دۇنيا مىنى ئەمەس ، مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن !!!

خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}.

  • 2010/01/23

    بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە2)( - [مىللىتىم ھەققىدە]

    توپىلاڭنىڭ  كۆتۈرۈلۈشى

     3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ سۈيقەستلىك پائالىيىتى يوشۇرۇنلۇقتىن تەدرىجىي ئاشكارىلىققا يۈزلىنىپ، ئەھۋال بارغانسېرى يامانلىشىپ، ۋەزىيەت بارغانچە جىددىيلەشكەن. ئۇلار بارىن يېزىسى تۇر مەسچىتىدە  يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئورنىتىپ، ئاشكارا ھالدا: «مۇھەممەت پەيغەمبەر ئۆز زامانىدا كۇپپارلار بىلەن جەڭ قىلغان، بىزمۇ ئەمدى جەڭ قىلمىساق بولمايدۇ، ھەر كۈنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇغان بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدۇ، چوقۇم جەڭ قىلىشىمىز كېرەك» دەپ غازاتنى تەرغىپ قىلغان.
    3 -
    ئاينىڭ 17 - كۈنى بارىن كەنتىدىكى ئامما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە بىر نەچچە ئاتالمىش دىندارنىڭ بىنورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. 3 - ئاينى 19 - كۈنى قوقان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شۇ شۇاڭماغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يېزىلىق پارتكوم ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇرسۇن ئابدۇرېھىمغا ئەھۋالنى دوكلات قىلغان. تۇرسۇن ئابدۇرېھىم دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ناھىيىدە خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى نيۇ XX كە دوكلات قىلغان. شۇنىڭ بىلەن نيۇ XX ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ۋۇنەييى، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى داڭ ۋەنلىنلەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، دەرھال ج خ خادىملىرىنى بارىن يېزىسىغا كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشنى قارار قىلغان
    .
    3-
    ئاينىڭ 22 - كۈنى ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2 خادىمى بارىن يېزىسىغا ئەھۋال ئىگىلەشكە بېرىپ، 24 - چىسلا ۋە 28 - چىسلا ناھىيىلىك پارتكومغا يازما دوكلات سۇنغان. 29 - چىسلا ج خ ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابابەكرىنىڭ بارىن يېزىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ كېلىشنى قارار قىلغان. ئابابەكرى 3 كۈنلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەكسىيەتچىل ئۇنسۇرلارنىڭ كادىرلار، ئاممىدىن مەجبۇرىي ئاشلىق، پۇل يىغىش ئىشنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارىلاشقانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكەن
    .
    4-
    ئاينىڭ 2 - كۈنى ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابابەكرى 4 خادىمنى ئېلىپ بارىن يېزىسىغا تەكشۈرۈشكە بارغان. ۋارىس ئاخۇن ئىسىملىك بىرەيلەن ئۇنىڭغا: 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆزى مېھماندارچىلىققا كەتكەندە بىر نەچچەيلەننىڭ ئۆيىگە كېلىپ 2 ئوغلىنى مەسچىتكە بېرىشقا ئۈندىگەنلىكىنى، چوڭ ئوغلىنىڭ بارمايمەن دېسە ئۇلارنىڭ تەھدىت سېلىپ مەجبۇرىي ئاپارغانلىقىنى ھەم ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا «قۇرئان» تۇتقۇزۇپ قەسەم قىلدۇرۇپ، پۇل ئىئانە قىلغۇزغانلىقىنى ئېيتىپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ھازىرمۇ بارمۇ - يوق؟» دەپ سورىغان. ئابابەكرى يەنە يېزا كادىرلىرى ۋە بارىن، قوقان كەنتلىرىدىكى ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇلاردىن بۇ ئەھۋالنىڭ بارىن يېزىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى، ھەممە كەنتتە دېگۈدەك بارلىقىنى بىلگەن، بارىن يېزىسىدا ئۆيى بار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئابلا مەمەتئېلىمۇ 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچتە بىر نەچچەيلەننىڭ ئۆزىنى مەسچىتكە ئاپارغانلىقىنى، مەسچىتتە 100 دىن ئوشۇق ئادەمنىڭ بارلىقىنى، يۈسۈپ ئەمەت ئىسىملىك بىر غوللۇق ئۇنسۇرنىڭ «بىزنىڭ پۇل ئېلىشىمىز ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش، جەڭ قىلىش ئۈچۈن»،، «كىمكى ئىسلامغا ئاسىيلىق قىلسا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز، قېنى كىمنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار» دېگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزىلەر بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى (بارىن يېزىسىنىڭ بازار كۈنى) ياكى رامزاننىڭ 17 -، 21 - كۈنى ئىش چىقارماقچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنى «پەيشەنبە كۈنى (4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى) گۇڭشېدا ئىسلام ئاچىمىز، ئىسلام بايرىقىنى گۇڭشېغا قادايمىز»، «رامزان مەزگىلىدە كىمكى ئاشخانا ئاچسا ئاشخانىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىمىز، ئاياللار كوچىغا چىقسا چېچىنى كېسىۋېتىمىز» دېگەنلىكىنى ئېيتقان. ئابابەكرى بۇنىڭدىن ئەھۋالنىڭ  ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ناھىيىلىك پارتكومغا ھەم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىگە ئەھۋالنى دوكلات قىلغان
    .
    4-
    ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىپ بارىن يېزىسىدا كۆرۈلگەن بىنورمال ئەھۋالنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىندا يەنە 3 - ئاينىڭ 29كۈنى (بارىن يېزىسىنىڭ بازار  كۈنى) بازاردا  سۈت ساتقانلارنىڭ تۇڭىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، تاماكا  ساتقانلارنىڭ تاماكىسىنىڭ چېچىۋېتىلگەنلىكى، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بارىن كەنتىدىكى ئوقۇتقۇچى روزى تىلىۋالدىنىڭ مەسچىتكە چاقىرىلىپ ئاپرىلىپ جامال مەمەت قاتارلىقلارنىڭ پىچاق بىلەن ئۇنى  قەسەم بېرىشكە قىستىغانلىقى، قەسەم بېرىشكە ئۇنىمىغاندا دۇمبالانغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن ناھىيىلىك پارتكوم شۇ كۈنى كەچتە مۇئاۋىن شۇجى تۇرسۇن بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابابەكرىنىڭ ئاتۇشقا بېرىپ ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىشىنى قارار قىلغان
    .
    4-
    ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە نيۇ XX دەرھال ئاقتۇ ناھىيىسىگە كېلىپ، ناھىيىدىكى 5 بەنزىنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، بارىن يېزىسىدىكى مەسىلىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ، 5 تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغان ھەم مۇئاۋىن شۇجى تۇرسۇننى دەرھال بارىن يېزىسىغا بېرىپ ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشكە، ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىنى ئىگىلەشكە ئەۋەتكەن
    .
    4 -
    ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇئاۋىن شۇجى تۇرسۇن بارىن يېزىسىغا بېرىپ يېزا - كەنت كادىرلىرىغا يىغىن ئېچىپ، ئۇلارغا بارىن يېزىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋالنى ھەم قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ دەرھال پائالىيىتىنى توختىتىشنى، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇلاردىن چەك - چېگرىسىنى ئايرىشنى ئېيتقان. شۇ چاغدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان قىزىل ئۆستەڭ كەنتىنىڭ مۇئاۋىن كەنت باشلىقى بوغالتىر ئەيسا موللىغا (غوللۇق ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر): «تۇرسۇن شۇجىنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىدىڭلىمۇ، سىلەر ئۆزەڭلىنى بىلىڭلار» دېگەن، ئەيساموللا بولسا: «ئۇ نېمە دېسە دەۋەرسۇن، بىزمۇ ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋېرىمىز، ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمىز، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ» دېگەن
    .
    4-
    ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاز سانلىق ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلا ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇزۇندىن بېرى پىلانلاپ كەلگەن سۇيقەستلىك پائالىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ بارىن يېزىلىق ساقچىخانىدىكى ھېلىم غۇلامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ غەۋغا كۆتىرىپ تەھدىت سالغان. تۇرسۇن ۋە ئابابەكرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال چېكە كەنتىگە بېرىپ مەسچىتكە يىغىلىۋالغان 200 دىن ئارتۇق ئادەمگە سەۋرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەپ، پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، توپىلاڭچىلار بىلەن 4 سائەتتىن ئارتۇق مۇنازىرىلەشكەن. ھالبۇكى توپىلاڭچىلار ئۇلارنىڭ نەسھىتىنى ئاڭلىمايلا قالماستىن، بەلكى زەھەر خەندىلىك بىلەن: «بۈگۈن يۈزۈڭلارنى قىلىپ سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتەيلى، ئەمما ئەتە خىتايلار كەلسە قانداق قىلىدىكەنمىز كۆرۈپ قويۇڭلار» دېگەن
    .
    تۇرسۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئىشنىڭ ئىنتايىن چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىسى نيۇ XX كە دوكلات قىلىپ، تېزدىن قوراللىق ساقچىلارنى بارىن يېزىسىغا ئەۋەتىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشنى، خەنزۇ كادىرلارنى ئەۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان ھەم ئۇنىڭ ۋە ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى ۋۇ نەييىنىڭ كۈتۈلمىگەن پېشكەللىكتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن نەق مەيدانغا كەلمەسلىكىنى ئېيتقان
    .
    4-
    ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوبلاست، ناھىيە ئەۋەتكەن 60 نەچچە كادىر بارىن يېزىسىغا كەلگەن. ئۇلار كېلىپلا دەرھال ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېزا - كەنت كادىرلىرى، ئامما ۋە دىنىي زاتلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، ئاز سانلىق ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيىتىنى ئاشكارىلاپ، كەڭ كادىرلار، ئامما ۋە دىنىي زاتلاردىن ئەسكىلەر بىلەن تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلغان
    .
    4-
    ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچ سائەت 30:6 دا، ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن XX 62 قوراللىق ساقچىنى باشلاپ بارىن يېزىسىغا كېلىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا تۇتۇنغان. ئەمما ئۇلار يېزىلىق  ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا چاتاقچىلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا دۇچ كېلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كىرەلمىگەن. يەنە ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن 200 ~ 300 دەك كىشى سۈرەن - چۇقان سېلىپ يېزىلىق  ھۆكۈمەتكە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان
    .
    سائەت 9 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر قوراللىق ساقچى تارماق ئەترىتىدىن 130 ئادەم ياردەمگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى چوڭ دوقمۇشقا كەلگەندە توپىلاڭچىلارنىڭ تاش - چالما بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، 2 ماشىنىنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ، شوپۇر ۋە 13 قوراللىق ساقچى يارىلاغان. قوراللىق ساقچىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ چاتاقچىلارنى قوغلاپ 19 باش ئۇنسۇرنى تۇتقان
    .
    شۇنداقتىمۇ، توپىلاڭچىلار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى  زەيدىن يۈسۈپنى تۇتۇشقا ئەۋەتكەن 5 ساقچىنى تۇتۇۋېلىپ، 5 تاپانچا، بىر سۆزلىشىش ئاپپاراتى، بىر توك كالتەك، بىر كويزا، 5 يۈرۈش ساقچى فورمىسىنى بۇلىۋالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى سىيىت توختىنىڭ «ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت» ماركىلىق ماشىنىسىدا بارىن يېزىسىغا ئەھۋال ئۇقتۇرغىلى كېتىۋاتقان قەشقەر قوراللىق ساقچى 6 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى ياسىن، بەنجاڭ ۋۇ يۇڭ، مۇئاۋىن بەنجاڭ تيەن چوڭفېڭ ۋە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ شوپۇرى ئادىللارنى كۆۋرۈك ئۈستىدە توسۇۋېلىپ، ئۇلارنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ دۇمبالاپ، ئېلى ياسىننى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋەتكەن، ۋۇ يۇڭ، تيەن چۇڭفېڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەم ماشىنىنى كۆۋرۈك ئاستىغا غولتىۋېتىپ، 3 ئاپتومات، بىر تاپانچا، 400 پاي ئوقنى بۇلىۋالغان
    .
    توپىلاڭچىلار بىر تەرەپتىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، بىر تەرەپتىن يېزىدىن 3 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆۋرۈكتە ياردەمگە كەلگەن قوراللىق ساقچىلارنى توسىغان. ئۇلار يەنە «بېيجىڭ 212» ماركىلىق ماشىنىدا بارىن يېزىسىغا ئالاقىلىشىش ۋەزىپىسىنى بېجىرگىلى كېتىۋاتقان ئاقتۇ ناھىيىلىك چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى شۇ شىنجيەن، ئەسكەر ۋاڭ جىڭپىڭ، گو شۆۋېن، لۇ جيەنخۇيلارنى كۆۋرۈك ئۈستىدە توسۇۋېلىپ، ئۇلارنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ، كەكە - پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈپ،  4 تاپانچىنى بۇلىۋالغان
    .
    4-
    ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 0 دە، توپىلاڭچىلار ئۆزلىرى تۇتۇۋالغان 5 ج خ ساقچىسىغا قورال تەڭلەپ تۇرۇپ، بۇلىۋالغان سۆزلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق بىز تەرەپكە تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش تەلىپىنى قويغان ھەم ناۋادا شەرتى قوبۇللانمىسا ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز تەرەپ ج خ ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ، ج خ خادىملىرىنى قويۇۋېتىش، بۇلىۋالغان قوراللارنى تاپشۇرۇش، يېزىلىق ھۆكۈمەتنى قورشىۋالغانلارنى دەرھال تارقىتىۋېتىش قاتارلىق 3 شەرتنى قويغان ھەم بۇلارنى يېزا رادىئوسىدا ئاڭلىتىپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەكىل چىقىرىپ سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇلار پەقەتلا ۋەكىل چىقارمىغان
    .
    سەھەر سائەت 15:3 كىچىلىك بىز تەرەپ داۋاملىق سىياسىي ھۇجۇمنى قانات يايدۇرۇپ رادىئو ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش ئاڭلاتقان. 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە 4 −− 5 توپىلاڭچى «قۇرئان» كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ئۆلگىچە تىركىشىشكە تەييارلانغان. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ قوماندانلىق شتابى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قاپسىلىپ قالغان قوراللىق ساقچىلارغا پايدىلىق ئورۇننى ئىگىلەپ جىددىي ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىشنى بۇيرۇق قىلغان
    .
    3
    تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە توپىلاڭچىلار ئوبلاست، ناھىيىنىڭ مىللىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبلاست، ناھىيە رەھبەرلىرىنى ئالداپ تۇتقۇن قىلماقچى بولغان. بىز تەرەپ بۇ يولسىز تەلەپنى قەتئىي رەت قىلىپ، سىياسىي ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارغا قانۇنسىز ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە داۋاملىق نەسىھەت قىلغان
    .
    4
    تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە توپىلاڭچىلار ئەسەبىيلىشىپ بىز تەرەپكە «سىلەر ئاللىقاچان قورشاۋدا قالدىڭلار، بىز بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلغان، سىلەرگە تاقابىل تۇرغۇدەك قوراللىرىمىز يېتەرلىك» دېگەن ھەم تۇتۇۋالغانلارنى قويۇپ بېرىش، رادىئونى ئېتىۋېتىش، قوراللارنى تاپشۇرۇش، خادىملارنى چېكىندۈرۈپ كېتىش قاتارلىق 4 شەرتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا يېرىم سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

