دۇنيا مىنى ئەمەس ، مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن !!!

پرېستان: بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇننى يازسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇنى مەلۇم تور بېتىگە ئۇلىنىش قىلالايسىز.

  • 2010/10/09

    ۋېن جىياباۋ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى - [خان جەمەتى خەۋەرلىرى]

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

     

     جۇڭگو باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

     

     دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇڭگو باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋنى رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق كۈتۈۋالدى. ۋېن جىياباۋنىڭ زىيارىتى، ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن باش مىنىستىرلىك سەۋىيەسىدە جۇڭگودىن دۆلىتىمىزگە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋېن جىياباۋنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. ئايرىم – ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ، ھەمدە تۈركىيە – جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. ۋېن جىياباۋنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىگە قارىتا كۆپ ساندا كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، مېھمان باش مىنىستىر ۋېن جىياباۋ، ئەنقەرە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا يېتىپ بېرىپ، سودا - سانائەت ساھەسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق