خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/01/23
ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر بىر مىللەتمۇ - [مىللىتىم ھەققىدە]
ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر بىر مىللەتمۇ ؟
دۇنيادا كۆپلىگەن شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان مىللەتلەر ئۆتكەن،مەسلەن قەدىمكى بابىلۇن مەدەنىيىتى ،سىرلىق مايا مەدەنيىتى ۋە جۇڭگو خۇاشا مەدىنيىتى...قاتارلىقلار .بۇ يەردە مەن كىشلەرگە ئايان بولغان بىر مەخپىيەتلىكنى ،يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر مەدىنيىتىنىڭ مەنبەسىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى .
شۇنىسى جۇڭگولۇق بىلەن سىنگاپورلۇقنى ،چاۋشيەنلىك بىلەن كورىيلىكنى ،ئامىركىلىق بىلەن ئەنگىلىيلىكنى ئىلىپ ئېيتساق ،كىشلەرنىڭ كاللىسىدا مۇنداق بىر قاراش شەكىللىنىدۇ ،گەرچە ئۇلارنىڭ ئاتىلىشى ئوخشىمىسىمۇ ،لىكىن مەدىنىيەت جەھەتتە ئورتاقلىققا ، ئايرىلماس تارىخى مەنبەگە ئىگە .
4000يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان تۈركى مىللەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرمۇ شۇنداق .گەرچە شىنجاڭدا ئۇلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى ئوخشىمىسىمۇ ،لىكىن ئوخشاش بولغان مەدەنىيەتكە ، ئوخشاش تارىخقا ئىگە ، مىللىي كىيىنىشى ، تىلى ئوخشاش(ئۇيغۇرلارنىڭ %95 سۆزلۇكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆزبېكلەر بىلەن ئوخشاش)، ئېتقادىمۇ ئوخشاش(ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ).
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھازىر 10 مىليون 50 مىڭدىن ئاشىدۇ، لىكىن ئۆزبېكلەر ئاران 20-30 مىڭ ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 20 مىليوندىن ئاشىدۇ ، ئۇيغۇرلار بولسا 2 مىليونغا يېقىن. پۇتۈن دۇنيا دائىرسىدە ، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ نوپۇس نىسبىتى ئاساسەن تەڭ كېلىدۇ .ئەمما بۇ ئىككى مىللەت نىمىشقا يەنىلا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مىللەتكە تەۋە بولىدۇ ؟
ئەمەلىيەتتە بىر ئۆزبېكنى <<سىز بولسىڭىز ئۇيغۇر>> دېسە ، ئۇ بۇنىڭغا ھەرگىز ئىقىرار بولمايدۇ ، ھەم ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئاسانلىقچە ئارلىشپ ئۆتەلمەيدۇ .ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ مىللىي باش كىيىمى ئوخشايدۇ ، ئەدەبىيات-سەنئەت ماھارىتى ۋە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسى قاتارلىقلار ھەممىسى ئوخشايدۇ. نۆۋەتتە بىردىن -بىر ئوخشمايدىغان يېرى شۇكى ، چەتئەلدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئشلىتىلىدىغان يېزىقى يوق ،ئۇلار سلاۋىيان (روس يىزىقى) ئشلىتىدۇ. لىكىن شىنجاڭدىكى ئۆزبېكلەر بولسا ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئشلىتىدۇ . بىراق يېزىقتىكى پەرق ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ.
تارىخ نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۆزىنىڭ مەدىنيىتنى ئەڭ مۇككەممەل ساقلاپ كەلگەن مىللەت ئۇيغۇر مىللىتى ، لىكىن ھازىر ئۆزبېكلەرنىڭ ساپاسى ئۇيغۇرنىڭكىدىن يۇقۇرىراق. ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت ، ئۇلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن < 12 مۇقام > ۋە<دولان مەشرىپى> (بۇلار ئاللىبۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ) قاتارلىقلار بار بولسىمۇ ، لىكىن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەت جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۆزبېكلەرنىڭ كەينىدە قېلىۋاتىدۇ. ئۆزبېكلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي ئەنئەنىسىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىنى بىر قەددەر مۇككەممەل ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە چېكىنىۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۈن-سېن بويۇملىرى ساتىدىغان سودا-ساراي،دۇكانلاردا ئۆزبېكلەرنىڭ ناخشا پىلاستىنكىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن كۆپ ، كىشىلەرمۇ تەبىئىي ھالدا ئۆزبېكلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋە ناخشا-ئۇسۇللىرىغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ ،يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قوغلاشماقتا .كىم ئۇيغۇر ناخشا چولپانلىرنى ئۆزبېكلەرنىڭ ناخشىلىرىنى دوراپ ئوقۇشقا ئامراق قېلىۋەتتى ۋە قېلىۋاتىدۇ ؟ بۇنداق بولغاندا ،دوراپ ئوقۇلغان ناخشىلار ئۇيغۇر ئاڭلىغۇچىلىرىغا تېخىمۇ غەلىتىلىك بولۇپ تۇيۇلسا ، يات مىللەتلەر بىر چەتتە تۇرۇپ پەخىرلىنىدۇ خالاس.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتتە چىكىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئۆزبېكلەرنىڭ مىللى ئەنئەنىسى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە داۋا بولماقتا .ھازىر توي قىلغاندا ، مېھىمان بولۇپ تاماق يىگەندە ، دوستلار يىغىلىشلىرىدا ، بۇ ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزبېكلەرنىڭ مەدىنيىتىدىن بولۇپمۇ ناخشا- ئۇسۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ.
بىر مىسال ئىلىپ ئۆتىدىغان بولساق ، ئۆزبىكىستاندىكى شاھزاد ئانسامبىلى (ئابدىرىشىت خالىكوف ئەپەندىم باشچىلىقىدىكى ) شىنجاڭغا كېلىپ ئويۇن قويغان ۋاقىتتا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقى ھاياجانلىق قاينام -تاشقىللىقىغا چۆمدى، ھەمدە ھەرقانداق بىر داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىسى ئويۇن قويغاندىكىدىنمۇ بەككىرەك قىزىپ كەتتى .ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قىرىنداش مىللىتى بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا شۇ قەدەر ئامراقكەن ، لېكىن نىمىشقا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ قېرىنداش مىللىتى بولغان قازاقلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا قىزىقمايدۇ ؟؟؟
شۇنىسى ئېنىقكى بۇ ئۈچ مىللەت ھەممىسى تۈرۈك مىللىتىدىن .مەدەنىيەتنىڭ تەرەققي قىلىپ ئۆزگىرىشى ۋە رايۇن پەرقى تۈپەيلى ، بۇ ئىككى مىللەت تا بۈگۇنگە قەددەر ئۆز-ئارا ئىشىنىش ھاسىل قىلمىدى .تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان قۇتادغۇبىلىك ، مەخمۇت قەشقىرى يازغان تۈركىي تىللار دىۋانىي، ئەلشىر نەۋائى يازغان خەمىسە ، يەنە داڭلىق كۈلكە چولپىنى نەسىردىن ئەپەندى ... قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر ئەدەبىي مىراسلىرى ھەمدە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى ! شۇنداقلا ئۆزبېكلەرنىڭمۇ پەخرى !
بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا ، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئاددىي مۇناسىۋەت ئەمەسلىكىنى بايقىيالايمىز . دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك مەدەنيىتىنىڭ توختىماي تەرەققي قىلىشى ۋە ئۆز-ئارا تولۇقلشى بۇ ئىككى مىللەتنى يەنە ئەڭ بۇرۇنقى ۋە ئەڭ ئاددىي باشلىنىش نۇقتىسىغا ، ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بىر ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندۇرماقتا . لېكىن يىقىنقى مەلۇم مۇررەككەپ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە سىياسىي ئامىلنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن بۇ ئىككى مىللەت تا ھازىرغىچە بىر مىللەت ئىكەنلىكگە ئىقرار ئەمەس.
مەسلەن بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن بىر ئۆزبېك بىرگە بولسا كۆپچىلىك ھەممىسى ئۇنى (ئۆزبېك) چەتكە قىقىشى ياكى ئۇنى مىللەتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندىشى مۇمكىن . ئەگەر سىز ئۇيغۇر ، سىز ئۆزبىكىستانغا بىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىپ قالسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنى ئۆزبېك مىللىتىگە ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇلار سىزنى چەتكە قاقىدۇ ، پاتۇرمايدۇ ، يەنە كەسىپ تەرەپتىمۇ كىرزىسقا ئۇچۇرشىڭىز مۇمكىن .
مۇشۇنداق بولغاچقا ،گەرچە ھازىر ئۆزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەمىلىيەتتە 300 مىڭدىن ئاشسىمۇ لىكىن يۇقىردا ئىيتىپ ئۆتكەن سەۋەپلەر تۈپەيلى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزنىڭ ھەققىي سالاھىتىنى يوشۇرۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان ، شۇڭلاشقىمۇ بەزى نوپۇس تەكشۇرۇش نەتىجىلىرىدىن ئۆزبىكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 30 مىڭ دىگەندەك ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمىگۇدەك سانلارنى بايقايمىز ھەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەجەپلەنمەي تۇرالمايمىز ! بۇنداق سىياسي ۋەزىيەت كۆپچىلىكنى ناھايىتى ئۈمۇدسىزلەندۇرمەكتە . شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا مەيلى سىياسىي تەرەپتە بولسۇن ياكى مەدەنىيەت تەرەپتە بولسۇن چوڭ پەرق شەكىللەنمەكتە ھەم مىللەت ئىچىدە ھالقىغىلى بولمايدىغان ھاڭ شەكىللەنمەكتە .
دوستلار دۇنيا تەرەققي قىلماقتا ، دەۋىر ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ، كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تارىخنىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ يوقالماقتا ، ئۇلارنىڭ يالغۇزلۇقى مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئىلىپ كەلگەن سىنىقى ۋە زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى . لېكىن ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭقۇرسىدا ، دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان رايوندىكى بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تەقدىرى بەلكىم ئۇنچۇۋالا ئېچىنىشلىق بولماسلىقى مۇمكىن ، چۇنكى ئۇلار دۇنيادا يالغۇز ئەمەس ، ئۇلار ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ ، ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ بىر-بىرسىنىڭ مەدەنيىتىنى ئۆزىگە ئەينەك قىلىپ ، ئۆز-ئارا كەمچىلىكىنى تولۇقلىغان ئاساستا ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا مەن سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دوستلىرىمدىن سوراپ باقاي ------
ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر بىر مىللەتمۇ ؟
ئەسلى مەنبە : ئۆزبېك لىنىيىسى历史上的今天:
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۇشى، ھازىرى ۋە كەلگۇسى 2010/01/23غەرپكە كوچكەن ھۇنلار ئۇيغۇر نەسلىدىنمۇ؟ 2010/01/23بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە2)( 2010/01/23بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە 2010/01/23
收藏到:Del.icio.us
ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر بىر مىللەتمۇ - [ئۇيغۇرۇم ھەققىدە مۇلاھىزە]
Blog:بۈركۈت جۈمەنىياز تورخاتىرىسى2010-06-21 15:09:03
引用
下面Blog引用了该文: