دۇنيا مىنى ئەمەس ، مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن !!!

خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}.

  • قۇمۇل-جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولۇپلا قالماستىن ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ، مىللىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن زور مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار بىلەن ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرماقتا . ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولۇپ تۇرغىنى بەدىي ئەسەر « مايتىرى سىمىت» ، 3 مىڭ يىلدىن ئاشقان موميالار، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تۇرالار ، مەسچىت -مەددىرىسلەر، ھېيتگاھ، مازارلار،قۇمۇلدا ئۆتكەن ۋاڭلار دەۋرىدىكى نەمۇنىلەر ، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا تۈزۈلگەن« باياز »

  • ياتاقتا ئېرگوتو ئىچىپ ئولتۇراتتۇق، كۆزلىرىمىز كەيىپلىكتە پۈرۈلۈپ، قىسىلىپ، كىچىكلەپ كەتكەنىدى، قېرى بېيجىڭلىقلارغا ئوخشاش تولا سۆزلەيتتۇق، نەچچە مىليون ئادەم خەنزۇچە سۆزلىشىدىغان بۇ شەھەرنىڭ كىچىككىنە كاتىكىگە قىستىلىپ، بىر بۇلۇڭدا جاھاننىڭ، قىزلارنىڭ پارىڭىنى قىلاتتۇق. قىزلار بىز ئۈچۈن پۈتۈن جاھان ئىدى. گېپى چىقمىغان شىرىنگۇل، ئازاتگۈل، ئارزىگۇللەر… قالمىدى، چىرايلىقلار مەڭگۈ بىزنىڭ پاراڭ تېمىمىز ئىدى. سەتلەرگە پەقەت ئېچىنىپلا قوياتتۇق، ھەتتا مازاق قىلاتتۇق

  • "ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ئەﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﺘﯘﺳﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﺴﺎﻕ(ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰ ئۇﻧﺘﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ئەﻣﺮﯨﯖﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ)، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﻐﯩﻦ. ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯖﮕﻪ ئوﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯜﻙ ﻳﯜﻛﻠﯩﻤﯩﮕﯩﻦ(ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ)، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ئاﺭﺗﻤﯩﻐﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﯩﻦ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻤﯩﺰﺳﻪﻥ، ﻛﺎﭘﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ" {"ﺑﻪﻗﻪﺭ"ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 286-ئاﻳﻪﺕ}.

  • قايناپ تۇرغان بازار. ئادەملەر ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. مەن ئىسسىقتىن چاڭقاپ كەتكەن لېۋىمنى يالاپ ئەمدىلا دوغاپچىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە يېقىنلا يەردە بىر ناخشا ۋە ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىنغان راۋاپ ياڭراشقا باشلىدى، خەقلەر توپلىشىپ تۇرۇۋالغانىدى. مەن دوغاپنى ئىچىپ بولۇپ، تاماشا كۆرگىلى قىستالدىم. بېشىغا كىر ياغلىقىنى چىڭ چېگىۋالغان بىر قىز كۆينىكىنى تىزىغا يېيىپ، گاھ دۈمچىيىپ، گاھ ئۈستۈن بولۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى

  • نۇرەك ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ كۆكتە ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەرگە مەپتۇن بولۇپ قاراپ قالغانىدى. موللاقچى كەپتەرلەرنىڭ ئويۇنى ئۇنى شۇنچىلىك جەلپ قىلىۋالغان ئىدىكى، ئاپىسىنىڭ پەستە تۇرۇپ توۋلىغىنىنى پەقەت ئاڭلمىدى.
    − ھەي... ھاڭۋاقتى...ھېلى ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشەرسەن!
    نۇرەك ئاپىسىنى ئۇنتۇپ كەتتى. بەلكى ئۇنىڭ چىقىراق ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالىمىدى. ئۇ بەرىبىر ئۈستىدە، ئاپىسى پەستە ئىدى.

  • ئىزدىگەندىكىن چوڭىنى ئىزدەي دەپ, باش مۇھەررىرنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.
      __ ھە كىرىڭ... ئىشىك ئوچۇق.
      قارىغاندا سۈرى يوق،  مۇلايىم ئادەم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن كىرىپ تۇرۇشۇمغا بىر قىزسىرتقا ماڭدى، مەن بايا بۇ قىزنىڭ «تۇرپان ئۈزۈملىرىنى تېتىپ باقامدىكىن, دەپ ئالغاچ كەلگەن...» دېگەن گەپلىرىنى ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ قالغانىدىم، بۇ قىز مېنى ئاڭلىمىدى دەپ ئويلىدى، چىرايىمغا قاراپمۇ باقمىدى، ئۆتۈشۈپ كەتتۇق، بۇ قىزمۇ بەلكىم مەندەك

  •  

    سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىرچوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان.
    ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى، تېنىدىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرىنىڭ پۇرىقى تارىدى.

  • ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﻮﻭﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﻟﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﻯ، ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻ-ﻳﯧﺸﯩﻞ ﭼﯩﺮﺍﻏﻼﺭ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ، ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﭘﯩﻘﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﺧﺎﺗﺎ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﻪﺭ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭ ﺗﻪﺧﺴﻪ-ﺗﻪﺧﺴﻪ ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﻪﻳﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺳﻪﻳﺪﯨﻦ ﺳﯘﺱ ﮬﻮﺭ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻪﺗﺘﻰ، ﺟﺎﻧﻤﯘ ﮬﻮﺭ ﺩﯦﯧﻴﯩﺸﯩﺪﯗ ﭼﻮﯕﻼﺭ، ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ، ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺳﻮﺭﯗﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺭﻩﯕﺴﯩﺰ، ﺧﯘﻧﯘﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﺎ

  • —ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭ، ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ
    —ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﻳﻮﻕ...-ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ--ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ
    —ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺳﻪﻥ، ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ؟
    —ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻳﻤﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ، ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ...
    —ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪ ﺷﻮﺭﻛﺎ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﻪﻳﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﯩﻤﻪﻥ.
    —ﻣﯧﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﯘﯓ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﻪﻥ...- ﺋﯘ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺷﻮﺧﺸﯘﭖ ﻣﺎﯕﯩﯟﻩﺭﺩﻯ.
    ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻏﻪﺯﻩﺑﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ، ﻗﻮﻟﻰ ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

  • __ ئاﻏﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﯧﺰﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻫﻪ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ... ﻗﺎﻏﯩﺶ...ﭘﺎﻏﯩﺶ.. ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.. ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ... ﺩﻩﻝ.. ﻣﯘﻗﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
    __ ئەﻣﺪﻯ ﺩﻩﻳﻤﯩﻨﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﯩﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ..

  • ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺒﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﺶ-ﻳﯧﻨﯩﺸﻼﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ، ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦﻫﯧﭻ ﺳﻪﯞﻩﭘﺴﯩﺰﻻ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﻪﻧﺪﻯ. ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺳﯧﻤﻮﻧﺖ، ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ، ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﺎﺵ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﯞﻗﯘﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯩﺴﻤﺎﻕ ﻛﯚﺯﺩﻩﻙ ﺳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥﺗﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﻰ ئۆز يۇرتىنىڭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﺎﻣﺘﻰ؟ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ

  • ﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﻓﺎﻳﯜەﻧﺴﻰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﻧﻴﯘﺟﯥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺭﺍﻫﯩﺒﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯘﺭﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺗﻮﯞﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ، ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺨﺎﺭﺍﻣﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺷﻴﺎﯞﻟﯩﻨﺪﻩﻙ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ

  • خېلى زامانلار بولدى، مەغلۇب بولغان تۇنجى مۇھەببەتتىن كېيىن جىنسىيەت ماڭا ھەقىقىي بىر تۇيغۇ، ۋاز كېچىلمەس بىر ئىستەك بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىدى، 10 نەچچە يىللار ئۆتتى، مەۋھۇم قىزلار ئۈچۈن ئىلھام-تەپەككۇرۇمنى، ئىجادىيەت تەلقىنلىرىنى سۈرۈپ كەلدىم، جىمى ھاياجان ۋە ئويناق پىكىر ياشلىقنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ ھاياتىمغا ئىز سالدى. خەلق ئۈچۈن، شۆھرەت ئۈچۈن ئەسەر يېزىش يوقلا گەپ، دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن. ئەرگە تېگىپ كەتكەن بىر نەچچە قىز ئۈچۈن ئېچىنىپ ئولتۇرۇپ شېئىر يازغان

  • گۆش ئاز، كۆكتات كۆپ بۇلۇش؛ تۇز ئاز، ئاچچىقسۇ، سامساق كۆپ بۇلۇش؛ تاتلىق يىمەكلىك ئاز، مىۋە كۆپ بۇلۇش؛تاماق ئاز، چايناش كۆپ بۇلۇش؛ كىيىم ئاز، يۇيۇش كۆپ بۇلۇش؛ سۆز ئاز، ھەركەت كۆپ بۇلۇش؛ ھەۋەس ئاز، تەدبىر كۆپ بۇلۇش؛ كەچتە غەم- قايغۇ ئاز، ئۇخلاش كۆپ بۇلۇش؛ غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش ئاز، كۈلۈش، ئازادىلىك كۆپ بۇلۇش.

  • باھانە بىر تۈرلۈك ناچار ئادەتتۇر. باھانە ئىزدەيدىغان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالساڭ، خىزمىتىڭ ئاقسايدۇ، ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايسەن. بۇ خىل  ئادەتتىن ئادا - جۇدا  بولسا - ھە، خىزمەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلەشمەيسەن،  بەلكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىنى  بىلىۋالىسەن، بۇ ھالدا باھانە بارغانچە يىراقلىشىپ، مۇەپپەقىيەت بارغانچە قۇچاق  ئاچىدۇ.

  • سىز ھازىردىن باشلاپ:1. مۇنۇ ئادەتلىرىڭىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىڭ:تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلىماسلىق؛"بۇ ئىشنى مەن قىلالماسمەنمىكىن"دىگەندەك پاسسىپ سۆزلەرنى قىلىش؛ھەر كۈنى 60مىنۇت تېلۋىزور كۆرۈش؛ئەھمىيەتسىز پاراڭلىشىش.2.

  • يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب  دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى مەخسۇس ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەم تەتقىقات پائالىيەتلىرى قانات يايماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلىرىنى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق

  • بىل گەيتىسنىڭ قىزىنى كىلىن قىلىش
    قولىدىن ئىش كىلىدىغان سودىگەر جېك مەلۈم بىر كۈنى ئوغلىغا مۇنداك دىدى ؛  مەن كىلىن قىلىدىغان قىزنى تاللاپ

  •   سەن كۆيئۇغۇل بولدۇڭ،بۇ كۈننىڭ ساڭا نىسىپ بولغىنىغا موبارەك بولسۇن،ئوغلۇم!يادىڭدا تۇتقۇنكى ،نىكاھ مۇقەددەستۇر!شۇنىڭ ئۈچۈن جۈپتى ھالال دىيىشىدۇ.
      ئەمدى قانىتىىڭ قۇش بولىدۇ،ئاتا-ئاناڭنىڭ باغرىدىن ئۇچۇپ چىقتىڭ ،ئۆي بىساتىڭ ئالاھىدە ،«ئائىلە»ئاتلىق مەملىكەتنىڭ سۇلتانىدۇرسەن،ئەمرىڭنى تازىم بىلەن بىجا كەلتۈرىۋاتقان مۇلايىم ئايىم بولسا ۋەزىرىڭدۇر،ئۆيلەندىڭمۇ تامام،سۆزۈڭدە،ئۆزۈڭدە ،تۇتۇملۇرىڭدا كۆندە بىر يىتۈكلۈك،ئۇلۇغلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈشسۇن،قانىتىڭ قۇش

  • 2009يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى
    مەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مارىپ نازەرىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شەھەرىمىزدىن جەمئىي 28نەپەر ئوقۇتقۇچى2006 يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە، مائارىپ ساھەسىگە ياردەمگە باردۇق. بارغاندىن كېيىن ھەر قايسى ناھىيەلىرىگە تەقسىم قىلىندۇق. مەن يېڭى شەھەر ناھىيىسىگە

  • 5-.6يىلدىن بۇيان، بەزى مەتبۇئاتلاردا «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟»،«بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»،«بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟» دېگەندەك ماقالىلەر ئۇلاپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇ بىرمۇنچە «كېرەك»لەر كاللىمىزدا مۇنداق سۇئاللار ئويغىتىدۇ:بىزگە ئەشۇ ماقالىدە يېزىلغاندىكىدەك دادا،ئانا، بالا كېرەك بولسا، ئۇ ماقالىدىكى شەرتلەرگە چۈشمەيدىغان دادا،ئانا، بالا كېرەك ئەمەس ئىكەن. ئۇ ماقالىلەردىكى «كېرەك»لەرنىڭ دائىرىسى ئۇنچە كۆپ ئەمەس، ھەممىسىنى يىغسا پەزىلەرلىك بولۇش، بىلىملىك بولۇش، ۋىجدانلىق-غۇرۇرلۇق بولۇش، قىسقىسى،« 4بولۇش، 5تە گۈزەل» بولۇشقا تۈگەللىنىدۇ

  • ئىسلام ئىنسانلارنىڭ ئىسسىق – سوغۇق، يامغۇر – يېغىن، بوران – چاپقۇن ۋە زىيان  زەخمەتلەردىن ساقلىنىشى قاتارلىق ئېھتىياجلىرى تۈپەيلى قۇرۇلۇش سېلىشقا، قۇرۇلۇش سېلىش ئارقىلىق زېمىننى ئاۋات قىلىشقا، گۈللەندۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئۈچۈن ئاتا قىلغان نېمىتى قاتارىدىن سانايدۇ.