    توپىلاڭنىڭ تىنچتىلىشى

     سائەت 4 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ قوماندانلىق شتابىغا مەركەزنىڭ بۇ ۋەقەنى قوراللىق توپىلاڭ دەپ ئېنىق بېكىتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. قوراللىق ساقچىلار ۋە ج خ ساقچىلىرى توپىلاڭچىلارنىڭ ئەسەبىيلەرچە داۋرىڭى ۋە يولسىز تەلەپلىرىگە قارىتا يەنىلا تەشۋىق - تەرغىبات سىياسىتىدە چىڭ تۇرغان. ھالبۇكى توپىلاڭچىلار يېزىلىق ھۆكۈمەت ھويلىسىغا 10 نەچچە گرانات ھەم بومبا ئېتىپ ھۇجۇم باشلاپ، 1 - پاي ئوقنى ئاتقان. نەتىجىدە قەشقەر قوراللىق ساقچى 4 - ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى دوڭ شىمىن، ياڭ پېيجوڭ، 5 - ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جەڭچىسى دۇيۇڭلياڭلار يارىلانغان. بۇنىڭ بىلەن قورالىق ساقچىلار ھاۋاغا ئوق  ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئەمما توپىلاڭچىلار داۋاملىق يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مىلتىق ئېتىپ، گرانات تاشلاپ، يېزىلق ھۆكۈمەت ھويلىسىنىڭ تېمىدىن 3 تۆشۈك ئېچىۋەتكەن.
    4
    تىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، قوراللىق ساقچىلار، ج خ ساقچىلىرى خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان ئەھۋالدا، نەق مەيداندا قوراللىق توپىلاڭچىلارنىڭ كاتتىبېشى زەيدىن يۈسۈپنى ئېتىۋەتكەن
    .
    سائەت 5 تە، قوراللىق ساقچى باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ئېزىز ھېيت، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ شتاب باشلىقى ئابلەت، مەسلىھەتچىسى لۇشىنمىنلار قەشقەر قوراللىق ساقچى 6 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ 100 نەچچە جەڭچىسىنى ھەم قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ 40 جەڭچىسىنى باشلاپ بارىن يېزىسىغا قاراپ ئاتلىنىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن 2 كىلومېتىر يىراقىلىقتىكى جايدا توپىلاڭچىلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ مىلتىق، گرانات بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا قارىماي ئىلگىرىلەپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يېقىنلشقان
    .
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم قىسمى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تېزلىكتە 2 يولغا بۆلۈنۈپ بارىن يېزىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن
    .
    5
    تىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، توپىلاڭچىلار يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇتقۇن ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. قوماندانلىق شتاب ئاممىغا ئورۇنسىز زىيان - زەخمەت يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنىڭغا قوشۇلغان ھەم سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئاۋۋال 5 چاتاقچىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۆز ئادەملىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما چاتاقچىلار قايتىشقا ئۇنمىغانلىقتىن، سۆھبەت بۇزۇلغان. بۇنىڭ بىلەن توپىلاڭچىلار يەنە ھۇجۇم قوزغىغان. ئەينى ۋاقىتتا، يېزىلىق ھۆكۈمەت ھويلىسىدىكى قوراللىق ساقچىلار ۋە ج خ ساقچىلىرىدا 70 نەچچە مىلتىق، 2 پىلىموت، 10 مىڭ پايدىن ئارتۇق ئوق بولۇپ، توپىلاڭچىلارنى ھۇجۇم بىلەن چېكىندۈرۈشكە تامامەن كۈچى يېتەتتى. ئەمما ئۇلار ئاز سانلىق ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاممىنى زىيان- زەخمەتكە ئۇچراتماسلىق، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، سىياسىي تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلەش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە پۇرسەت تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن بۇيرۇققا قەتئىي بويسۇنۇپ، سىياسىي تەشۋىقاتتا، سىياسىي ھۇجۇمدا چىڭ تۇرغان
    .
    5
    تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قوراللىق ساقچى باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ئېزىز ھېيت قىسمنى باشلاپ يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنىڭ شەرقىي يان تەرىپىنىڭ 10 مېتىر نېرىسىدىكى ئورمانلىققا كېلىپ، قاراڭغۇدا يەر شارائىتىنى بىلمىگەنلىكتىن يېزىلىق ھۆكۈمەت ھويلىسى ئىچىدىكى قىسىم بىلەن ئالاقىلىشەلمەي، توپىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن دەرھال قىسىمنى تەشكىللەپ ھىمايە ئىچىدە چوڭ دوقمۇشتىكى توغاننىڭ يېنىدىكى ئىگىزلىككە چېكىنگەن
    .
    شۇنىڭدىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ دوختۇرى سۇن گوفو، مەسلىھەتچىسى لۇشىمىن بىر بەننى باشلاپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بۆسۈپ كىرىپ، ھويلا ئىچىدىكى قوراللىق ساقچى، ج خ ساقچىلىرى بىلەن قوشۇلغان. ئېتىشىشتا، قەشقەر قوراللىق ساقچى 2 - چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى ھاشىمنىڭ پۇتى يارىلانغان، بىر جەڭچى گرانات تېگىپ يارىلانغان
    .
    سەئەت 8 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمنىڭ 2 يولدىكى ئەسكەرلىرى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېتىپ كەلگەن، يېزىلىق ئىگىلىك 3 - دىۋىزىيىسى 41 - تۇەننىڭ خەلق ئەسكەرلىرى ليەنى، قەشقەر پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى ليەنىمۇ ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن 2 تەرەپتىن قىسىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، توپىلاڭچىلار پىتراشقا باشلىغان
    .
    سائەت 9 دا قوماندانلىق شتاب قىسىملارغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، قۇدرەتلىك ھۇجۇم ئالدىدا توپىلاڭچىلار ھەر تەرەپكە پىترىغان
    .
    9
    دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە قىسىملار پايدىلىق جايلارنى كونترول قىلغان. ئاز ساندىكى توپىلاڭچىلار پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، سىرتقا قارىتىپ ئوق ئېتىپ جاھىللارچە قارشىلىق قىلغان. كۆپ  ساندىكى توپىلاڭچىلار سىياسىي ھۇجۇم ۋە قوراللىق ھۇجۇمنىڭ تەسىرىدە تەسلىم بولغان
    .
    9
    دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە قوراللىق توپىلاڭ ئاخىر تىنچتىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن. جەڭدە ئالتە توپىلاڭچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

    مەنبەسى:http://ixtiyak.blogbus.com/logs/36150384.html

    بۇ تارىخ باشقا مىللەتنىڭ قۇلىدا يېزىلغان .شۇڭا ئۇنى تۇزتۇپ ،توغۇرسىنى ئىسىمىزدە ساقلىۋالايلى ... ماسلاشقىنىڭلاغا رەخمەت


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق