كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-02-07

    ئەخمەت ئەپەندىم ھەققىدە يېزىلغان بىر قىسىم شىئىر-ناخشىلار (داۋامى) - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئۇنۇتماس ئەۋلادلىرىڭ

    ئسىت سەن يوق بولدۇڭ ئارادىن بۈگۈن،

    ئەي!مىللەتنىڭ مەنىۋى ئاتاسى.

    ئىتىپ خىزمەتلىرىڭ مائارىپ ئۈچۈن،

    سالدىڭ كۆپلىگەن مەكتەپ بىناسى.

     

    قىلدىڭ خەلقىڭگە مائارىپ ئاتا،

    ياغلىسۇن قەبرەڭگە رەھمەت دائىما.

    ئۇنۇتماس سىنى بۇ ئەۋلادلىرىڭ،

    ھەق سەنگە ئەيلىسۇن جەننەتنى ئاتا.

     

    ماتەم شىئىرى

    ئىسىت ئاھ!ئەزىز ئاھ!رەھبەرلىرىمىز،

    قايغۇ-ھەسرەتلەردە بىزنى قالدۇردىڭىز.

    گومىنداڭچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشتا،

    كۆرۈلگەن شەرەپلىك خىزمەتلىرىڭىز.

    ئەخمەتجان ئەپەندىم،گىنرال ئىسھاقبەگ،

    چىن قەلبىمىزدىن سىزلەرنى ئەسلەيمىز.

     

    بولدى بىزلەرگە تارىخىي بىر داغ،

    يۈركىمىزگە خەنجەر ئۇردى تۇمانلىق تاغ.

    ئازادلىق كۈنلىرى قانات يايغاندا،

    بۇ خوشال كۆڭلىمىز قايغۇ ئاستىدا.

    ئابباسوف،دەلىلقان دانالىرىمىز،

    چىن قەلبىمىزدىن سىزلەرنى ئەسلەيمىز.

     

    ئەخمەتجان

    دانا رەھبەر ئەخمەتجان،

    ئىزىڭدا بىز ھەر قاچان.

    سەن بىزلەرنى يىتەكلەپ،

    ئالغا ماڭغان قەھرىمان.

     

    سەن شېھىت روھىڭ تىرىك،

    قەلبىمىزدە ياشايسەن.

    كۈتكەنلىرىڭ بۇلىدۇ،

    سەن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايسەن.

     

    «ياشلىرىمىز بەخىتلىك»،

    دىگەنىدىڭ سەن تىنماي.

    بەختىمىزنى تاپىمىز،

    تەلىمىڭنى ئۇنۇتماي.

    بۇ ناخشىلار ئەينى يىللاردا سەنئەت ئومەكلىرى تەرىپىدىن ئوروندالغان.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارلىقتا مەخسۇس سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن باشقا،مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن،ناھىيە،يېزىلاردا خەلىق ئىچىدىكى ناخشىچى،ئۇسۇلچى، قىزىقچىلاردىن ئۇيۇشتۇرۇلغان سەنئەت گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئورۇندالغان.بۇنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ ناخشىلار كەڭ تارقىلىپ ھەممە كىشلەرگە دىگۈدەك ياد بۇلۇپ كەتتى.كىشلەر بۇ ناخشىلارغا شۇنچىلىك قىزىقىپ شۇ قەدەر ھەۋەس قىلىشتىكى،مەلۇم ئارتىس سەھسنىدە ناخشا ئورۇنلىسا، تۆۋەندە ئۇيۇن كۆرىۋاتقانلار ئارىسىدىكى بالىلارمۇ قۇشۇلۇپ ئېيتىپ كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋەتكەن ئەھۋاللار بولغان.ئۇيۇن كۆرۈپ قايىتقان كىشلەر ئارىسىدا،بۇلۇپمۇ ياشلار كوچىلارغا تارقىلىپ ماڭغاندا،بىرقانچىسى تەڭلا بىرەر ناخشىنى ئېيتىپ مېڭىشاتتى.توي-تۈكۈن سورۇنلىرى تېخىمۇ شۇنداق.ھەتتا ئېتىزلىق،خامانلاردا ئىشلەۋاتقانلار،ئەتىگەن،ئاخشاملىرى ھارۋا بىلەن ئوتۇن-سامان توشۇغانلار،يېزا،مەھەللە كوچىلىرىدا ئۇيان –بۇيان ئۆتكەنلەرمۇ ناخشا ئېيتىپ ماڭىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ،ھەممىلا ئادەم ناخشىچى بۇلۇپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى.ئېيتىلدىغان ناخشىلار ئەلۋەتتە كۆپ بۇلىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەت ئەپەندىم ھەققىدىكى ناخشىلار بىلەن پىدائىي قىسىملار ھەققىدە يېزىلغان «قاتار-قاتار جەڭچى بالىلار»،« ئانىجان يادىمدا بار» دىگەن ناخشىلار كۆپ ئېيتىلاتتى.

    بۇ ناخشا-شىئىرلار 60يىلدىن بۇيان خەلىقنىڭ يادىدا ساقلىنىپ كەلدى.لېكىن ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۈچۈش جەريانىدا شىئىردىكى بەزى مىساللار ۋە ئىبارىلەردە ئۆزگۈرۈش بولغان. مەسىلەن، «سالام رەھبىرىمىز» دىگەن شىئىرنىڭ 2-كۇبلىت 3-،4-مىسرالىرى بەزىدە

    «كۆكرەك كىرىپ بىز ئالغا باسىمىز،

    ئاتاككا قىلىشقا قەسەمياد قىلىمىز»

    دەپ ئېلىنسا،بەزى يەردە:

    «قوقماستىن كۆكرەك كىرىپ ئالغا بېسىپ،

    ئاتاككا قىلىشقا قەسەمياد قىلىپ بىز تەييار».

    دەپ ئېلىنغان.

    بىر قىسىم شىئىر-ناخشىلارنىڭ بۇغۇم،قاپىيلىرى تەلەپكە تازا لايىق بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىلغاندا ئوخشاشلا راۋان ئېيتىلىدۇ.يەنە شۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراش زۇرۇركى،بۇ شىئىر-ناخشىلارنىڭ ھەممىسى يىتىلگەن شائىرلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولماستىن،بىر قىسىم خەلىق قوشاقچىلرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ،خەلىق ئارىسىغا تاراپ كەتكەن ياكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەشۇ شىئىرلارغا تەقلىد قىلىپ يازغان ۋەياكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھىسىياتى بويىچە شىئىردىكى بەزى ئىبارىلەرنى ئۆزگەرتىپ ئېيىتقان ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،بۇ شىئىر-ناخشىلارنىڭ تىلى ئاممىباب،پىكىرى روشەن،تەسۋىر،بايانلىرى يارقىن ئوبرازلىق.

    شىئىرىكى «گۈل بېغىمنىڭ پاسىبانى ئۇستازىم» دىگەن مىسرادا ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشتىكى رولى ئوبرازلىق سۈرەتلەنگەن بولسا،«يۈركىمىزگە خەنجەر ئۇردى تۇمانلىق تاغ» دىگەن مىسرادا ئەخمەت ئەپەندىملەرنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر يىتىپ كەلگەن مىنۇتلاردىكى خەلىقنىڭ ھەسرەتلىك ئېچىنىش،ھىس-تۇيغۇلىرى شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن بۇلۇپ،بۇ مىسرالارنى ئوقۇغاندا خۇددى بىز كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغان ئايروپىلان ئىگىز تاغ چوققىلىرىنى قاپلاپ تۇرغان تۇمان ئىچىگە پۇلاڭلاپ چۈشۈپ كىتۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بۇلۇپ تەنلىرىمىز جۇغۇلدايدۇ.

    خەلىق ئىچىدىكى ناخشا-قوشاقلاردا ئارتۇقچە مۇبالىغە بولمايدۇ. قارىماققا ئەدەبىي تەلەپكە تازا ئۇيغۇن بولمىغان ئاددىي شىئەردەك كۆرۈنسىمۇ،چىنلىققا يېقىن بۇلۇشى بىلەن مەلۇم بىر دەۋىرنى ۋە شۇ دەۋردىكى كىشلەرنىڭ ھىسيات،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان يەنە بىرخىل يادىكارلىق.ئۇنداق ئىكەن، مەيلى ئەخمەت ئەپەندىم قاتارلىق رەھبەرلەر،مەيلى باشقا قەھرىمانلارغا بولغان ھۆرمەت-ئالقىش توغرىسىدىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىنكى چاغلاردا خەلىقنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەسرەت-نادەمەتلەرنىڭ جاراڭلىق نامايەندىسى بولغان شىئىر-ناخشىلارنىڭ بېسىلىپ قالغانلىرى بولسا تېپىپ، كەملىرى بولسا تۇلۇقلاپ،خاتاسى بولسا تۈزۈتۈپ،ئۆز ئەينى بويىنچە رەتلەپ توپلاش نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى ئەلۋەتتە.

     

    ئىزاھاتلار:

    بۇ شىئىر ئارمىيە سېپىدە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن،مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك ئېيتىلاتتى.«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 1989-يىل 8-ئاينىڭ 28-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇنتۇلماس كۈنلەر» دىگەن تېمىدىكى ئوچىرىكتا بىرىلگەنىدى.لېكىن بەزى مىسرالىرى ئۆزگەرتىۋىتىلگەنىكەن.بۇ قېتىم ئەسلى بويىنچە بىرىلدى.

    ئابدۇرېھىم يۈسۈبى-مۇشۇ شىئىرنىڭ ئاپتۇرى.بۇ ھەقتە ئەينى يىللاردىكى سۈيدۇڭ پولكىنىڭ جەڭچىسى شىرىپ ئاكىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە،ئابدۇرېھىم يۈسۈبى ئىگىز بوي،گەۋدىلىك ئادەم بۇلۇپ،ئەسلى يۇرتى سۈيدۇڭ ئىكەن.تاشكەنىتكە چىقىپ ئوقۇپ، دىنىي ۋە پەننىي جەھەتتە خېلى يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغانىكەن.1945-يىللىرى 50 ياشلاردىكى بۇ ئادەم دىنىي جەھەتتە ئىمام،ئەدەبىي جەھەتتە شائىر بۇلۇپ،ئارمىيە سېپىدە پودپولكوۋنىك دەرىجىسى بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەنىكەن.

    بۇ ناخشا ئەينى يىللاردا ئۆزھال مۇقامىنىڭ ئاھاڭىدا ئېيتىلغانكەن.

    بۇ شىئىرنى ئابلا ئىمىن تەمىنلىگەن.

    مەنبە:شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى  2007-يىل 3-سان

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر