خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/04/17
شەھۋەت بەندىسى - [شېئىريەت گۇلزارى ]
شەھۋەت بەندىسى
ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﺑﻪﺯﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ئوﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ئۇﺳﺴﯘﻝ.
ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﭼﺎﻻﺭ ئۇﻧﯩﯔ ﺩﯦﭙﯩﻨﻰ.
6-ﺑﯩﻨﺎﺩﺍ
ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ئوﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﯩﺮﻯ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﯜﺯﻟﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﺭ ﺋﯧﺮﮔﻮﺗﻮﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ،
ﺗﯧﺨﻰ ئەﺗﯩﺮﻧﻰ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﭼﯧﭽﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯜﮔﯜﻥ ئۇ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ،
ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﯧﻤﯩﺪﻯ.
ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ئاﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﺯ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮ ئوﻗﯘﻏﺎﻥ،
ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺗﻮﻗﯘﻏﺎﻥ،
ﻫﻪﻕ ئاﺷﯩﻘﻰ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ،
ئەﺳﻠﻪﺗﺘﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ مەيخور شائىرﻧﻰ.
ﺋﯧﺴﯩﯖﺪﯨﻤﯘ "ﻛﯧﭽﻪ ئاﺩﯨﻤﻰ"،
ﺑﻪﺯﻣﻪ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ
ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﮔﻮﻳﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﮔﯚﻫﻪﺭ
ﺑﺎﺧﺸﻰ ﺩﯦﭙﯩﻨﻰ ﭼﺎﻻﺭ ﺟﯩﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ:
ئاﻳﻼﻥ، ئاﻳﻼﻥ، ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ.
ئاﺭﻏﺎﻣﭽﯩﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻡ،
ئۇﻳﻐﯘﺭ ﯴﭼﯜﻥ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ئاﺩﻩﻡ،
ﻣﺎئاﺭﯨﭗ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﻪ
ﻛﯚﺭ ئۇﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﻪﻡ!
ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ئاﺷﯩﻘﻰ ئاﻳﻼﻥ ﻫﯘﺷﻪﺭﺭﻩ!
ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﭗ ﻫﻮﺷﯘﯕﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ئاﻧﺪﺍ،
ئەﻗﻠﯩﯖﻨﻰ ﮔﻪﺟﮕﻪﯕﺪﯨﻦ ﺳﯘﻏﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،
ئاﻏﺰﯨﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﯜﻛﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،
ﻣﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،
ھەقىقەتكە كۆز ئېچىپ باقمىغان ئىنسان
ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﻣﯜﮔﺪﻩﭖ.
ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ئەﺳﻪﺑﯩﻲ، ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﻣﯘﺵ،
ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ساراڭ، ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﮔﻮﻣﯘﺵ.
ئۇ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﺗﯜﮔﯜﻟﯜﭖ:
ﻣﻪﻥ ئەﻣﻪﺳﻤﯘ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ،
ﺷﺎﺋﯩﺮ دائىم ئەﯓ ﭼﻮﯓ يالغانچى.
ﺗﺎﺷﻤﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺋﯧﺸﻪﻛﻤﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ،
ئەﯓ ﭼﯩﺮﻛﯩﻦ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﯘ ﺯﺍﻫﯩﺮ.
ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺷﺎﺋﯩﺮە ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ:
ﺳﯩﺰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ئەﻣﻪﺳﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ئەﺳﻨﺎﺩﺍ
ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺷﻪﻫﯟﻩﺕ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ،
ﺗﺎﻣﺎ ئەﻳﻠﻪﭖ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ،
نەزەر سالدى ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ،
ﺷﯘئاﻥ ئۇﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ.
ئەﻣﭽﻪﻛﻤﯘ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭘﻼﺭﻧﻰ،
ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺑﻮﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ،
ﺟﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﻗﯘﻳﯘﻧﺪﻩﻙ ﻳﯚﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ،
ﺩﯛﻡ ﻛﯚﻣﺘﯜﺭﺩﻯ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﻰ.
2005-ﻳﯩﻞ 1-ئاﯞﻏﯘﺳﺖقۇشقاچ
تۇيۇقسىز بىر نېمە يازغۇم كەلدى،
شېئىرنى ۋە ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىپ،
مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلغۇم كەلدى،
مەن يازمىساممۇ بەرىبىر باشقىلار يازىدۇ،
لېكىن ھېچكىم مېنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.
شېئىر تەمبۇر مۇڭلىرىغا يەتمەيدۇ،
شېئىر گۈزەل قىزدەك سۆيۈملۈك ئەمەس.
شېئىر بۇيرۇقۋازلىقتەك ھەقىقىي ئەمەس.
ھەسەتخور شائىر لەنەتكە مەھكۇم.
تۇيۇقسىز پەيدا بولدى ئىلھام قۇشقىچى،
بالىلىقنى مۇجۇۋالسام، ئاندىن ئۇنى قويۇۋەتسەم،
ئەركىنلىككە ھەسرەتلەنسەم،
بەرىبىر بىكار سۆيسەم سۆيمىسەم.
پىرىلداپ ئۇچۇۋاتقان قۇشقاچ
سەت كۆرۈنۈۋاتقان خوتۇندەك يەڭگىل.
مەركەزدە باشلار قوشۇلدى، باشلار ئالماشتى،
تەرەققىياتنىڭ يۈرىكى تېز سوقماقتا.
ئۆزگىرىش شامىلىغا ئەگىشىپ،
ھەممە نېمە قوشۇلماقتا.
شەيتانلار ئۆملىشىپ
شەھۋەتتىن ئۆمۈچۈك تورى قۇردى.
ئىلىنىپ قالغانلارنىڭ مېڭىسى ئۈچەيگە ئايلاندى.
ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى
باھاسى چۈشۈپ كەتكەن پاختا
ئۈرۈمچىگە قاچقان تەلەيسىز قىزلار
ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقان ئاۋارىلار
كىچىك ئوغرىنى سوتلاۋاتقان چوڭ ئوغرىلار
پۇل توغرۇلۇق شېئىر يازىدۇ.
كوچا گۈللىرى
ئىس-تۈتەككە كۆنگەن نەپەسلەر
ناپاكلىققا چىڭ ئورالغان بەدەنلەر
يەنە ئېچىنىشلىق ھەممە نەرسىلەر
ئۆزىگە سۆزلەيدىغان ساراڭنىڭ ئاغزىدىن ئاققان شۆلگەيلەر.
ھايات دېگەن ئەنە شۇ،
يەنە دېسەم يەنە شۇ.
پېشقەدەم شائىرلار يېزىپ بوپتىكەن،
ئۆزىنى مەدھىيىلەرگە قېتىپ بوپتىكەن.
نەچچە ئوڭشىلىپ ھەم ئېزىپ بوپتىكەن،
شۆھرەت نېسىۋىسىنى ئېلىپ بوپتىكەن.
قاپىيىلەر دەۋرى
تىپىك پىرسۇناژ دەۋرىنىڭ قەھرىمانلىرى
نەقەدەر يىراق بىزدىن، بۇزغۇنچىلاردىن.
دېرىزىنىڭ نېرىسىدىكى چىرايلىق قۇشقاچ
ئادىل تۇنىيازنىڭ غېرىبلىقىنى ئەسلىتىپ
يىراق-يىراقلاردىن باقار مۇڭلىنىپ،
ئەمما ئۇ مۇڭدىكى جاسارەت ۋە گۈزەللىكتىن،
يازدىم بىر نېمىلەرنى ئىلھاملىنىپ.
تاھىر ھامۇتنىڭ كەسكىنلىكى،
ھاراق ئىچىشنى رەت قىلىشلىرى،
يۈسۈپ ئېلىنىڭ ئادۋوكاتلىق ئىمتىھانى
پەرھات تۇرسۇننىڭ ماگىستىرلىق ماقالىسى
... تونۇش دائىرىلەردىكى ناتونۇش ئىشلار...
قۇشقاچ تىلىدا ماڭا سۇنۇلماقتا ئەسلىمە-ئويلار.
ئەي، ئۆزىگە ئىگە بولالمىغان شەخسىيەت،
ئەتراپىڭنى ئوراپ تۇرىدۇ بىر نەرسىلەر.
رەپقەت غازى ئۆزگىرىپ كەتتى،
ياۋروپا نېمىلەرنى بەخش ئەتتى؟
بۇرادەرلەرنىڭ ئاۋازى،
يىراقلاردىن يېتىپ تۇرىدۇ.
كىچىكلىتىلگەن دۇنيا
خىيالىمىزدىكى ساختا كۆرۈنۈش.
روھلارنىڭ يېقىنلىقى
گەرچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ
يوقالمىغاي سۆيۈنۈش.
تونۇش تەسىراتلار
قۇشقاچتەك ئۇچۇپ كېلىدۇ ،
مېڭە ئۇۋىمىزغا كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ.
2000-يىل 7-ئايبۇرۇنقى شېئىرلىرىم
ھەر ۋاقىت شەيتاننى ئېلىپ يۈرىمەن،
ھەم كۈندە مەندەكتىن كۈر مىڭ كۆرىمەن.
كور ئەقلىم كېچىكىپ بىلگەندە شۇ چاغ،
مەن ئۇ دەم ئۆزەمنى يەردە كۆرىمەن.
* * *
ئەي ئىنسان تېنىڭدە جۇشقۇنلۇق قېنى،
كاللاڭنى قاپلىغان مال-دۇنيا قېنى.
ھەممىسى نەپسىڭنىڭ سەۋدالىقىدۇر،
غىدىقلاپ جېنىڭنى ئوينىتار سېنى.
* * *
گۈزەللىك قوينىدا مەست بولغان دۇنيا،
ئايلىنار ۋۇجۇدۇم ئوربېتاسىدا.
روھىمنىڭ بايلىقى ئۇچار گىلەمدۇر،
قالغىنى قالدى شۇ پەستە—جايىدا.
* * *
كۆكلىدۇق كۆك ئارا سۆيۈپ قوياشنى،
يىلتىزدەك يېپىشتۇق زېمىن كۆكسىگە.
شېخىمىز ئۆسسىمۇ باراخسان بولۇپ،
ئەجرىمىز كىرمىدى تېخى مېۋىگە.
* * *
ئاپئاق بۇلۇت ئۈسىتدە شۇ چاغ،
ئايغا قاراپ تەلمۈرگەن يۈرەك.
كەچۈرمىسە قارا داغلارنى،
قانداق گۈزەل بولسۇن مۇھەببەت!؟
* * *
بار ئىنسان ئۇسسۇلغا چۈشكەن ھايات بۇ،
ھەممىمىز ھەر يانغا دەسسەپ باقىمىز.
ئىستىمەس ئۆلۈمنى بۇ ئەرىك ھايات،
ئۇپۇقتەك قىزىرىپ تاڭغا باقىمىز.
بۇ دۇنيا ئەزەلدىن گۈزەل بىر دۇنيا،
ۋە لېكىن نادانلار ئۈچۈن گۆرىستان.
نەپسىنى ئىمانغا سېتىپ يۈرگەنلەر،
شەيتانىي غەپلەتتە ئۆتكۈزەر جاھان.
قاپقارا كۆڭۈللەر مۇڭلۇق كۆز ياشنى،
قارىغا بويايدۇ تېمىتىپ يەرگە.
ئادالەت قۇشلىرى كېلەر بىر كۈنى،
چاڭ سالار غەپلەتلىك، تويماس كۆزلەرگە...
دېھقان
ئېرىق لېۋى، لاي باسقان مايسا،
ئۇھ تارتىدۇ سۈكۈتلىرىدە.
چۈمۈلىلەر ئاقار لاي سۇدا،
تىرمىشىدۇ نىيەتلىرىدە.
ئېڭىزلاردىن ئېچىلغان مەيدان ،
يەر شارىدەك يۇمىلاق خامان.
جانغا بىر جان بېرىدۇ دەرمان،
ئۇنىڭ ئىسمى جاپاكەش دېھقان!
قاتار-قاتار قېتىلغان كالا،
چۆگىلدەيدۇ ئاستا ھەم ئاستا.
ئۇنى ھەيدەپ كېلەر بىر بالا،
مەن ئىدىم شۇ، تاياق قولۇمدا.
گۈپۈلدەيتتى قىرلىق تولۇق تاش،
ۋاچىلدايتتى بۇغداي، سامان، ئاش.
كۆيدۈرەتتى ئاسماندا قۇياش،
ئايلىناتتى تۈگمەن كەبى باش.
مەن ساڭا بىر تېپىشماق ئېيتاي:
مېڭىپ مېڭىپ ئاشالماپتۇ قىر.
ئۇ مەن، دېدىم ھېچبىر ئويلانماي،
جۇۋاز خانىنى ئەسلىدىم ئاخىر.
رەنج- مۇشەققەت چاتقاللىرىدىن،
چىقىپ كېلەر قاتاڭغۇر ئادەم،
پايدا يوق جاپا تارتقانلىرىدىن،
ئاز ئۇنىڭغا خۇشاللىق، ئايەم.
قارا پاچاق لايغا مىلەنگەن،
ئانا زېمىن تۇتاش ئۇنىڭغا،
كەتمەنلىرى يېڭى بىلەنگەن،
يېڭى يىللار ئوخشاش ئۇنىڭغا.
مەن دېھقان ئىدىم، ھېلىمۇ دېھقان،
جاپا-مېھنەتنى ئۈستىگە ئالغان.
جېنىم تۆمۈر، شۇنداق سوقۇلغان،
بىر كەتمەن توپىدۇر ئالدىمدا جاھان.
收藏到:Del.icio.us
评论