كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-17

    كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رىۋايەت ! داۋامى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    -3-
    ئەزەلدىن ئۇيغۇرلاردا لەقەمسىز ئادەم بولمىغىنىدەك، ئادەتتە ھەر يۇرت ئادەملىرىنىڭ ئەل ئىچىگە تارقالغان بىر ئورتاق كۈسەمىشى (لەقىمى)بولىدۇ.
    بۇ لەقەم شۇ يۇرت ئادەملىرىنىڭ بىر خىل ئىرۇ-بەلگىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: كاۋىچى (ئاقسۇلۇق) ،  بېلىق ئۆپكىسىنى قۇيۇپ يەيدىغانلار (شەھرىيارلىق)،مۈشۈكنى پولوغا باسقانلار (كورلىلىق)، كالتا قۇيرۇق (كۇچالىق)، ئېشەك قېتىقى ئىچكەنلەر (باي-سايراملىق)، جاھىل (خوتەنلىك)،  پوقاق؟(ياركەنتلىك)، ئۇششۇق (ئاقسۇ ئايكۆللۈك) ۋەھاكازا.
    كەلپى(كەلپىنلىكلەر)نىڭ لەقىمى ئېزىتقۇ ،يەنى جىنلار .كەلپىندە ئەل ئىچىدە كەلپىنلىكلەرنىڭ ئاتىسى ئاتۇشلۇق، ئانىسى جىن دەيدىغان سەقىم بار ئىكەن.

    دېمەك،كەلپىنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ لەقىمى  جىن بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئادەتتە ئىنسان بالىسىنىڭ جىن بىلەن جۈپلىشىشى ياكى جىندىن تۇغۇلۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بۇنى پەن ئەھلى ۋە ساۋادلىقلارلا ئەمەس، ئادەتتە قارا تۈرك ۋە ئەڭ نادان قارا باش خەلقمۇ ئاغزىدا دېگىنى بىلەن بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ لەقەمنىڭ يەنە باشقىمۇ مەناسى بارمۇ؟
    ئادەتتە ئۇيغگۇر تىلىدا جىن دېگەن سۆز ئالۋاستى ، روھ-ئەرۋاھ دېگەندىن باشقا ئاز ، كىچىككىنە (جىندەك ساقلاڭ)، تۇيۇقسىز ، ئۇشتۇمتۇت  
    دېگەن مەنادىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بىز كەلپىنلىكلەرنىڭ جىن دەگەن لەقىمىنى دەل ئاشۇ ئۇشتۇمتۇت ۋە تۇيۇقسىز دېگەن مەناسى بىلەن قوبۇل قىلىمىز. يەنى بۇ لەقەم ئەسلىدە؟جىندەك پەيدا بولۇپ قالدى ، جىندەك يوقاپ كەتتى دېگەن، بولۇپمۇ؟جىندەك پەيدا بولۇپ قالدى دېگەن مەنادا  كەلپىنلىكلەرگە سىڭگەن.

    تارىخىي خاتىرىلەرگە كۆرە، كەلپىندە ئەسلىدىلاتاغ-جىرا، يايلاقلاردا بىر تۈركۈم چارۋىچى(ئاساسلىقى تۆگە، ئۆچكە، قوي باقىدىغان) ئۇيغۇر ئەلكۈن  بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى. چۈنكى كەلپىن يېرىنىڭ سۇ ۋە ئوت-چۆپى بار يەرلىرى بەك ئاز بولۇپ، ئارتۇقچە چارۋىنى بېقىش مۇمكىن ئەمەس.

    بۇ ئەلكۈنلەر ئۇيغۇر، ھۇن، ساك، توخرىي(توخار) قاتارلىق ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئىدى. تەخمىنەن مىلادى 400-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بۇ يەردە ئېكىنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئەلكۈن جىندەك پەيدا بولۇپ قالغان. بۇلار دەل چەرچەن تەرەپتىن تەبى ئىي ۋە سۈن ئىي ئاپەت، بالاھى-قازا تۈپەيلى يۇرتنى تاشلاپ قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى. شۇڭا بۇ كەلگۈنلەر گە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان ئەسلىي ئۇيغۇر كەلپەكلەر ئېزىتقۇ ،  جىن دېگەن لەقەمنى سوۋغا قىلغان ۋە بۇ پەقەت كېيىن كۆچۈپ كەلگەن تېرىقچى، باغچى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن لەقەم. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەلپىندە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئەلكۈنلىرىنىڭ ئورتاق ۋە ئومۇمىي لەقىمى بولۇپ قالغان. دېمەك، كەلپىنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي  گەۋدىسى سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن( جىندەك پەيدا بولۇپ قالغان ) تېرىقچى، باغچى ئۇيغۇرلاردۇر.

    -4-
    كەلپىنلىكلەردە؟ئاتا-بوۋىمىز چەرچەن تەرەپتىن كۆچۈپ كەپتىكەن؟دېگەن قاراش ھازىرمۇ ئومۇمىي؟يۈزلۈك ماۋجۇد. چوڭلار بالا-چاقىلىرىغا  ئاشۇنداق ھېكايە قىلىدۇ.
    كەلپىنلىكلەرنىڭ بىر خىل مالخىيى بار ئىكەن. بۇ مالخاينىڭ تىكىلىش نۇسخىسى ۋە گىرۋەك نەقىشلىرى ھازىرقى باسلوپ، چاقىلىق ۋە چەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ  كىگىز مالخىيى (ناھايىتى ئاز ئادەملەردە ساقلىنىپ قالغان ) ئوپمۇئوخشاش ئىكەن.
    كەلپىننىڭ قىسىل مازىرى دەيدىغان بىر قەدىمىي مازىرىدا ئېچىلىپ قالغان بىر گۆر بولۇپ، گۆر تىك تۆتچاسا كولان غان. بۇنداق جەسەت كۆمۈش  شەكلى كروران، مىران(مىلان )، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردا بايقالغان قەدىمىي جەسەت كۆمۈش شەكلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. يۇقىرىقىلار  كەلپىنلىكلەرنىڭ ئاتا-بوۋىمىز چەرچەندىن كەلگەنىكەن دېگەن قارىشىنىڭ ماددىي پاكىتلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن.

    -
    ئۇنداقتا چەرچەن قايەردە؟
    قەدىمدىن ئۇيغۇر(غۇر-
    ) لار يارىتىپ ياشاپ كەلگەن بىر پۈتۈن كروران ئېلى تارىخىي ماتېرىئاللاردا قەيت قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى  77-يىلىغا كەلگەندە بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىككى خانلىققا، يەنى كروران ۋە چەرچەن(بۇرۇن پىشامشان ، دەپ ئاتالغان) خانلىقىغا بۆلۈنۈپ  كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبچىسى كروران خاقانىنىڭ ئىنىسى ئۇتۇش ئىدى.  خەن سۇلالىسى فۇجېزى قاتارلىق خەنجەرۋازلارنى ئەۋەتىپ، كروران خاقانى ئامگوكانى ئۆلتۈرۈۋەتتى ۋە ئامگوكانىڭ ئۆزلىرىدە تۇرغاقلىقتا تۇرۇۋاتقان ئۇكىسى ئۇتۇشنى يۆلەپ تەختكە چىقاردى. ئۇتۇش كرورانلىقلاردىن ئەيمىنىپ كرورانغا  كىرىشكە پېتىنالماي ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ۋە مىران(مىلان )بوستانلىقىنى مەركەز قىلىپ، چەرچەن(善鄯)خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ئوردا قىزلىرىدىن بىرىگە ئۆيلىنىپ، خەن سۇلالىسىدىن لەشكەر تۇرغۇزۇپ مۇھاپىزەت قىلىشنى ئۆتۈندى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشىنى قوبۇل قىلدى.

    مىلادى 1-يۈزيىل(ئەسىر)نىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۈچەيگەن بۇ خانلىق ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن، نىيەلەرنىڭ دا ئىرىسىنى، مىلادى  3-يۈزيىلغا كەلگەندە پۈتكۈل كروران خانلىقىنى ئۆز ئىدارىسىگە ئېلىپ، تارىم ۋادىسىدىكى كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . دېمەك،  چەرچەن  خانلىقى  ئىلگىرى ئىنتايىن يۈكسەك ئويغار (مەدەنىيەت) ياراتقان قۇدرەتلىك كروران دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى، ئاخىردا بولسا نامى چەرچەن، دەپ ئۆزگەرگەن كروران ئېلىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇ ئەل ھەر خىل تەبىئىي ھەم كەرتى(سۈنئىي) ئاپەت ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلى، مىلادى 400-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ھالاك بولۇپ،ئاھالىسى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەتتى.  كۆچ-كۆچ نىڭ بىر قىسمى تۇرپان، ھازىرقى پىچان، لۈكچۈن، قۇمۇل(قامىل- قامبىل؟)(لوپچۇق- لاپچۇق) ۋە شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر تىلىدا گامسى(ھازىرمۇ سېرىق ئۇيغۇرلار گامسى، دەيدۇ) دەپ ئاتىلىدىغان گەنسۇ تەرەپلەرگە، يەنە بىر  قىسمى بولسا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ ھازىرقى شەھرىيار(شايار)،ئاۋات(غور چۆل- غۇر چۆلى - ئۇيغۇر چۆلى) ، مارالبېشى  ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق قەشقەر، مەكىت، ياپچان، ياركەنت ۋادىلىرىغا كۆچۈپ كەتتى.

    بۇلار دەل تارىختا خۇ- غۇر- سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان كروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تارىمنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ  ئاۋات(غۇر چۆلى)، بارچۇق تەرەپلەرگە كۆچكەن كروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر كىچىك تارامى(تارمىقى)دۇر.
    مەش ھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدىمىن دولانلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئۇزاق يىللار تەتقىق قىلىپ، ئاخىردا دولانلارنىڭ  قەدىمىي كروران، لوپ، مىران ئېلىدىكى كۆل، ئورمان، چۆللۈكلەر ئارىلىقىدىكى مۇنبەت زېمىنىدا ياشىغان قەدىمكى لوپ ئاھالىسى- غۇر(
    )ۋەسېر  ئىقۇيغۇرلار دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، كېيىنكى ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە يۈرۈشلەر ھەمدە تەبى ئىي ئاپەتلەر سەۋەبى بىلەن كورلا، ئاقسۇ، بۈگۈر،  مەكىت قاتارلىق جايلارغا، قۇمۇلنىڭ نوم- لاپچۇق دېگەن يەرلىرىدىن تارتىپ ياركەنتنىڭ چەت ياقىلىرىغا قەدەر تارقىلىپ، ھازىرقى دولان  نامى بىلەن ياشاۋاتىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئالىمنىڭ بۇ نوپۇزلۇق ئىلمىي يەكۈنى ھازىرقى كەلپىن ئۇيغۇرلىرى نامىدا ئاتىلىۋارقان ئۇيغۇر  ئەلكۈنىنىڭ كۆكى ۋە ئوق يىلتىزىنىڭ كروران ۋادىسىدا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن بىزنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىن  ئېتىدۇ.

    تۈگەنچ
    بىر غەلىتە ۋە سىرلىق سەزگۈگە ئەگىشىپ كەلپىندىن ئىبارەت تارىخچىلار ، ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە سەيياھلارنىڭ نەزەرلىرىنىڭ تېشىدا قالغان  چەت-ياقا تاغ ئىچىدىكى بۇ ئالقانچىلىك يۇرتقا كېلىپ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈل خوشلىقىغا ئېرىشتىم. مەن بۇ يەر ئادەملىرىنىڭ كۆۋتۈڭى(ۋۇجۇدى)  ۋە روھىدىن ئاشۇ بۈيۈك ئويغار-مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان كروران  ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۆلمەس روھىنى تېپىۋالدىم. بۇ روھ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈكنى ئۆزەك قىلغان پۈكۈلمەس، سۇنماس ياشاش ئىرادىسى ئىدى!

    بۇ روھ- ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن تولىمۇ شەپقەتسىز ھەم مۇدھىش تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەر بىلەن ئارسلانلارچە ئېلىشىشى، ئاخىردا ھازىر   كەلپىن دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاشۇ ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى نەچچىلا بۇلاق سۈيى بىلەن كۆكىرىپ تۇرىدىغان قۇتقۇزغۇچ زېمىنىگە ئۇلاشقىچە بولغان  ئارىلىقتىكى كۈلپەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك ئۇزاق سەپەر داۋامىدا يېتىلدۈرگەن، كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسىر  - ئەسىرلەردىن ھالقىتىپ، بەرجەس، ساغلام ۋە ئەينى پېتى شەرەپلىك بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان بىر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغۋار روھ ئىدى!

    كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپلىگەن تۆزلۈك ( خاراكتېر) خاسلىقى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئەزگۈ ۋە كىشىنىڭ سۆيۈنۈش- ھەۋىسىنى قوزغايدىغان  يارقىن تۆزلىكى، ئۇلارنىڭ ئىناقلىق ، ئۆملۈك، بىرلىك ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە سۆيۈش تۆزلىكىدۇر. بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى،  ھەر بىر ئۇيغۇر ئوغلانى بىلىشكە ۋە ئىنتىلىشكە ھەم ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل خاراكتېر ۋە ئاددىي لېكىن تولىمۇ ئۇلۇغ كۆزكۆرۇ ھەقىيقەتتۇر.

    شۈبھىسىزكى، مانا مۇشۇ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈك ئۆز قونۇقىنى ھەم مانا مۇشۇ ھەقىيقەتنى بايراق قىلغان مىللەت شەرەپ ۋە ماختاشقا
    لايىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە تالىق، ئۆلمەس، يىتمەس ۋە شەرەپلىك مىللەتتۇر. مەلۇم بولدىكى، كەلپىن ئۇيغۇرلىرى بىز تېخى ئاڭلاپ تۈگىمىگەن،  ئاڭقىرىپ پۈتمىگەن، ئۈلگە قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان بىر ئەزگۈ ۋە گۈزەل رىۋايەتتۇر!

    2005-يىل فېۋرال، شەھرى ئۈرۈمچى
    ٭٭٭ +++ ٭٭٭
    پايدىلانمىلار:
    غالىب بارات ئەرك: كروران ۋە كرورانلىقلار  
    ئابدۇساتتار ھامىددىن: كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى
    ئىمىن ئەھمەدىي: دولانلار نەزەرىدىكى باياۋان  
    شىنجاڭ سەنئىتى  جۇرنىلى 2005-يىللىق 1-سان.


    مۇھەممەد باغراش (مۇھەممەد ئوسمان باغراش) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي
    يازغۇچىسى
    («شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دىن)


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر