كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-06-01

    ئۇيغۇرلاردىكى كاككۇك ئىتىقادچىلىقى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تارىخىدا نۇرغۇنلىغان ئىتىقاد ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىتىقاد – مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، شۇ ئىتىقاد دائىرىسىدىكى مىللەتنىڭ مەدنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، ئىتىقاد مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىن بولۇپ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
       ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مۇساپىسىگە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئىتىقاد ئادەتلىرى ئىچىدە بىر قەدەر سالماقراق ئورۇننى ئىگەللەيدىغىنى قۇشلارنى ئۇلۇغلاش بولۇپ، بۇ نۇقتىغا سەل قاراپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق قىزىپ چىققىلى بولمايدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئاق قارچۇغا، قۇرغۇي، بۈركۈت، لاچىن، قالغاچ، بۇلبۇل، كاككۇك... قاتارلىق ئاز بولمىغان قۇشلارنى ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچىلەر بىلەن ئۇلۇغلاپ ئىلاھى تۈس بەرگەن. يەنى شۇڭقار، لاچىنلارنى باتۇرلۇق، چىۋەرلىكنىڭ؛ قالغاچنى بەخت، ئامەتنىڭ؛ كاككۇكنى مۇھەببەت رىشتىسىنىڭ سىمۋۇلى سۈپتىدە ئۇلۇغلاپ كەلگەن. ھازىرغىچە بۇ قۇشلارنىڭ سىمۋۇللۇق مەنىسى ئۆز رەڭگىنى ئۆڭۈتمىگەن ئاساستا خەلق فولىكلۇرىدا شۇنداقلا خەلقنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ قاتلاملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ كەلدى. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىر مىللەتنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد ئادەتلىرى كېيىنكى ئەسىرلەردە دەۋر خاراكتىرلىك، چۈشەنچىسىدە يەنىلا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. سەۋەب، ئۇشبۇ ئېتىقاد ئادەتلىرى ئاشۇ مىللەتنىڭ بىردەك پىسخىك قۇرۇلمىسىدىكى ئىستېتىك قارشى ۋە دۇنيانى چۈشۈنىش ئېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇ چىقىش ئېغىزى تاپقان ھامان كىشىلەرنىڭ پىكىر دۇنياسىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ.
        ئۇيغۇرلارنىڭ كاككۇك قونغان تالنى ئىنساندىكى ئەڭ نازۇك بولغان مۇھەببەت ھىسياتىكى ۋىسال ئارزۇسىنىڭ قاندۇرلۇشىدىكى <<خىزىر>>  دەپ قارىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى كاككۇكنى ئۇلۇغلاش ئىددىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    يەرشارىنىڭ يۇملاغلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا قويغۇچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ بۈيۈك قامۇسى <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>(3-توم 175-، 176-بەتلىرى)دە: <<تۇغ>>سۆزىگە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: <<خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەرقانچە كۆپىيىپ مەرتىۋىسى يۇقۇرى كۆتىرىلسىمۇ، توغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ. چۈنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھىسابلىنىدۇ. خاننىڭ بۇ تۇغلىرى كاككۇك ئاغزى رەڭلىك يىپەك رەختىن ياسىلىدۇ. بۇمۇ خاسىيەتلىك ھىسابلىنىدۇ>>. قۇشلارغا ئېتىقاد قىلىش دۇنيادىكى مىللەتلەردە بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەنلەيدۇ. لىكىن، شۇ قۇشنى ئۇلۇغلاش ئۇسۇللىرى ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى، ئىستېتىك قارىشىغا ماس ھالدا پەرقلىق بولىدۇ. مەسلەن، ئىتالىيە، ئىسپانىيىلىكلەر شاخ سانىغۇچنى ئۇلۇغلاپ <<پادىشاھ قۇش>> دەپ قاراپ، كىملى-كىم شاخ سانىغۇچنى ئۆلتۈرسە زور بالايى-قازاغا ئۇچرايدۇ، دەپ تونۇيدۇ. بۇنىڭ ئەكىسچە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيەلەردە بولسا روژدىستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا شاخ سانىغۇچنى ئوۋلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ شاخ سانىغۇچنى ئوۋلىيالىغانلار زور شادلىققا چۆمىدۇ. بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كاكۇك قۇنغان تالنى تىۋىلىشنى زور ئامەت دەپ قارىغانلىقى قۇرداش كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ۋىسال بەختىگە مۇيەسسەر بولۇشى ئۈچۈن يان تاياق بولىدۇ.
    كاككۇك كېلىپ قوندى
    ياشارغان تېرەكلەرگە.
    مەن يارىمنى خىيال قىلسام،
    ئوت كەتتى يۈرەكلەرگە.
         دېگەن قوشاقتا بۇ خىل ئىددىيە ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشتىن سىرىت <<ئىرق بېتىك>> تە مۇنداق خاتىرلەر بار: <<ئوغلان كاككۇك پىيىنى تېپىۋاپتۇ، بۇنىڭدىن ئۈكە تاقىغان كېلىنچەك قۇتلۇق بولسۇن، دەپتۇ. شۇنداق بىلىڭلەركى، بۇ ئەزگۈ>> (<<ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى>> 189-بەت). دەرۋەقە، خەلق رىۋايەت چۈشەنچىلىرىدە بولسۇن ياكى داستانلىرىدا بولسۇن كاككۇك مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتىشنىڭ ياردەمچىسى، ۋاپادار ئاشىققا تەمسىل قىلىنىدۇ. <<كاككۇك بىلەن زەينەپ>> داستانى بۇ سۆزىمىزنى جانلىق دەلىلەيدۇ، خالاس.
            ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش كېرەككى، ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ شەكىللىنىشتىن بۇرۇن بۆرە، شۇڭقار، بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، ئاق ئات، ئۆكۈز، ئاق قاشتىشى، دەرەخ، تاغ، ئۆڭكۈر...قاتاتلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى ھەرقايسى ئۇرۇق، قەبىلىلەر ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ئوبيىكتى قىلىپ ئالغان. بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ شەكىللىنىشكە ئەگىشىپ نۇرغۇن تۇتېم ئوبىكىتلىرى بار-بارا ئۆزىنىڭ سىمۋۇللۇق مەنىسىنى يوقاتقان بولسىمۇ، كاككۇق ئېتىقادچىلىقى ھازىرغىچە يەنىلە ئۆزىنىڭ ۋىسال ئەلچىلىك مەزمۇنىنى يوقاتمىغان ئاساستا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى ئېڭىدا ئۆز ئىپادىسىنى تىىپىپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىنى تىخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق چۈشۈنۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بولۇپمۇ ئېتىقاد شەكىللىرىنىڭ تارىختىن بىرى ئۈزۈلمەس ئىقىن بولۇپ ئىنسان روھىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سىرىنى كونكىرىت چۈشەندۈرۈپ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخدىكى زور نازۇك مەسلىلەرنى ئىزاھلاشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان ھالقىلىق ئۆتكەللەرنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سىلىپ ئۆتۈش كەم چاغلىغىلى بولمايدىغان ئاقىلانىلىق بولۇپ قالغۇسى.

    مەنبە:چوغلان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر