭىز يالغۇز ئايلىنىپ كېتىپسىزغۇ ؟
    _ شۇنداق ، _ دەپ ئېغىر خۇرسىندى كروران گۈزىلى ، _ پانىي دۇنيادىكى ئەۋلادلىرىم مېنى ھېلىھەم ياد ئېتىپ تۇرۇپتۇ ، بەزى ئىشلارنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايۋاتىمەن . . .
    _ ۋوي ، بۇ ياخشى گەپقۇ ، نېمىشقا خۇرسىنىسىز ؟ _ ئەجەبلىنىپ سورىدى ئوغۇزخان .
    _ ھەي ، ئاڭلىسام ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ ، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆڭ - سىنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرۇپتۇدەك ، بىزنىڭ قانداش نەسىلداشلىرىمىز ھېلىقى < جاھاننامە ئەينىكى > ئارقىلىق بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ ، نۇرغۇن ناخشا - قوشاقلارنى توقۇپ ، كىتابلارنى يېزىپ ، سەھنىدە تىياتىرلارنى ئويناپ يۈرۈپتۇدەك . . .
    _ ئاپىرىن ، سىڭلىم ! _ دېدى ئوغۇزخان ، _ مەنمۇ ئاڭلىغانمەن بۇلارنى ، زاماننىڭ تەرەققىياتى دېگەن شۇ ، بىز بۇنىڭدىن خۇشھال بولمىقىمىز ئەۋزەل .
    _ خۇشھال بولدۇم . لېكىن يېقىندىن بۇيان مېنىڭ نامىم ئەقىلنى بۇلغايدىغان ھاراق بوتۇلكىلىرىدا ، كەچكىچە كەيپ - ساپا قىلىدىغان رېستۇرانلاردا پەيدا بوپتۇ ئەمەسمۇ ؟ !
    _ ھىم . . . ، _ ئوغۇزخان مەنىلىك كۈلدى ، _ ئۆزىڭىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
    _ مەن بىر ئايال زاتى _ ئانا تۇرسام ، ئۇنداق نەرسىلەرگە نامىمنى ئىشلىتىش تازا مۇۋاپىق ئەمەستۇ ؟ _ كروران گۈزىلى ئوغۇزخانغا سوئال نەزەرى بىلەن قارىدى .
    _ ئۇغۇ شۇ ، _ ئوغۇزخان بىر پەس تىنىۋالدى .
    _ سىز شارابخۇمار بولغاچقا بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايۋاتىسىز ، _ كروران گۈزىلى سەل ئاچچىقلاندى .
    _ ھا ھا ھا ، _ ئوغۇزخان قاتتىق كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختاتتى ، _ ئۇنداق ئەمەس ، يېقىندا يەنە < ئوغۇزخان > ماركىلىق ھاراقمۇ دۇكان ، بوتكىلارغا سېلىنىپتىغۇ ، خەۋىرىڭىز باردۇ ؟
    _ سىزغۇ مەيلى ، تۇغۇلۇپ قىرقىڭىز توشماستا مەي - شاراب تەلەپ قىلىپ ئىچكەن ، شۇڭا . . .
    _ قانداق گەپ بۇ ؟ ! _ ئوغۇزخان قاتتىق غەزەبلەندى . كروران گۈزىلى قىلغان گېپىگە پۇشايمان قىلدى - يۇ ، ئامالسىز قالدى .
    _ ماڭا قاراڭ قىزچاق ، مەن تارىختا پەقەت شاراب ئىچىپلا ئۆتكەنمۇ ؟ ئەمدى كېلىپ ئەۋلادلىرىم مېنىڭ شۇ ئىشىمنىلا ئۈلگە قىلىشى كېرەكمىدى ؟ ئەجەبا ، مېنىڭ ياۋۇز قىئاتنى ئۆلتۈرۈشۈم ، ئۇيغۇرلارنى ئەتراپىمغا ئۇيۇشتۇرۇشۇم ، بېشەم زالىملارنىڭ دەككىسىنى بېرىشىم ، قەبىلىلەردە ئىزگۈ تەرتىپ ئورنىتىپ ، ئاۋامنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشۈم ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ بۈيۈكلۈكىنى جاكارلىشىم . . . پەقەت شۇ مەي - شاراب ، ھاراقنىڭ كۈچىدىنمىدۇ ؟ _ ئوغۇزخاننىڭ چىرايى تېخىمۇ كۆكىرىپ كەتتى .
    _ مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن ، رەنجىمەڭ ! _ كروران گۈزىلى نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى .
    _ دېمەك ، بىزنىڭ نەسىلداشلىرىمىز ئۆز تارىخىنى ۋە ئۆزىنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيدىكەن .
    _ شۇنداق ، _ دېدى كروران گۈزىلى جانلىنىپ ، _ ئۇلار بىزنى ھەقىقىي چۈشەنمىگەن ، ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك جايلىرىمىزنى ئۆگەنمەي ، سەلتەنەتلىك نامىمىزنى نەدىكى بىر تاۋارلارغا ماركا قىلىش ئارقىلىق ئاتالمىش " ئىناۋىتى "نى تىكلىمەكچى بولغان .
    _ قارىغاندا ، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ، مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئۇنتۇپتۇ ، _ ئوغۇزخاننىڭ بويۇن تومۇرلىرى كۆپۈشكە باشلىدى .
    _ ئاڭلىسام ، باشقا ئەللەردە شۇ دۆلەتنىڭ داڭلىق كىشىلىرىنىڭ نامى پەن - تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يېڭى ، ئەڭ زامانىۋىي مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىكەن . . . بىزدىچۇ ؟
    _ بۇمۇ ئاڭسىزلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى ! _ ئوغۇزخاننىڭ ئاغزى يوغان ئېچىلدى .
    _ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلادلاردىن نەمۇنە ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس دەڭا .
    _ شۇنداق ، ئۇلاردىن " ئوغۇزخان ، كروراننى بىلەمسىز ؟ " دېسە بىزنىڭ دۇكاندىكى باھايىمىزنى دەپ بېرىدىغان ، " ئەلىشىرنى بىلەمسىز ؟ " دېسە ، پۇتۇمدىكى شۇ ، دەيدىغان بولىدۇ ، ھەقىچان ، _ ئوغۇزخان قاتتىق مەيۈسلەندى ، بۇنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېنىقلا بىلگىلى بولاتتى . ئىككىسى بىر - بىرىگە قاراشتى .
    _ بولدىلا ، بىز بۇ يەردە مىڭ سۆزلىگەن بىلەن ئۇلار بۇنى ھېس قىلالايتتىمۇ ؟ _ دەپ ئېغىز ئاچتى كروران گۈزىلى مېڭىشقا تەمشىلىپ ، _ يۈرۈڭ ، شاھانە باغنىڭ ئېسىل مېۋىلىرىدىن لەززەتلىنەيلى .
    _ ھېچ بولمىسا چۈشىدە ئايان بولىدۇ : ئۆزىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلغاندا چۈشى بۇزۇلىدۇ ، ياخشى ئىشلارغا نىيەت قىلغانلىرىدا شېرىن چۈش كۆرىدۇ . ئەجدادلارنىڭ روھىنى قورۇندۇرمايدىغان ، ئەۋلادلىرى ئالدىدا يۈزى يورۇق تۇرالايدىغان كىشىلەر ھامان كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىدۇ ، _ دېدى ئوغۇزخان ئۈمىدلىنىپ .
    _ ھەي ، _ كروران گۈزىلى قوڭۇر چاچلىرىنى سىيلاپ قويدى ، _ ھازىرقى كىشىلەر تەرەققىي قىلغانلىقتىن ، چۈشىنىمۇ بىر خىل " ساختا تۇيغۇ " دەپ چۈشىنىدىكەن ، تېخى !
    _ ساختا ؟ _ ئوغۇزخان ئۆكۈزنىڭكىدەك پۇتلىرى بىلەن يەرنى قاتتىق تەپتى ، _ دېمەك ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بىزمۇ ساختىكەنمىز - دە ؟
    _ شۇنداق ، _ ئېغىر خۇسىنىپ قويدى كروران گۈزىلى ، _ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەينى خۇددى سۇنى ئىچكەندەك ئىچىشەرمىش ، ئەتىگەندىن كەچكىچە پو ئېتىشىپ ، بەزمە - مەشرەپ قىلىشىپ ، غەيۋەتلىرىدە ئەيىب - نۇقسان ئىزدىشىپ كۈننى كەچ قىلىشارمىش . قارىغاندا روھىمىزنى ئاشۇنداق غۇرتۇلدىتىپ ئىچىپلا تۈگىتىشسە كېرەك ، قەغىزىنى ئەخلەتخانىغا ، بوتۇلكىسىنى يەنە نەلەرگىدۇر تاشلىشىپ . . .
    ئوغۇزخاننىڭ نېمىلەرنىدۇ دېگۈسى باردەك قىلسىمۇ ، ھېچنېمە دېمىدى ۋە ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا چوڭقۇر تىنىپ قويدى . شۇ تەرىزدە ئۇلار ئېغىر قەدەملەر بىلەن باغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كېتىشتى . نېمىشقىكىن ، يەردىن ئۇلارنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى .

     

    بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر