كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-02-02

    ئەخمەت ئەپەندىم ھەققىدە يېزىلغان بىر قىسىم شىئىر-ناخشىلار - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئىسرائىل تۇردى

    مەرھۇم رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ خەلىق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىۋاتقان «ئەخمەت ئەپەندىم» ھەققىدىكى تەرىپلەر سەۋەبىدىن،خۇددى ئەتىراپىمىزدا ھېلىغىچە ياشاپ كىلىۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدۇ.ئۇنىڭ سەمىمىيلىك يېغىپ تۇرغان ئىللىق چىرايى كۆز ئالدىمىزدىن زادىلا كەتمەيدۇ.چۈنكى ئەخمەت ئەپەندىم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى چىن ئىخلاسى بىلەن خەلىققە بېغىشلىغان ۋە شۇ يولدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەغدىم قىلغان بولغاچقا،خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

    ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا ھايات بولدى.ئەنە شۇ قىسقا ھاياتىدا باشتىن ئاخىر خەلىقنىڭ غېمىنى يەپ،خەلىق ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى.شۇڭا ئۇ نەگىلا بارسا،خەلىقنىڭ يۈكسەك ھۆرمەت-ئالقىشىغا ئىرىشتى.خەلىق ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ھەرخىل شەكىللەر بىلەن ئالقىشلىدى. ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىق مەرسىيە،ئەسلىملەرنى يېزىپ،ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ھەم دىگەن گەپ-سۆزلىرىنى ئەسلەپ، چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئۇنى ياد ئىتىپ كەلمەكتە.ئەنە شۇ ھۆرمەت-ئالقىشلارنىڭ بىر خىلى بولغان شىئىر-ناخشىلارنىڭ بىر قىسمى ئەخمەت ئەپەندىم ھايات ۋاختىدا،بىر قىسمى ۋاپاتىدىن كېيىن يېزىلغان.تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ھەقتە ئىزلىنىشكە بەكمۇ كىچىككەن ئىكەنمەن.شۇنداق بولسىمۇ،ھازىرچە ئىرىشكەن بىر قانچە شىئىر-ناخشىلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچىمەن.گەرچە بىر قىسىملىرى تولۇق بولمىسىمۇ ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئاز-تولا يىپ ئۇچى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    سالام رەھبىرىمىز

    سالام رەھبىرىمىز ئەخمەتجان،

    ئالىي باش قوماندانىمىز ئىسھاقجان.

    چېنىقتۇق پولاتتەك ئۆز قولىڭىزدىن،

    بۇيرۇق بولسا بىز تەييار.

     

    ئاق قار،كۆك مۇز شىۋىرغانلاردا،

    قاراڭغۇ كېچە يا تۇمانلاردا.

    قورىقماستىن كۆكرەك كىرىپ ئالغا بېسىپ،

    ئاتاككا قىلىشقا قەسەمياد قىلىپ بىز تەييار.

     

    ئىنقىلابىي باشچىمىز

    ئىنقىلابىي باشچىمىزگە كۆڭلىمىز داستان ئېرور،

    ساھىباندۇر بۇ ۋەتەنگە رەھمى ئاسمان ئېرور.

    خوش خۇلۇق،ئەخلاقى خوپ،ھىچكىم ئۇنىڭدىن رەنجىمەس،

    موللا،ئالىم ياش يىگىتتۇر،ئەمرىگە جان قۇربان ئېرور.

     

    ئول يىگىتتۇر ئىسمى ئەخمەتجان قاسىمى قەلبى پاك،

    ئىنقىلابىي داھى،رەھبەر قىلمىشى ئېھسان ئېرور.

     

    باغ بىنا قىلدى ۋەتەنگە خەلىقچىل تىكتى كۆچەت،

    كىم ئەگەر قەست ئەيلىسە يەر بىلەن يەكسان ئېرور.

     

    ئول مۇبارەك باغ ئارا دۈشمەن تىكەن چاچماق بۇلۇر،

    شۇم تىكەن ئۆسمەي ھامان مەقسىتى گۇمران ئېرور.

     

    چىن يۈرەكتىن ئەيلىدىم ئابدۇرەھىم قۇتلۇق②دۇئا،

    مەقسەت زامان بەردى خۇدا كۆڭلۈمدىكى ئارمان ئېرور.

     

    ئۇستازىم(1)

    بەخت يولىنى ئىجاد ئەتكەن ئۇستازىم،

    ھايات يولىنى پارلاق ئەتكەن ئۇستازىم.

    گۈل بېغىمنىڭ پاسىبانى ئۇستازىم،

    ھۆرمەت-ئالقىش ساڭا بولسۇن ئۇستازىم.

     

    دۇنيا يۈزىگە داڭقىڭ كەتكەن سەن ئۆزۇڭ،

    كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرەدۇر كۆزۈڭ.

    ھەممىمىزگە ئىنئام بىرەدۇر سۆزۇڭ،

    بەختىمىزگە ئامان بولغىن ئۇستازىم.

     

    قاراڭغۇ زىندان بولغانىدى ماكانىم،

    پىكرىم سۇنۇپ،كۈلپەتلەرگە تولغاندىم.

    ئازاد بولدۇم بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇم،

    ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن سىنىڭ ئۇستازىم.

     

     

    ئۇستازىم(2)

    بەخت يولنى ئىجاد ئەتكەن ئۇستازىم،

    ھايات يولىنى پارلاق ئەتكەن ئۇستازىم.

    بۇ ۋەتەندە ئىزىلگەن ئەل رەھبىرى،

    جان تەسەددۇق ھەق يولۇڭدا ئۇستازىم.

     

    غەلبە يولىنى ئاچقان دانا ئەخمەتجان،

    ئارمىيىمىز قوماندانى ئىسھاقجان.

    خەلقىمىزنىڭ قەھرىمانى دەلىلقان،

    ياش ئاۋانگارت ئابباسوفلار ئۇستازىم.

     

    تۇپرىقىڭىزنى گۈللەيمىز بىز مىليون ئەل،

    چىقتۇق مانا كەڭ مەيدانغا باغلاپ بەل.

    غەلبە كۈيلەپ دائىم ئالغا باسىمىز،

    ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن ئۇستازىم.

     

    ئۇزۇن يىللار تەلىم ئالدۇق قولۇڭدا،

    پەرمان مەدەت ھەق يولىڭدا ئۇستازىم.

    مەقسىتىڭىزنى ھەق يولىڭىزدا ئورۇنداشقا،

    ئۈنلۈك قەسەم ياد ئەيلىدۇق ئۇستازىم.

    (داۋامى بار)


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر