خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/09/10
كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى <مىليون گۈل> بازارغا سېىلىنىش ئالدىدا - [MTV_MP3 ناخشىلار]
ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيا كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىغا ماس قەدەمدە يىتىشىش ۋە رايونىمىزنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ،ئۇيغۇر كىنو– تېلېۋىزىيە ساھەسىگە بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇش، دىيارىمىزدا تاۋارلاشقان، ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا يېقىن، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يوق بۇلۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ھۆرىيەت كىنو تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ،دىيارىمىزدىكى سەنئەت سۈيەر دوست بۇرادەرلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن زەنجىرسىمان ۋەقەلىكى بىر دەۋېر داۋاملىشىدىغان، يىڭىچە تېلېۋىزىيە فىلىمى ئۇسلوبىدىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى < مىليون گۈل> تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
فىلىم زاكاس قىلىش خىزمىتى باشلاندى.زاكاس قىلغۇچىلار بىۋاستە ھۆرىيەت شىركىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلسىمۇ،ھۆرىيەت تور بېتىدىن تىزىمغا ئېلىندۇرۇپ زاكاس قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسىمۇ بولىدۇ.فىلىمنى تارقىتىش ھوقۇقى پەقەت ھۆرىيەت شىركىتىگە مەنسۇپ.كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ۋە (مىليۇن گۈل) فىلىمىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر مەيدان (ئۈن-سىن ھايەنكەشلىكىگە زەربە بېرىش)كۈرىشىگە ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ھۆرىيەت شىركىتى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى < مىليون گۈل> ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ موھىم بىر قسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل كارتىنا بۇلۇپ ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ھىكايە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مەڭگۇلۇك تىما بولغان مىھرى مۇھەببەت . غەزەپ نەپرەت، ئىقتىسادى گۈللىنىشىنى مەخسەت قىلغان ھەر بىر تىرىك جاننىڭ تىرىشىچانلىق كۆرەشلىرى ۋە سۇيقەسىتلىرى . ئاددى ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى لەرزىگە كەلتۇردىغان ياشاش ھەقىقەتلىرى بايان قىلىنغان بۇلۇپ ۋەقەلىك ئەگىرى توقاي .ئوبرازلار خارەكتىر جەھەتتىن بىر بىرىدىن تامامەن پەرىقلىق . موھىت تەسۋىرى رەڭدار بۇلۇپ فىلىم تاماششبىنلارنى ئۆزى ياشاۋاتقان موھىت ئىچىدىكى مۇرەككەپ تۇرمۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان موھىت ئىچىدە ئوخشىمىغان ھىس تۇيغۇ قايناملىرىغا سۆرەپ كىرىدۇ. ئەقىللىق تاماششبىنلار فىلىمنى كۆرگەندىن كىين ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا قايتىدىن نەزەر سىلىش بىلەن بىرگە ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە جىددى ئويلىنىشقا ئىلھاماندۇرىدۇ . بۇ فىلىم پەسىلدە ئىككى قىسىم يىڭىلىنپ خەلقىمىز ھۇزۇرىغا سۇنىلىدۇ .نۆۋەتتە تۇنجى ئىككى قىسىم ئىشلىنىپ مۇۋۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى،مەن ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق دوستلارغا بۇ خوشخەۋەرنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە فىلىمدىن ئارىيە ئېلىنغان تۈۋەندىكى قىسقىچە كۈرىنىشلەرنى سۇنماقچىمەن.
فىلىمنى سۈرەتكە ئالغان مەيداندىن كۈرۈنۈشلەر:
شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تورىغا تەمىنلىگەن ماتىرياللاردىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us
评论