2010/04/04
مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن! - [تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر ]
مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن!
تەرجىمە قىلغۇچى:مەلەك
مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن،بارلىق رومال ئارتقان قىزلار بىلەن بىرلىكتە ئازاپ چېكىمەن،ھەر كۈن مۇشۇنداق تۇيغۇ ۋە ھىسياتلار قاينىمىدا ياشايمەن. بايراققا تەلپۈنگەن بۇ يۈرىكىمگە ۋەتىنىم تولدى،مىھىر- مۇھەببەت تولدى ، نەپرەتكە قىلچىلىك ئورۇن يوق. بىز مۇھەببەت پىداكارلىرى ئىدۇق،دۈشمەنلىككە ۋاقتىمىز يوق ئىدى. مەن رومال ئارتقان بىز قىزمەن ، ئادۇۋكاتلار جەمىئىيىتىدىن چىقىرۋىتىلدىم،ياتىقىمدىن قوغلاندىم،مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئايلارچە يىغلىدىم، ئۇرۇپ-سوقۇلدۇم،ئەمما ئەسلا ۋاز كەچمىدىم،ۋاز كەچمەيمەنكى بۇ مېنىڭ ئىشەنچىم،مېنىڭ ياشاش شەكلىم.موداپەرەستلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلار ماختىلىپ كۆككە كۆتۈرۈلىدىكەنۇ،ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلار نىمىشقا بۇنچە خورلىنىدۇ؟؟؟ بۇنى ھىچ چۈشەنمىدىم،نىمىشقا بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋەتمەيدۇ؟؟؟ ئانام زىھنىمنىڭ ئوچۇق بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقاندا،" چوڭلارغىمۇ دۇئا قىپ قوي ئانا،ئاللاھ ئۇلارغا كۆڭۈل كۆزى ۋە شەپقەت بەرسۇن!" دېدىم. مەن رومال ئارتقان بىز قىزمەن، بەلكى بىر دوختور بولغان بولاتتىم ،ئەمما چوقۇم ئۆز يۇرتۇمدا قالاتتىم،ئامىرىكا دىگەندەك يەرلەرگە قېچىپ كەتمەيتىم،تەر پۇراپ تۇرغان تاغىلارنى تەكشۈرگەندە يۈزۈمنى قىلچىمۇ پۈرۈشتۈرمەيتىم،بوۋاقلارنى ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش مىھىر مۇھەببىتىم بىلەن باغرىمغا بىسىپ،دىئاگىنوزنى توغرا قويۇش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرەتتىم،ھەممە ئادەمگە بارابەر مۇئامىلە قىلاتتىم،شەپقەت ۋە سۆيگۈمنى ھەرگىز يوقاتمايتىم،دورا ئالالمايدىغان نامرات كىسەللەرگە ياردەم قىلاتتىم،كىيىنچە ئىمكانىيەت يار بەرسە دادامنىڭڭ ئىسمىنى قويۇپ بىر دوختۇرخانا ئېچىپ نامراتلارنى ھەقسىز داۋالايتىم. مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن، بەلكى بىر ئوقۇتقۇچى بولغان بولاتتىم،سەھرا بالىلىرىغا ئوقۇش- يېزىشنى ئۆگىتىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى.ھەر كۈنى يىڭى بىلىملەرنى ئۆگىتەتتىم، بىر كۈندىكىسى يەنە بىر كۈندىكىگە ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ،ئۆزۈمنىڭ بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇراتتىم، "ئادەمدەك "ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولاتتىم. مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن،بەلكى بىر سوتچى بولغان بولاتتىم،" ھەقنىڭ يۈز خاتىرسى ھەممىدىن ئۇلۇغ!" دەپ باشقا ھىچقانداق يۈز-خاتىرلەر بىلەن كارىم بولمايتى،ئادالەت ئۈچۈن قىلنى قىرىق يارغان بولاتتىم،باي -كەمبەغەل پەرقىنى ئارىماي،نۆۋەت بويىچە ئىش قىلاتتىم، "كۈچ- ھەقتە!" دىگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ " ھەق-كۈچتەدۇر!" دىگۈچىلەرگە قاراپمۇ قويمايتىم. مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن ،بەلكىم ئاددىي بىر ئانا بولغان بولاتتىم،ئانا بولماق دېمىسىمۇ ھەر نەرسە بولماق دېمەكتۇر! ئانا دىگەن بۇ نامىم بىلەن ھەر نەرسە بولغان بولاتتىم،ياكى ھەر ئىشنى قىلالايدىغان بالىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققان بولاتتىم،ئىمانلىق،كەسكىن قارارلىق، ئادەمگەرچىلىكى بار،نۇمۇسچان،دۇرۇست،ئەخلاقلىق،تىرىشچان،ۋەتەن سۆيەر بالىلارنى.... ئۇلار بىر مەزگىللەردىن كىيىن تۈركىيەنى باشقۇراتتى،ئۇ چاغدا تۈركىيەدە ھازىرقىدەك " قەلىب كىرزىسى" يۈز بەرمەيتى، "قەلىب كىرزىسى" يۈز بەرمىسە،ئىقتىسادى ۋە سىياسى كىرزىسلارمۇ بولمايتى.چۈنكى ھەر ئىش قەلىبتىن باشلىنار ۋە قەلىبتە ئاخىرلىشار.قەلىبلەر كىرزىستىن قۇتۇلسا،سىياسەت ۋە ئىقتىسادلارمۇ قۇتۇلىدۇ. مەكتەپتىن قوغلانساممىغۇ،ئەلۋەتتە ئانا بولالايمەن،ئەمما بىلىمسىز بىر ئانا بولىمەن،بىلىمسىزلىكىمگە باقماي ئەجىبا ئارزۇ قىلغىنىمدەك پەرزەنتلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقالمايمەنمۇ؟؟ تولىمۇ قىيىن!!خوش،ئۆگەنمەي تۇرۇپ قانداق ئۆگېتىسز؟؟؟ بىزنى باشقۇرغان ،ئوقۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلار،ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ كىلەچىكىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلمامدىغاندۇ؟؟؟ ئىشىنىمەنكى ھامان بىر كۈنى بۇنى ھىس قىلىدۇ،ئۇ كۈنى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسى،بارلىق ئوقۇش ئىستىكىدىكى بالىلارغا يوغان ئېچىلىدۇ.... ئۇ كۈننى سەبىر ۋە ئۈمىد ئىچىدە كۈتىمەن،مىڭلىغان روماللىق قىزلار كەبى.... چۈنكى مەنمۇ بىر رومال ئارتقان قىزمەن!!...... ھەتتا مەن بىر رومالمەن......
رۇخسەتسىز باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ!
تۈركچە سىلىشتۇرمىسى
Ben Başörtülü Bir Kızım tercüman: melek
Tüm başörtülü kızlarla birlikte acıyor içim, aynı duygu ve düşünceleri yaşıyorum. Bayrağa sarılı yüreğimin içi tepeleme vatan dolu, sevgi dolu: Her şeye rağmen nefrete yer yok! “Biz muhabbet fedaileriyiz, husumete vaktimiz yok..” Barodan çıkarıldım, lojmanlardan kovuldum, okul kapılarında aylar ayı ağladım. Çok hırpalandım, ama asla vazgeçmedim. Vazgeçemem ki, bu benim inancım, yaşam biçimim. Modacılarin sözlerini dinleyen baştacı edilirken, Allah´ı dinleyenler neden hırpalanıyor, hiç anlamıyorum? Neden bırakmıyorlar bizi bize? Geçenlerde annem “zihin acıklığı vermesi” için dua ederken, “Büyüklerimize de dua et anneciğim” dedim, “basiret ve şefkat vermesi için.” Belki doktor olacaktım, biliyor musunuz? Ama hep ülkemde kalacaktım, Amerika’lara filan kaçmayacaktım. Ter kokulu amcaları muayene ederken yüzümü buruşturmayacaktım. Bebeleri öz anne şefkatiyle bağrıma basıp, en uygun teşhisi koymak için en ince muayenemi yapacaktım. Herkese eşit davranacaktım. Şefkat ve sevgimi hiç kaybetmeyecektim. İlaç alamayacak kadar parasız hastalara yardımcı olmaya çalışacaktım. Daha sonra imkan bulursam babamın adına bir hastahane kurup fakirlere bedava bakacaktım. Belki öğretmen olacaktım: Köy çocuklarına okuma yazma öğretecek, her gün yeni bilgiler verecektim. Bir günüm diğerine benzemesin diye kendimi sürekli eğitip yenileyecektim. “Adam gibi adam”lar yetiştirecektim. Belki hakim olacaktim: “Hakk´in hatırı alidir, (yücedir) başka hatırlara bakılmaz” kuralınca sadece Hakk´ın hatırı istikametinde çalışacak, adalet dagıtırken kılı kırk yaracaktım. Zengin-fakir farkı gözetmeyecek, hatırlı-sıradan ayrımı yapmayacaktım. “Kuvvet haktadir” diyecek, “hak kuvvettedir” anlayışına dönüp bakmayacaktım. Belki sadece bir anne olacaktım. Anne olmak bir anlamda her şey olmaktır zaten, annelik kimliğinde her şey olacaktım. Ya da her şey olacak çocuklar yetiştirecektim. İmanlı, kararlı, kimlikli, kişilikli, namuslu, dürüst, güvenilir, çalışkan, temiz, ahlaklı, vatansever çocuklar.. Onlar zamanla Türkiye´yi yönetecekti. Iste o zaman Türkiye´de yürek krizi olmayacakti. Yürek krizi olmayınca siyasal ve ekonomik krizler de çıkmayacaktı. Çünkü her şey yürekte başlar ve biter. Yürekler krizden arınmışsa siyaset de, ekonomi de, sosyal hayat da arınıe. Okuldan kovulsam da anne olurum elbet. Olurum, ama bilgisiz. Bilgisizliğime rağmen, acaba, istediğim seviyede çocuklar yetiştirebilir miyim? Çok zor. Öğrenmeden nasıl ögreteceksiniz? Bir gün eminim öğrenecekler. O gün tüm okulların tüm kapıları tüm okumak isteyenlere açılacak.. O günü sabırla, ama umutla bekliyorum. Binlerce başörtülü gibi… Çünkü bende başörtülü bir kızım!.. Hatta ben bir başörtüsüyüm…
历史上的今天:
随机文章:
收藏到:Del.icio.us
评论