خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/01/23
غەرپكە كوچكەن ھۇنلار ئۇيغۇر نەسلىدىنمۇ؟ - [مىللىتىم ھەققىدە]
مىلادى 160-يىللار ئەتراپىدا،ئىلى دەريا ۋادىسىدا ياشاۋاتقان شىمالى ھۇن قەبىلە ئىتپاقى(مىللىتى)نىڭ بىر قىسمى خەن ئمپىرىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار تالاپىتىدىن داۋاملىق غەرپكە قاراپ سىلجىشقا باشلاپ ياۋرۇپا زىمىنىگە تەۋە،ئالانلار ياشاۋاتقان زىمىنگە كېلىپ توختايدۇ.ئالانلار تۈركىي سېستىمىغا كىرىدىغان كوچمەن-چارۋىچى قەۋم بولۇپ،بۇ مەزگىلدە ئېدىل (ۋولگا)دەرياسىدىن دون دەرياسىغىچە تېررىتورىيەدە كۈچلۈك خانلىق قۇرغان ئىدى.مىلادى360-يىللىرى ئەتراپىدا ھۇنلار تەدرىجى كۈچىيىپ ئالانلار خانلىغىنى ئىستىلا قىلىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن ھۇنلار قىياندەك مەۋجىپ،شەرقى،غەربى گۇتلارنى(گېرمان مىللىتىنىڭ ئەجدادى بولۇپ شۇ مەزگىللەردە ئورمانلىقلاردا-ۋارۋارچىلىقتا ياشايدىغان مىللەت)ئالدىغا سېلىپ ياۋروپا-رىم ئىمپىرىيەسى تەۋەسىگە بېسىپ كىرىدۇ... ھۇنلارنىڭ غەرپكە كوچۈشى گېرمان ۋارۋارلىرىنى ئورمانلىقتىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ(ئىنسانلار ۋارۋارچىلىق مەزگىللىرىنى ئورمانلىقلاردا دەرەخ مىۋىلىرىنى ۋە تىيىن...قاتارلىق ئۇششاق ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىپ ئپتىدايى ھالەتتە ياشايتتى)،ھۇنلارنىڭ تومۈر تۇيىغى ۋە گېرمانلارنىڭ شىددەتلىك تاجاۋۇزى ياروپادا غايەت زور داۋالغۇش پەيدا قىلىپ،ئوزىنى بىلمەي قالغان كورەڭ-چىرىك رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشىنى ،ئاجىزلىشىشىنى ھەتتا ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ياۋروپا قالاق قۇللۇق تۈزۈمدىن فېوداللىق جەمىيەتكە كىرىدۇ،ياۋروپا ھەتتا دۇنيا تارىخى تەرەققىياتىنى زور ئالدىغا سىلجىتىپ ،تارىخ بېتىگە ئىنتايىن قېنىق مەزمۇنلارنى قالدۇرىدۇ. غەرپكە كوچكەن بۇ شىمالى ھۇن قەبىلە ئتتىپاقىنىڭ گەۋدىسى ئونۇغۇر(ئون-ئۇيغۇر)،قۇتۇغۇر(قۇت-ئۇيغۇر)دىگەن ئىككى قەبىلە ئىدى. ياۋروپانىڭ ھۇنگارىيە يايلاقلىرىنى بازا قىلىپ قۇرۇلغان ياۋروپا-ھۇن ئمپىرىيەسى ،«تەڭرى قامچىسى»ئاتتىلانىڭ ئالەمدىن ئوتۈشى بىلەن ،مىلادى 6-ئەسىرلەردە بۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن قېرىنداشلىرى يالغان ئاۋارلار(ئاۋار تۈركلىرى بېسىمىدىن غەرپكە كوچكەن ئىگىز ھارۋىلىقلارنىڭ بىر بولىگى)ئىمپىرىيەسى تەركىۋىگە سىڭىپ كېتىدۇ.9-ئەسىرلەردە شەرقتىن بۇ يەرگە كوچكەن پەچەنەك تۈركلىرى،ماجار تۈركلىرى(مانجۇرلار بىزنىڭ قەۋمىمىز دەيدىغان كوزقاراشمۇ مەۋجۇت) ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئوزارا سىڭىشىشىدىن ھازىرقى زامان ھۇنگارىيە(ۋېنگىرىيە)،ئاۋستىرىيە دولەتلىرىنىڭ ئېتنىك مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. 11-ئەسىرلەردىن باشلاپ ھۇنگارىيە پۈتۈنلەي خىرىستىيانلىشىپ باشقا تۈركىي قانداشلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان مەدىنىيەتكە يول ئالىدۇ،ئۇلار ھەتتا كېيىنچە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ غەربى ياۋروپاغا كىرىشىدىكى تومۈر توساققا ئايلىنىپ ياۋروپا خىرىستىيان مەدىنىيىتىنىڭ ئاكتىپ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ كېتىدۇ.... 7-8-9ئەسىرلەردە ئۇرخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىغى ھوكۈمران قەۋمى ئون ئۇيغۇرلار ،ئۇيغۇر،پۇگۇر،بايىرقۇ،ھۇن(浑(...دىگەن قەبىلىلەردىن تۈزۈلگەن ئىدى.يايلاق مەدىنىيىتىدىكى مىللەت ئۇقۇمى، يايلاق -سۇ نىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىشى قەبىلىنى بىرلىك قىلىپ ياشاش__قانداشلىق،ئورتاق تىل،ئورپ-ئادەت ...،ئورتاق مەدىنىيەت- مەنپەئەت لەردىن قەبىلىلەر ئىتتىپاقى__ھازىرقى زامان مىللەت ئۇقۇمى ، مىللەت ئۇقۇمى مانا مۇشۇنداق تارىخى جەريانلاردىن ھاسىل بولغان . 840-يىللىرىدىكى تالاپەتتىن خانلىق ئوردىلىرىنى ئۈچ يونۈلۈشتە غەرپتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ زىمىنىغا كوچۈرگەن ئۇيغۇر لاردىن ھازىرقى گەنسۇ(كەڭسۇ)نىڭ چىلانتاغ ئېتەكلىرىدە يەنى جاڭيې-ۋۇۋېي لاردا خانلىق قۇرغان گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئەۋلاتلىرى ھازىر يۈگۇر(سارى-ئۇيغۇر裕固族(نامى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ گەنسۇ ئولكىسىدە ياشاۋاتىدۇ. يۈگۇرلار ھازىر گەنسۇ ئولكىسىنىڭ سۇنەن يۈگۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدە،جىۇ چۈئەن ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان،نوپۇسى10569،ئۈچ خىل تىل ئىشلىتىدۇ،يەنى غەربى قىسىم يۈگۇرلىرى ئالتاي تىلى سېستىمىسى شەرقى ھون تىلى تۈركۈمىگە تەۋەلىرى،شەرقى قىسىم يۈگۇرلىرى موڭغۇلچە تىل ئىشلىتىدىغانلىرى،خەنزۇ تىلى ئشلىتىدىغانلىرى.يۈگۇرلار لاما دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. يۈگۇرلاردا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق مەدىنىيىتىنىڭ قالدۇقلىرى بىرقەدەر ساپ ھالەتتە ساخلىنىپ قالغان ،شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار دۇنيا يايلاق مەدىنىيىتى تەتقىق قىلىش ساھەسىدە يۈكسەك ئېتىبارغا ئىگە.ئىلمى ساھەدە «تىرىك ئارخولوگىيە تېپىلمىسى»دەپمۇ قويۇلىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ مۇزىكا ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپ،جوڭگو مۇزىكا ئىنىستۇتى مۇزىكا كافىدراسىنىڭ سابىق باشلىغى دۇياشوڭ (杜亚雄)ئەپەندى يۈگۇرلار خەلق ناخشا-كۈيلىرى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا مۇزىكا نەزىرىيەسى ساھەسىگە مەشھۇر،يۈگۇرلار خەلق ناخشا-كۈيلىرى تەتقىقاتى بىلەن 40يىلدىن ئوشۇق ئەجىر قىلغان مۇتەخخەسىس.بۇ كىشى نەنجىڭ مۇزىكا ئېنىستۇتى مىللى مۇزىكا نەزىرىيىسى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ مىللەتلەر مىللى مۇزىكا -كۈيلىرى ئارىسىدىكى ئورتاقلىقنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ، يۈگۇرلار خەلق ناخشا-كۈيلىرى بىلەن ياۋروپادىكى ھۇنگارىيە مىللى مۇزىكا -كۈيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىشىنى ھەيرانغا سالىدىغان باغلىنىش ئورتاقلىقنى بايقايدۇ ۋە«يۈگۇر مىللىتى غەربى قىسىم مىللى ناخشا-كۈيلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەر خەلق ناخشا-كۈيلىرى ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات»تېمىسىدىكى ئىلمى ماقالىسى بىلەن دۇنيا مۇزىكا ئىلمى ساھەسىدىكىلەرنى غۇل-غۇلىگە سالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى كانادا شۇت فوندى نىڭ خىراجىتى بىلەن 1987-1988يىللىرى ھۇنگارىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى مۇزىكا ئىنىستۇتىدا 2يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،بۇ جەرياندا ئۇ ھۇنگار تىلىنى پىششىق ئىگەللەيدۇ،1989-يىلى يازغان«ھۇنگارىيە خەلق ناخشا كۈيلىرى بىلەن يۈگۇر خەلق ناخشا-كۈيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت»تېمىسىدىكى ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ھۇنگارىيە سوتسىيالىستىك مەدىنىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1990-يىلى خەلقارالىق ھۇنگارىيە تەتقىقات كومىتېتىغا قاتنىشىپ مۇاۋىن كومىتېت باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ. ھازىر ھۇنگارىيەلىكلەردە گەنسۇنىڭ يۇگۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونىغا كېلىپ «يىلتىز»ئىنى ئىزدەش بىر قەدەر ئەۋج ئالغان.ھازىرقى ھۇنگارىيە تىلىدىمۇ يۇگۇر مىللىتى غەربى قىسمىدىكىلەرنىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش سوزلۈكتىن نەچچى يۈزى ساخلانغان،شەخسەن ئوزۇممۇ بۇرۇن بىر كۇتۇپخانىدىن «ھۇنگار تىلى باشلانغۇچلىغى»دىگەن كىچىك كىتاپچىدىن «ساۋاق(词单نى شۇنداق دەيدىكەن(،ئالما،ئانا،باش....»قاتارلىق ئوخشاشلىقلارنى بايقىغان ئىدىم. غەرپكە كوچكەن ھۇنلار ،يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئوتكىنىمىزدەك شۇ جايدىكى مىللەتلەر بىلەن سىڭىشىپ باشقا مەدىنىيەتتىكى مىللەتلەر ھاسىل بولدى ،لېكىن شۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن روشەن ئىزنالىرى ھازىر قى ھونگىر قاتارلىق ياۋروپا مىللەتلىرىدە ساخلىنىپ قالغان.
历史上的今天:
ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر بىر مىللەتمۇ 2010/01/23ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۇشى، ھازىرى ۋە كەلگۇسى 2010/01/23بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە2)( 2010/01/23بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە 2010/01/23
收藏到:Del.icio.us