2010/02/22

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسىلىلەر)1( - [مىللىتىم ۋە دىيارىم تارىخى]

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مەسىلىلەر)1(

                 - مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى  


                  
    نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


        
    ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىي مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن تولدى. بۇ دەۋردە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى  دائىرىسى بويىچە  كەڭ كۆلەمدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى پارتلاپ، يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ 30-يىللاردىكى ئىنقىلابلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، 40-يىللارغا كەلگەندە قايتىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسى، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزلىرىنى- ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن شىمالدىكى ئۇچ ۋىلايەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ۋە ئاخىرىدا ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە كاپالەتكە ئىگە قىلدى.


      
    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن ئىنتايىن مۇھىم بىر سىياسىي ۋەقە بولغاچقا بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلار يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان كۆپىيىشكە باشلىدى ھەمدە ئىلگىرى كىيىن جۇڭگو، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، بۈگۈنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە باشقا ئەللەردە بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەر ۋە تۈرلۈك خىلدىكى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇر ئىنقىلابىي شاھىدلىرىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرى، كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىرىدىن زاھىر ساۋدانوۋ، سوپاخۇن سوۋۇروف، زىيا سەمەدى، توختى ئىبراھىم  قاتارلىق ئونلىغان ئەربابلار ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى شۇنىڭدەك خەنزۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەخسۇس "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى"، "مۇھىم ۋەقەلەر خاتىرىسى" غا ئوخشاش بىر قاتار كىتابلار نەشىر قىلىندى. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ بولسا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېمەك ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي. تۆۋەندە مەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت مەسىلىلەرنىڭ بىرى "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" مەسىلىسى ھەققىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يۈزەكى بولسىمۇ، توختالماقچىمەن.

    20-
    ئەسىرنىڭ 20-40-يىللىرىدا سوۋېت رۇسىيىسى ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاسىيا، ئافرىقا ھەم باشقا جايلاردىكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ باھالاش پرىنسىپى بويىچە 30-40- يىللاردا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كاتېگورىيىسىدە كىرگۈزگەن.

    كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەبىرىگە تايانغاندا ، "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" ، يەنى رۇسچە   Национально-освободительное движение، ئىنگىلىزچە National liberation      movement   مۇستەملىكە ، يېرىم مۇستەملىكە ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ۋە بارلىق ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە ، جاھانگىرلىككە ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەرىكەتدۇر. بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەت 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئەۋجى ئالغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە دۇنيا، ئۇلۇغ بېرىتانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، چار رۇسىيە ، ياپونىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى قاتارلىق جاھانگىرلىك دەۋرىگە كىرگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان ئىدى.
    ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسىر دائىرىسى ئاستىدا بولۇپ، دۇنيادا ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەردىن ئىبارەت ئىككى كاتېگورىيە شەكىللىنىپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدىكى كۈرەش ئۆتكۈرلەشتى. نەتىجىدە دۇنيا يۈزىدە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كېلىپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا خېلى كۆپ مىللەتلەر مۇستەقىل بولدى.

    رۇسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تېخىمۇ ئەۋجى ئالدى. دۇنيا يۈزىدە جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ يېڭى دولقۇنى شەكىللىنىپ، ھەر قايسى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىش مەسىلىسى خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ جەھەتتە سوۋېت رۇسىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ، "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ئىدىيىسىنى" ھەممە يەرگە يېيىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر دولقۇنى كۆتىرىلىپ، يەنە كۆپلىگەن مىللەتلەر ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىگ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلدى. دېمەك، سوۋېت رۇسىيىسى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 30-40-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىنى " مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىچىلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى "دەپ ئاتىشى تەسادىپىي ھادىسە ئەمەس ئىدى. تارىختىكى سۇن جوڭشەننىڭ مانجۇلارنىڭ مەنچىڭ سۇلاسىغا قارشى مىللىي ئىنقىلابى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى سەككىز يىللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا خەلقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھەمدە كورىيە خەلقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى كۈرەشلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇستەقىللىق ئىنقىلابلارنىڭ ھەممىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپتۇر.

      1931-
    يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنە شۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت پرىنسىپ بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى  كومپارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ سېكرىتارى باۋمان سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ " مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت خاراكتېرى" غا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ھەرىكەتكە ياردەم بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.(1) بۇ مەزگىلدە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى " ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، سوۋېت رۇسىيىسى كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، قىزىل ئارمىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ھەم تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتى قاتارلىق ئورگانلار شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭلار ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشى شۇنىڭدەك تاشقى ۋە ئىچكى تەسىرلەر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىش نەتىجىسىدە، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىشىدە ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى پەيدا بولدى.

    ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش. بۇ ئىدىيە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن باشتىن -ئاخىرى تەكىتلىنىپ كەلگەن . ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ، ئىسماھىل تاھىروف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف قاتارلىق يەتتە سۇ ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت رۇسىيىسىدىن ئۈمىد كۈتكەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش پىكرىنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماستىن بەلكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر كوممۇنىست دۆلەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ نۇتۇقلىرىدا ۋە ماقالىلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.(2) ئابدۇللا روزىباقىيېۋ 1922-1930-يىللىرى ئارىسىدا لېنىن ۋە ستالىن نامىغا ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەم مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلاتلار ۋە خەتلەر يازغان. ئۇنىڭ "غەربىي جۇڭگودا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا ۋە بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىلەر ھەققىدە" ناملىق دوكلات تېزىسى ساقلىنىپ قالغان.(3) ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ يەتتە سۇ ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە تەلەپلىرىنى نەزەرگە ئالغان بولۇشى ئېھتىماللىققا ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغاش ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

    ئىككىنچى خىلدىكى پىكىر ئېقىمى ، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماستىن بەلكى خەنزۇ مىلىتارستلىرىغا ياردەم بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى تۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. بىرىنچى خىلدىكى پىكىردىكىلەر ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئىككىنچى خىلدىكى پىكىر ئېقىمى ستالىن قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ھەمدە شۇ بويىچە شېڭ شىسەي يۆلەپ تۇرغۇزۇلۇپ، سابىت داموللام باشچىلىقىدا تەسىس قىلىنغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" ۋە  ما جوڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرى يوق قىلىندى ھەمدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە تونۇلغان خوجا نىياز ھاجىم سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشى، كۆرسەتمىسى ۋە ۋەدىلىرى بويىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ شېڭ شىسەينى قوللاشنى قارار قىلىشى ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر ۋە ياكى دۇنيا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تەرەپدارلىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغان (4) بولۇپ، بۇ چاغدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ موسكۋانىڭ بۇ قارارىغا قارشى تۇرۇپ ستالىن رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى كومىتېتقا ئەۋەتكەن دوكلاتىدىمۇ ئوخشاشلا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت "ئىبارىسى تەكرارلىنىپ، " گەرچە، مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتارىدا فېئوداللار بار بولسىمۇ، بۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. (5)

    قىزىق يېرى شۇكى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، شېڭ شىسەينى قوللىغان ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسىمۇ بۇ چاغدا ئوخشاشلا" ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " ئاتالغۇسىنى قوللىنىۋەرگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنى "مۇستەملىكە ئاستىدا ئېزىلگەن مىللەتلەر" كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، سوۋېت دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي خادىملىرى خوجا نىياز ھاجىمغا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى ۋە باشقىلارغا ئۆزلىرىنىڭ "ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى" ۋە "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ نىجات يۇلتۇزى" ئىكەنلىكىنى ئىزچىل بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن " تايانچ كۈچ" دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد باغلىغان . لېكىن، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە 1937-1939-يىللىرىدىكى شېڭ شىسەينىڭ قىرغىنچىلىقى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق  ئۇيغۇر رەھبىرىي شەخسلىرى ۋە قوزغىلاڭ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۆلتۈرۈلۈشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلاشقان تەرىپى بولۇشى ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " ۋە "ئېزىلگەن مىللەت" ئاتالغۇلىرىنى ئويۇنچۇق قىلغانلىقىدەك ئەسلى ماھىيىتنى ئاشكارىلىدى. سوۋېت سىياسەتچىلىرى بۇ مەزگىلدە مىللىي ئازادلىق ھەركەت نەزەرىيىسىنى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسدە چۈشەندۈردى ھەمدە ئۇلارنى شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ، بۇ ئۆلكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك  ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلدى. شۇ ۋەجىدىن شېڭ شىسەينىڭ "ئالتە سىياسىتى"نىڭ تۈزۈلىشىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەسلىدە مىللىي ئازادلىق ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان موسكۋا ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئارزۇسىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ ئالتە سىياسىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى شەرھلەپ، ئۆز چېگرىسىنىڭ يېنىدا مۇقىم ۋەزىيەت ھەمدە سوۋېت تەسىرى ئاستىدىكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
    ئەمما، 1940‏-1943-يىللارغا كەلگەندە شېڭ شىسەينىڭ يۈز ئۆرۈشىدىن غەزەپكە كەلگەن ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى " مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " نەزەرىيىسىنى يەنە بىر قېتىم قوللاندى. 1943-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغاش ھەققىدە قارار ئالغاندىن كېيىنكى ھۆججەتلەردە(6) ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىمۇ قوزغىماقچى بولغان بۇ ھەرىكەتلەر "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى "دەپ ئاتالدى. مەسىلەن، 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن چىقىرىلىپ، مەخسۇس شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن "شەرق ھەقىقىتى"، "قازاق ئېلى" جۇرناللىرىدىكى ماقالىلاردىمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىبارىسى ئىشلىتىلگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇلخانە خادىملىرىنىڭ ئىنقىلابنى نەدە قوزغاش ھەققىدە موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتلىرىدىمۇ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" ئىبارىسى قوللىنىلغان ئىدى. (7)

    موسكۋا ئەنە شۇ "مىللىي ئازادلىقى  ھەرىكىتى" شوئارىغا  ئاساسەن غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە 1945-يىلى 5-يانۋاردا توققۇز ماددىلىق خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى شۇنىڭدەك مەزكۇر خىتاپنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا ئوچۇق قىلىپ، " مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش" (8) شوئارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا يول قويدى ھەتتا كۆرسەتمە بەردى. "مىللىي مۇستەقىللىق شوئارى ، ئەلىخان تۆرە باشلىق "ئازادلىق تەشكىلاتى"نىڭ پائالىيەتلىرىدىن تارتىپ، تاكى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىش ھەمدە بىتىم تۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا كەڭ تەشۋىق قىلىندى. سوۋېت تارىخشۇناسلىرىدىن ئالىمجان ھاكىمبايېۋ ۋە مىنگۇلوۋ قاتارلىقلار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ مەزكۇر توققۇز ماددىلىق خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە دۆلەت تۈزۈلمىسى ھەمدە ئىجتىمائىي ، سىياسىي ،ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق توختالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدىلا مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق شوئارلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى يوشۇرمىغان ئىدى(9). ئىنقىلاب شاھىدى سەيدۇللا سەيفۇللايېۋمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بايانىغا تايانغاندا، "1944-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرى ئازاد بولغاندىن كېيىن ، ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە مۇستەقىللىق شۇئارى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىندى. بۇ ئەھۋال بىر يىل داۋام قىلىپ، تىنچلىق بىتىمنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى"(10).  مانا شۇ 1943-يىلىدىن تاكى 1946-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقى  ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا قوزغالغان "مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى" نىڭ "مۇستەقىللىق ئىنقىلابى" خاراكتېرىنى ئېلىشىنى چەتكە قاقمىدى. ھەتتا ئازادلىق تەشكىلات ئەزاسى ۋە كېيىنكى جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى   ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ ئەسلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلى داباشىن قاتارلىقلار "ئازادلىق تەشكىلاتى" غا  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلارنىڭ تاشقى موڭغۇلىيىدەك مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا  ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ھەتتا  نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى فاتىخ مۇسلىموفقىمۇ سوۋېت تەرەپ شۇنداق دېگەن(11)،  جۇمھۇرىيەت تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋەكىللىرى بارلىق ئورگانلارغا مەسلىھەتچىلىك قىلغان بولۇپ، بۇ مەسلىھەتچىلەر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن  ئىكەنلىكىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالمىغانلىقى ئۈچۈن  كىشىلەردە "سوۋېت ئىتتىپاقى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتىدۇ" دەيدىغان ئىشەنچ ھەم خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىنغان.  بىراق، موسكۋا دائىرىلىرى 1946-يىلى 6-ئايدا 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمنىڭ ئىمزالىنىپ، "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ھۆكۈمىتىنىڭ نامدا ئەمەلدىن قېلىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشى قاتارلىق سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى ئاشكارا يوسۇندا "مۇستەقىللىق" ئىبارىسىنى ئىشلەتمەسلىككە كۆندۈرگەن شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشى ۋە ئۇنى ھەربىي-سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللىشىنىڭ مەقسىتىنىڭ "مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەسلىك" ئىكەنلىكىنى ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا يۈزەكى بولسىمۇ ئاشكارىلىدى. ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ئەربابلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى  تەرەپكىمۇ قايتا-قايتا شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ، ھەتتا بۇ نۇقتىنى "سوۋېت- جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى" نىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

        
    بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى گەرچە ئىلى ھۆكۈمىتىنى جۇمھۇرىيەت ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەي، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۈزۈشكە دەۋەت قىلغان  ھەمدە مۇستەقىللىق شوئارىنىڭ ئاشكارە ئىشلىتىلىشىنى توسۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما  "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" شوئارىدىن يەنىلا ۋاز كەچمەي، ئۈچ ۋىلايەتتىكى بۇ ئىنقىلابنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.  سوۋېت ئىتتىپاقى 1946‏-يىلى 7‏-ئايدىن كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " ئىدىيىسى ۋە شوئارىنىڭ داۋاملىق تەرغىپ قىلىنىشىغا، ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سۆز- نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدا مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ كەڭ ئورۇن ئېلىشىغا چەك قويمىدى. مەسىلەن، 1946-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۆزلىرى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالغىنىدا، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى بۇ ئىنقىلابلارنىڭ پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى "ۋە ياكى " مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى" ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلىگەن ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزىنىڭ "مىللىي مەسىلىدىكى بەزى خاتالىقلىرىمىز" ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى:

    "
    مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇستەبىت تۈزۈمنى يوقىتىش، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقچىللىق سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت" ، " ھەقىقىي خەلقچىللەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا سادىر بولغان مىللىي مەسىلىدىكى خاتالىقلارنى تېزدىن تۈزىتىپ، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللەت ئايرىماي، گومىنداڭ ۋە جاھانگىرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولمىغان، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى، باراۋەرلىكىنى ئاساس قىلغان ،ئەمەلىيەتتىكى يېڭى خەلقچىللىق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت" .(12)

      
    ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرىدا  مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ مەقسىتىنىڭ دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىكەنلىكى  ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ  كىم تەۋەلىكى ھەمدە رەھبەرلىكى ئاستىدا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋە دوكلاتلىرىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ ئېڭىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى يەنىلا سابىق جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرە دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان توققۇز ماددىلىق خىتابنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشاندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ دەيدىغان  تۇيغۇنى بەرگەن بولۇپ، چۈنكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ  ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلىدىمۇ 9 ماددىلىق خىتابنامە ھەم سىياسىي پروگراممىغا ئەمەل قىلىنىدىغانلىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، 9 ماددىلىق خىتابنامە كېيىنكى ۋاقىتلاردا  ئەخمەتجان قاسىمى تەرىپىدىن  ھېچقاچان بىكار قىلىنغان ئەمەس، ئەكسىچە ئەلىخان تۆرە بىلەن ئالىي سوت باشلىقى مۇھەممەدجان مەخسۇم  ئىمزا قويغان " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى" ۋە "جىنايى ئىشلار قانۇنى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق قوللانمىسى" تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈچ ۋىلايەتتە ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇننىڭ  دەسلەپكى 9-ماددسىدا "ھۆكۈمەتنىڭ  توققۇز  ماددىلىق خىتابنامىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان  ۋە ياكى بۇ خىتابنامىگە خىلاپلىق قىلغان ھەر بىر پۇقرا جازاغا تارتىلىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن.(13)

    ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابنىڭ كېيىنكى رەھبەرلىرىنىڭ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" نۇقتىئىينەزىرىنى داۋاملىق قوللىنىشىنىڭ مەلۇم ئارقا كۆرۈنىشى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ " مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" نۇقتىئىنەزىرىدىن ئاخىرغىچە ئۈمىد كۈتكەن ۋە ياكى موسكۋانىڭ بۇ شوئارنى ئۆز ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "مىللىي مۇستەقىللىق شوئارىنى ئاشكارا ئىشلەتمەسلىك" كۆرسەتمىسىگە بىنائەن "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " ئىبارىسىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ ئەسلى تەبىرى بويىچە، يەنى مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان خەلقلەرنىنڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە ئىستىقلالىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مەنىسىدىن چۈشەنگەنلىكى ئېھتىماللىققا يېقىن . بۇنداق بولۇشىدىكى بىر سەۋەب شۇكى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش" ۋەدىلىرىدىن تېخى تولۇق ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمىسا كېرەك. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1946-يىلى 7-ئايدا ئەلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلىپ، جۇمھۇرىيەت نامى رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى،1949-يىلى 10-ئايغىچە، يەنى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مۇستەقىل ھالدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنمىغان ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللىغان. گەرچە، سوۋېت ئىتتىپاقى "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ئاتالغۇسىنى  رەسمىي يوسۇندا  ئىشلىتىشكە يول قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن، "شەرقىي تۈركىستان ئىلى ۋىلايىتى" دەپ ئاتىلىشىغا يول قويغان، بولۇپ 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىن "شەرقىي تۈركىستان ئىلى ۋىلايەتلىك كېڭەش"دېگەندەك ناملار مەيدانغا چىققان  ( 14)، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ 1944-يىلى 12-نويابىردا بېكىتىلگەن ش ت ج نىڭ  ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە داۋاملىق ئېسىلغان(15) ھەمدە مىللىي ئارمىيە بايرىقىدىكى " شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا " دېگەن خەتلەر داۋاملىق ساقلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى گېزىت -جۇرناللاردا "شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى، مىللىي ئازادلىق ۋە مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي ئەركىنلىك، " چۈشەنچىلىرىنىڭ كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى.(16)



    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ :
    قوللىنىلغان ئادرىسى :

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن يىڭىدىن بلوگ ئالغان ئىدىم ،ئۇلىنىشقا قىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
    http://filer.blogbus.com/5787129/57871291271384065s.gif
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن بىر بىلوگ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم.سىزنى ئاۋارە قىلسام بولارمۇ؟مەن ئۇنڭغا ئۇسلۇپ قويالمىدىم،ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرچە يېزىقىنى تۇنۇتالمىدىم.ماڭا ياردەم قىلارسىزمۇ؟
    خان جەمەتى 回复ۋەيرانى说:
    ئۇسلۇبنى قاچىلاشتا مەن ياردەم قىلاي. ئەمسە سىز ماڭا ئېغىر كورمەي مىمانى دەپ] بىرىڭ قاچىلاپ بۇلۇپ ئوزگەرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ . 314651411 چ چ نى قاچىلىۋېلىڭ ! ئامان بۇلۇڭ
    2010-02-24 17:50:01