خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/08/19
ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان چەتئەللىك - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان چەتئەللىك
سىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان چەتئەللىكنى كۆرگەنمۇ؟ مەن تېخى بىزنىڭ تىلنى جىق مىللەت بىلمەيدۇ دەپ يۇرىپتىمەن. بۇ ئامرىكىلىق 7 مىنۇت ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى ھەرپلىرىنى سۆزلەيدىكەن. مەنچە ھازىرقىدەك ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۆزىمىز قەدىرلىيەلمەيۋاتقان ۋاقتتا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ سىننى كۆرۈپ بېقىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن..... -
قەشقەر تارىختا مەدىنىيەت بۆشىكى ،ئىلىم -مەرىپەت مەركىزى بولغان ، بۇ جاي ئۇزاق يىللىق تارىخقا ، شانلىق مەدىنىيەتكە ئىگە قەدىمى گۈزەل ماكان . يەنە بىر نۇقتىدىن ئىيىتقاندا قەشقەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلارشقان . ئىسلام مىمارچىلىقىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغان شەھەر . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولۇپمۇ ئاتالمىش ((مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى )) مەزگىلىدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تارىخى مەدىنى يادىگارلىقلىرىمىز
-
2010/03/11
قەدىمقى ئۇيغۇرلار - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ئۇيغۇرلار باشتا ھون قەبىلە ئىتىپاقىدا بولغان. غەربىي ھون قەبىلىلىرى ئىچىدە ساراغۇرلار، ئونوغۇرلار، كوتۇغۇرلار دىگەن قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقى بۇنى كورسىتىپ تۇرۇپتۇ. تۇركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمقى خەلق داستانلىرىدىن بولغان <<ئوغۇزنامە>> دە مەدھىيلەنگەن ۋە ھونلارنىڭ بىرىنچى خاقانى دەپ تونۇلغان ئوغۇزخانمۇ ئوزىنى ئۇيغۇر خاقانى دەيدۇ.
-
ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋىن ھېدىن ( 1865-1951 ) ، سىتەيىن ( 1862-1930 ) ۋە پائول پىللىئوت ( 1945-1978 ) قاتارلىقلار ئىلگىرى ۋە ئاخىر تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، جۇغراپىيىسى ، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، شۇنداقلا قوللانغان تىللىرىغا بېغىشلانغان
-
2010/03/05
تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
تەكلىماكان بولسا ئۇيغۇرچىدە «بارسا كەلمەس،تەكتى ماكان»دىگەن مەنىلەردە بولۇپ،«ھالاكەت دېڭىزى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى بولسا دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق بولۇپ ،نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلاندى.بۇ قۇملۇق قەشقەرنىڭ شەرقىگە،تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ كۆلىمى337600 كۇۋادىرات كىلومىتىر كېلىدۇ،مەملىكەت بويىچە ئومۇمى قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %47نى ئىگللەيدۇ
-
2010/03/02
كۇچادىكى قىزىل قاغا تۇراسى - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
قەدىمكى تۇرلار : قەدىمكى زاماندىكى ھەربى ئەسلىھە . ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى سۇلالىلەر چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، مۇھىم قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ بويلىرىغا نۇرغۇن تۇرلارنى ياسىغان بولۇپ ، بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قارلغان تۇرلار ئىزلىرتى ئاز ئەمەس . (1) خەن سۇلالىسى دەۋرى
-
2010/03/02
تارىم مەدەنىيىتى - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
تارىم مەدەنىيىتى دائىرىسىگە تۆۋەندىكى تارماقلار كىرىدۇ: (1)لوپنۇر — چەرچەن تارمىقى؛ (2)ئۇدۇن (خوتەن) — گۇما تارمىقى؛ (3)پامىر — ئوپال تارمىقى ؛ (4)ئاقسۇ — كۇچا تارمىقى. تارىم ئويمانلىقى — تەڭرى تاغلىرى، قاراقۇرۇم (كوئىنلۇن) ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شەرقتىن غەرىبكە ئۇزۇنلۇقى 1500 كىلومېتىر،
-
يۇقىرىقى مىساللاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" شوئارىدىن پايدىلىنىش جەريانىنى كۆزەتكەندە شۇنداق خۇلاسىغا كېلىش مۇمكىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 40-يىللاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئىنقىلابىنى باشتىن ئاخىرى "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" دەپ بېكىتسىمۇ، بىراق مەزكۇر تەبىرنى مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ
-
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىي مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن تولدى. بۇ دەۋردە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسى بويىچە كەڭ كۆلەمدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى پارتلاپ، يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ 30-يىللاردىكى ئىنقىلابلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، 40-يىللارغا كەلگەندە قايتىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسى، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزلىرىنى- ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن شىمالدىكى ئۇچ ۋىلايەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ۋە ئاخىرىدا ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە كاپالەتكە
-
2010/02/22
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر (2) - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
2. جۇغراپىيىۋى سىياسەتنىڭ قۇربانلىرى
ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۇرىكى-ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەستىلىك ۋە ئازابلىق تارىخى ئەركسىزلىكنىڭ تەمىنى تەتىغان ھەمدە ئەركسىزلىكنىڭ بىر مىللەت ئۇچۇن ئەڭ زور دەرىجىدىكى يوقىتىش ۋە تراگەدىيە ئىكەنلىكىنى ئەتىراپ قىلغان قەلبلەر بىلەن كوپ ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ، لەكىن ئۇ يەنە ئوزىگە خاس تەرەپلەرگە ئىگە. بەلكى، ئۇنىڭ خەستەلىك تارىخىنىڭ ۋاراقلىرى -
2010/02/22
1 چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىن خىلۋەت قالغان قەدىمىي دىيارى خوتەننىڭ قاراڭغۇ مەدرىسلىرىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ غۇۋا نۇر چۇشۇپ تۇرىدىغان تۇڭلۇكلىرىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئوتمۇش قەھرىمانلارنىڭ مۇساپىلىرىنى كورۇش بىلەن تەپەككۇر قاينىمىغا چومۇپ، باتۇرلارنىڭ جەڭ ئارغىماقلىرىنى ئوز ۋەتىنىدە قايتىدىن چاڭ چىقارغۇسى كەلگەن م.ئى.بۇغرا بۇنىڭدىن 60 يىل مۇقەددەم قەرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئوز ئانا تۇپرىقى – شەرقىي
-
2010/02/20
لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلىكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى
-
2010/02/20
ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابى ۋە مىللى ئارمىيە - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ساۋدانوف زايىر- مىللى ئارمىيدە ئاتلىق باتالىيونىڭ شىتا ب باشلىقى ، پىيادە 4- پولىكنىڭ شىتاب باشلىقى ، مىللى ئارمىيە سىياسى بۆلمىنىڭ مۇدىر بولغان ،دۆلەت قۇرلغانىدىن كىيىن 5-كورپۇسنىڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى،ھەربى رايون سياسى بۆلمىنىڭ ئىككنچى مۇئاۋىىن مۇدىر ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومىسارى ، ئۈرۈمچى ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن سىياسى كومسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
مىللى ئارمىيە دىگەن بۇ ئىسىم ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىىن ئورۇن ئالدى.يېرىم ئەسىردىىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى ، مىللى ئارمىيە دىگەن بۇ ئىسىم ھەر قىتم تىلغا ئېلىنغاندا مىللىتىمىز ئۆزىنىڭ يېرىىم ئەسىر بۇرۇنىقى، ئازادلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ئاشۇ كىشىللرىمىزنى ، كۆرەش ئۈچۈن ئىسسق جانلىرنى قۇربان قىلغان ئاشۇ سۆيۈمىلۈك جەڭچىللرىمىزنى ئەسكە ئالماي تۇرالمايمىز . -
. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، قاسىمجان قەمبىرى، سوپاخۇن قاتارلىقلار ئاتلىق قىسىمنى باشلاپ ئاقسۇ رايونىغا بېرىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە تاشقورغانغا بىر ۋىزۋود ئەسكەر ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى پارتىزانلارنىڭ كۈرىشىگە مەدەت بېرىش؛
-
2010/02/20
تەكلىماكانغا دۇملەنگەن روھ - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىز بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئىتالىيىلىك، فرانسىيىلىك ۋە گېرمانىيىلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان: ئىتالىيان مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا پەرۋاسىزلارچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ فرانسۇز رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا قولى بىلەن يەرنى بىر _ ئىككى قېتىم سىلاپ قويغانيۇ، يىڭنىنى تېپىۋېلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن، پەقەت ئىزدەپ كۆردۈم، دېگەن روھى تەسەللى بىلەنلا بولدى قىلغان؛ گېرمان قولىغا بىر سىزغۇچ بىلەن بورنى ئېلىپ، پولغا كىچىك-كىچىك چەمبەرلەرنى سىزغان، ئاندىن ھەربىر چەمبەر ئىچىنى
-
ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ “ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ( ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ) ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ” ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺳﯚﺯ ﺑﺎﺭ. 1840- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ، ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﺭﺍﻕ ﺋﯘﻗﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖﺗﻪﺭﻩﭘﺘﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ، ﮬﯧﺴﺎﭖ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.
-
2010/02/20
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
قىرغىزىستاندا 36 مىڭ ئۇيغۇر ياشىماقتا، ئۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭى شەھەرلەردە، 16مىڭى يېزىلاردا ياشايدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى جەنۇب ئۇيغۇرلىرى ۋە شىمال ئۇيغۇرلىرى دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. جەنۇب ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتى، ئۇش شەھىرى، قارا سۇ، قەشقەر قىشلاق يېزىلىرىدا ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بىر نەچچە مەھەللىقلەرنى تەشكىل قىلغان.
-
2010/02/20
بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرمىز - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۈم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، سوغدى يېزىقى ، مانى يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، براھمى يېزىقى ، قارۇشتى يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى، كونا تىبەت يېزىقى ، ئەرەپ يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ، ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ، سلاۋيان يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق 30 غا يېقىن يېزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ، ئومۇمىيۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغىنى قەدىمكى تۈرك يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خاقانىيە يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت .
-
2010/02/20
ئىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ئىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى
تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋادىسىدا ئەڭ بۇرۇن ساكلار ياشىغان. «خەننامە. غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە»دە: «توخرىلار ھونلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئۇلار غەربكە ساك پادىشاھىغا زەربە بەر... -
2010/02/16
ئۇيغۇرلارنڭ قانلىق تارىخى - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ئۇيغۇرلارنڭ قانلىق تارىخى 1918-ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﻳﯩﯖﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻮﯞﯨﺖ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ.
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯩﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ – ﻗﯘﻳﯘﻕ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ،
ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯜ... -
2010/02/15
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى- - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى-ئەزىزانە قەشقەر قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، سەمەرقەنت، كابول، ھىرات قاتارلىق شەھەرلەرگە ئوخشاش قەدىمى مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى. قەشقەر تارىختا خانساراي، مەدرىسلەر كۆپ بەرپا قىلىنغان، ئىلىم– مەرىپەت كۆپ... -
2010/02/07
يارغول قەدىمى شەھىردىكى سىرلار - [مىللىتىم ۋە دىيارىم]
يارغول قەدىمى شەھىردىكى سىرلار يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر ...