كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-02-18

    چوقان ۋەلىخانوف ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭ تەتقىقاتى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    پەخىردىن ھىسامىدىن

    چوقان چىڭغىزوۋىچ ۋەلىخانوف(1835-1865)-چاروسىيە دەۋرىدە ئۆتكەن قازاق مىللىتىدىن چىققان داڭلىق شەرقشۇناس.ئۇ قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزدىكى ۋەلىخانوفلارنىڭ نەۋرىسى بۇلۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە فامىلە قىلغان. دادىسىنىڭ ئىسمى چىڭغىز،تەخەللۇسى چوقان،ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمى بولسا مۇھەممەد خاقانىيە.چوقان ۋەلىخانوف دەسلەپتە قازاقىستاندا، كىيىن ئومىسكىدىكى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان.1853-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چارروسىيە قۇشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.1856-1857-يىللىرى ئۇ ئالار كۆلى بويىدىن ئىسىقكۆل بويىغىچە بولغان بىپايان زىمىن (جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە ئېلى دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەكشۈرگەن.1858-1859-يىللىرى يەنە شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

    چوقان ۋەلىخانوف ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تىل-يېزىق جەھەتتىكى بۇ ياخشى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ،شىنجاڭغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا شىنجاڭغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتىرىياللارنى توپلىغان ۋە بۇ ماتىرىياللار ئۈستىدە ئاز بولمىغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.ئۇ ئەنە شۇ شىنجاڭ تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى ئارقىلىق روسىيە ۋە دۇنيا شەرقشۇناسلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.بىز بۇ ماقالىمىزدا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئەمگەكلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەكچىمىز.ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىنى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

    1.چوقان ۋەلىخانوف ياۋروپا ئالىملىرى ئىچىدە شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن كىشى.ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى توغرىسىدىكى ماقالىلىرىدا شىنجاڭنىڭ يەر-تۈزلۈشى،تاغ-دەريالىرى، ئۆسۈملۈك-ھايۋانلىرى،كىلماتى،كان مەھسۇلاتلىرى، ئاھالىسى،شەھەرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن ئەتىراپلىق چۈشەنچە بىرىدۇ.ئۇ يەنە ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىرىشكەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ۋە روسىيە يەر تۈزلۈش، خەرىتە ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان ماتىرىياللارنى ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدۇ.ۋەلىخانوف شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيىسى جەھەتتىكى بۇ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئەينى ۋاقىتتىكى روسىيە ئىلىم ساھەسىدە ناھايتى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىلمىي جەمئىيەت-«روسىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتى»نىڭ ئەزالىقىغا تاللىنىدۇ.

    2.چوقان ۋەلىخانوفنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تارىخىي مىراسلارنى بايقاش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمىتى تېخىمۇ مۇھىم.بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ئىشنى بايان قىلىش مۇمكىن.بىرى، چوقان ۋەلىخانوفنىڭ قەدىمقى قوليازمىلارنى بايقىشى.چوقان ۋەلىخانوف ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى جەريانىدا «تەزكىرەئى خوجىگان»،«تۇغلۇق تۈمۈر»،«ساتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى» قاتارلىق بەزى قىممەتلىك قەدىمقى قوليازمىلارنى بايقىغان.

    چوقان ۋەلىخانوفنىڭ تارىخىي مىراسلارنى بايقاش جەھەتتە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىشى-ئۇنىڭ كۇچا مىڭ ئۆيىنى بايقىشى. چوقان ۋەلىخانوف ياۋروپا ئالىملىرى ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ شىنجاڭدىكى بۇددىزىم يادىكارلىقى بولغان كۇچا مىڭ ئۆيى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۇ كۇچا مىڭ ئۆيلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ،مۇنداق يازىدۇ:«نۇرغۇن ئۆڭكۈر بۇلۇپ،بىر ئۆڭكۈردە تاشتىن ئۇيۇلغان بۇت ھەيكىلى بار.بۇ قۇرۇلۇش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ.»

    3. چوقان ۋەلىخانوف ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلۇرى ۋە ئېتنوگىرافىيىسى جەھەتتىمۇ خېلى كۆپ ئىزدەندى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنى توپلاپ،ئۇلارنى ئۆزى تۈزگەن «ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر لوغىتى»گە كىرگۈزگەن⑤. چوقان ۋەلىخانوفنىڭ شىنجاڭ سەپىرى توغرىسىدىكى ماقالىلىرىدا ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش،يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى،سەنئىتى ۋە ئېتىقادى توغۇرلۇق قىممەتلىك مەلۇماتلار بار ئىدى.

    يىغىنچاقلىغاندا،چوقان ۋەلىخانوف شىنجاڭ تەتقىقاتتى جەھەتتە ھەقىقەتەن كۆپ ئىزلەنگەن چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى.ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى نۇرۇغۇن ماقالىلىرى ئەينى ۋاقىتتا روسىيىدىكى نۇپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى 1961-يىلدىن1972-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا بەش توملۇق «چوقان ۋەلىخانوف ماقالىلار توپلىمى»قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.بۇ ماقالىلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭ تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ماقالىلار بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئاپتۇرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ چەكلىكلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ماقالىلار بەزى سەۋەنلىكلەردىنمۇ خالىي ئەمەس،ئەلۋەتتە.مەسلەن،ئاپتۇر «كاشغەر»ماقالىسىدە يەرلىك خەلىقنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈستىدە توختۇلۇپ «ئۆز مىللىتىنىڭ شائىرى بولمىغاچقا،كىشلەر مىرئەلشىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگىنىدۇ»⑥دەپ يازىدۇ.ئۇيغۇر خەلىقنىڭ تارىخىدا قانچىلىغان داڭلىق شائىر، يازغۇچىلارنىڭ بولغانلىقى،جۈملىدىن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەلىشىر ناۋايىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پەخىرلىك شائىرى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم.گەرچە چوقان ۋەلىخانوف ئەسەرلىرىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بەزىبىر قىسمەن خاتالىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ،ئومومىي جەھەتتىن ئالغاندا،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئەتىراپلىقلىقى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.شۇڭلاشقا ھازىرمۇ ياۋروپا شەرقشۇناسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىدا بىرىنچى بۇلۇپ يەنىلا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئەمگەكلىرىگە مۇراجەت قىلماقتا.

     

    ئىزاھاتلار:

    ⑴«قەدىمقى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شىنجاڭ (تارىخىي ئوچرىكلار)»،«نائۇكا» نەشىرىياتى،موسكۋا،1988-يىل نەشرى، روسچە،17-بەت.

    «روسىيە ئېكىسپىدىيىچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭ»،«نائۇكا» نەشىرىياتى،ئالمۇتا،1988-يىل نەشرى،روسچە،60-بەت.

    ⑶⑸⑹«چەتئەل ئېكىسپىدىيىچىلىرىنىڭ غەربىي رايۇن ساياھەت خاتىرلىرى»،شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرىياتى،1994-يىل نەشرى،خەنزۇچە،59-58-79-بەتلەر.

    «چ.چ.ۋەلىخانوف ماقالىلار توپلىمى»،روسچە،2-توم،ئالمۇتا، 1962-يىل نەشىرى،112-بەت.

    مەنبە:شىنجاڭ تارىخىدىن تەرمىلەر        2000-يىل 2-سانى

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئاللاھغا شۈكرى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىسا پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرارمىز. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
  • چوقان ۋەلىخانوفنىڭ بىرقانچە ماقالىسىنى ئوقىغان ئىدىم. تەتقىقاتلىرى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
    ھونزادە 回复چەۋەنداز说:
    چەۋەنداز ئەپەندىم يوق بۇلۇپلا كەتتىڭىز،ياخشى تۇرۋاتقانسىز ھە؟
    2011-02-24 01:01:00

كۆرىۋاتقانلار: نەپەر