  •   "ئامېرىكىنىڭ ئاياللار بازىرىدا كۇسار نىڭ ئورنىغا پەرىجە" ناملىق ئۇنۋان د.ھېنرى ماكوۋ نىڭ ماقالىسىنىڭ ئۇنۋانى بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇسۇلمان قىز غا كۆلەڭگە بولۇپ يۈرۈيدىغان ھايالىق دېگەن سۈپەتنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئائىلىسىدە ئەۋلاد تەربىيىلەشكە بېغىشلىغان مۇسۇلمان ئايالغا بولغان ھۆرمىتىنىمۇ يوشۇرالمىغان. قارشى تەرەپتە د. ھېنرى ئامېرىكا قىزلىرىدىكى  پۈتۈن ھاياتى جىنسى ھەۋەسنى قوزغاش، شەھۋانىيلىق،ئەخلاق چۈشكۈنلىكىدىن سەسكىنىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىماي تۇرالمىغان.

  • ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش يولى تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدىكى مەشھۇر رونكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.1929-يىلى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن قۇمۇل،ئۈرۈمچى ،چۆچەكلەردە ئايرودوروم ياسالغان.1932-يىلى

  • ماددا: ھەر بىر ئادەم ئەركىن ۋە ھۆر بولۇپ،شەرەپ ۋە ھەق ھوقۇقلىرى جەھەتتە باراۋەر.ئىنسانلار ئەقىل ۋە ۋىجدانغا ساھىب بولۇپ بىر بىرلىرىگە قېرىنداشلارچە دوستانە مۇئامىلىدە بولۇش. 2-ماددا: ھەر بىر ئادەم ئىرقى،رەڭگى،جىنسى،دىنى،تىلى،سىياسىي كۆزقاراش ئوھشىماسلىغى، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، تۇھگۇلۇشى ۋە شۇنىڭغا ئوھشىغان ھەر قانداق جەھەتلەردە ئايرىمىچىلىققا ئۇچۇرۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ

  • ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر ھەممىڭلارغا ئاللاھ تېنچلىق ئاتا قىلسۇن ۋە رەھمەت قىلسۇن! بىز ھەركۈنى كومپيۇتېر ئىسىملىك بۇ كىچىككىنە ئەسۋابنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىمىز. ئاۋاز ۋە سۈرەت ۋاستىسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشلەر بىلەن پاراڭلىشىمىز. بىز بۇ ئىلمىي كەشپىياتنى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق يوللارغا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىۋاتىمىزمۇ؟ ئىنتىرنىت تورىنىڭ دۇنيادىكى ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن كەڭرى ئېچىۋىتىلىشى بىر تەرەپتىن قارىغاندا ناھايىتى ياخشى ئىش بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا ئەڭ

  • ياش ئايروپىلان باشلىقى ، ئۇچقۇچى ئەكبەر مۇھەممەد 1988-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ، 1993-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچىلار ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئاۋىئاتسىيە ئىلمىنى ئوقۇغان . 1994-يىلىدىن 1995...

  • مىلادى 1- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇل يايلىقىدا ياشاۋاتقان ھونلار شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن زەربە بېرىشى  ۋە موڭغۇل يايلىقىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن سىيانپىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىلاجسىز غەربكە كۆچكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى 300 يىللىق تارىختا ھونلار ناھايىتى ئاز تىلغا ئېېلىنغان. مىلادى 4- ئەسىرردە بۇ سىرلىق مىلللەت ياۋروپادا يەنە پەيدا بولۇپ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دون دەرياسى يايلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

  • 2_دۇنيا ئۇرىشىدىكى قىززىقارلىق ئىشلار

    1943 – يىلى ئىتتپاقداش ئارمىيە ئىتالىيدە قۇرۇقلۇققا چىققاندا بىر جەڭگاھتا كەسكىن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرالمىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىكى بىردىنبىر تالاپەت ئىتتپاقداش قىس...
  • 1. ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
    2. ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
    3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدى...


Locations of visitors to this page.
HANJAMATI
قېتىم زىيارەت قىلىندى
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق