دۇنيا مىنى ئەمەس ، مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن !!!

خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}.

  • 2010/01/23

    ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر - [مىللىتىم ھەققىدە]

     غالىب بارات ئەرك

    ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋردە تەرەققى قىلغان شەرق خەلقلىرىدىن بىرى ئىدى، ئەمما يېقىنقى 3- 4 ئەسىردە تەرەققىياتى ئەڭ قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟
    1 . تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى تېنچلىق بولمىغان.
    تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىلەلەيمىزكى 1600-يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان 300 يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان ھەممە يەرنى قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان جەمىيەتكە ئايلانغان. سەئىدىيە خاندانلىغىنىڭ ئادىللىغى بىلەن داڭ چىقارغان سۇلتانى ئابدۇكېرىمخاننىڭ قەستكە ئۇچرىشى بىلەن خاندانلىق خارابلىشىشقا يۈزلەندى. خانلىق دائىرىسى خانزادىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك، بايلىق، خانلىق، تېروتورىيە (زېمىن) تالىشىدىغان ئۇرۇش سەھنىسىگە ئايلاندى، بىر مەزگىل گۈللەنگەن بۇ دۆلەت ھالاكەتكە يۈزلەندى. سۇلتان سەئىدخاندىن باشلانغان سۇپىلارغا مۇرىت بۇلۇش ئەۋجىگە چىقىپ پۈتكۈل خەلق بىرقانچە توپقا بۆلۈندى، ئەسلىدىن خانىقالاردا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سوپىلار ھۇقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، مۇرىتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىميەت تالىشىش كۈرەشلىرىدە ئاز بولمىغان قىرغىنلارنىڭ بىۋاستە سەۋەپپكارىغا ئايلاندى. ئاخىرقى ھىساپتا سوپىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە ھىلە مېكىرلىرى، سەئىدىيە ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىغى تۈپەيلى 1680- يىلى ھاكىميەت ئۇيغۇرلاردىن جوڭغارلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، سوپىلار جوڭغارلارنىڭ سادىق غالچىلىرىغا ئايلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قورچاق ھاكىميىتىنى تىكلەشكە مۇيەسسەر بولدى. سوپىلارنىڭ جوڭغارلار ياردىمىدە تىكلەنگەن بۇ قورچاق ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ بايلىق توپلاپ ئۇنى خوجايىنلىرىغا سوۋغا قىلىپ خەلقنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىققا گىرىپتار قىلدى. سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقى جوڭغارلار ئۈچۈن سېلىق تۆلەپ، قۇل دېدەك تۇتۇپ بەردى. پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى سوپىلارنىڭ”ئاق تاغلىق“ ۋە ”قارا تاغلىق“ تىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ ھاكىمىيەت، مۇرىت، بايلىق تالىشىدىغان، ئۆز- ئارا قىرغىنچىلىق قىلىشىدىغان ھالاكەت مەيدانىغا ئايلاندى. بۇ ئىككى مەزھەپ قىرغىنچىلىق قىلىشقاندىن سىرت ئۆزلىرىنىڭ سوپىستىك ئېدىيىسى بويىچە مەدەنىيەتنى قاتتىق تەقىپ قىلىپ مەدەنىيەتنى خەلق تۇرمۇشىدىن ۋە ئۇيغۇر  جەمئىيىتىدىن يۇقاتماق بولدى، جۈملىدىن مەدەنىيەت ئەرباپلىرىنىمۇ قىرغىن قىلىپ يۇقاتتى. ھاكىمىيەت جوڭغارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىغىدىكى سوپىلارنىڭ قولىدىن مانجۇ - چىڭ ئىمپىرىيىسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چېرىك ھۆكۈمرانلىرى بىر تۈركۈم يەرلىك فىوداللار بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە ئېغىر زۇلۇملارنى سالدى. نەتىجىدە پۇقرالار ئېغىر زۇلۇمغا قارشى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ قىلغان بولسىمۇ  ئىنتايىن دەھشەتلىك باستۇرۇلدى، ئۈچتۇرپان جىگدە يېغىلىغى  ( پۈتۈن خەلق قىرغىن قىلىپ يۇقۇتۇلغان دىگگن مەلۇماتلار بار ) ۋە ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن خەلقنىڭ يۇرت ماكانىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچىشى، شىمالى شىنجاڭدا قىرغىن قىلىپ ئادەم قالمىغاندا ( مەھمۇد كدشغەرى ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› دا بۇ يەردە خېلى ۆكپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىغى ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بولغانلىغىنى يازغان) جەنۇپتىن ئاھالە كۆچۈرۈشى شۇنىڭ مىسالىدۇر.  خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى ھە دىگەندىلا مەغلۇپ بۇلۇپ تۇردى، سەۋەبى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى شەكىللەنمىگەن، تارىخ دانكو ياكى ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال كەبى رەھبەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمىگەنىدى، ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى پەقەت زۇلۇمنى يۇقۇتۇشلا بولغىنى ئۈچۈن ئىنقىلاپتىن خوجىلارمۇ پايدىلىنىپ ئۆز ھاكىميىتىنى تىكلەشكە تىرىشتى، خوجىلارنىڭ توپىلاڭلىرىمۇ خەلقنىڭ تالاپەت تارتىشىغا سەۋپچى بۇلۇپ زىيانلارنىمۇ كەلتۈردى. 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە خەلق بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خوتەن، قەشقەر، كۇچار ۋە غۇلجىلاردا ھاكىمىتىنى تىكلىدى، لېكىن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك باشچىلار بولمىغانلىقتىن خوتەندە ھەبىبۇللاھاجى، كۇچاردا راشادىنخان كەبى سوپى- زاھىت ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەرسىزلەر رەھبەرلىك قىلىپ بۆلۈنمە ھالەتتە خانلىق قىلىشتى. ئۇلاردا ۋەتەن، خەلق، مىللەت ئېڭى بولمىغانلىقتىن بىرلىشىپ ھاكىميەت قۇرۇپ خەلقچىل سىياسەت يۈرگۈزۈشكە قادىر بولالماي ئاقىۋەت خەلقنىڭ غالىبىيەت مېۋىسىنى قوقانلىق رەڭۋاز ياقۇپبەگنىڭ ھىلە- مىكرى ئالدىدا تارتقۇزۇپ قويدى. ئىلى سۇلتانلىغى، ئۈرۈمچى- سانجى خۇيزۇ ھاكىمىيىتى، كۇچار راشىدىنخان خوجا ھاكىمىيىتى، خوتەن ھەبىبۇللا خوجا ھاكىمىيىتى ۋە قەشقەر بۇزرۇك خوجا (ئەمەلىيەتتە بەدۆلەت ھاكىمىيىتى بۇلۇپ ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجىدىن پايدىلانغان)نىڭ ئۆز-ئارا  ئىستىلا ئۇرۇشلىرى يۈز بەردى ۋە ياقۇپبەگنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ ھەم تۇرپان، ئۈرۈمچىلەرنى ئىگەللەپ ئاتالمىش ” بەدۆلەت يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى“ نى  قۇردى. 1878- يىلى چىڭ سۇلالىسى ھەممىنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ نىسپى ھالدىكى تېنىچلىق ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگىچە يەنىلا ئۇرۇش داۋام قىلىپ كەلدى. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشقان، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىغىنى ئۆز  كۆزى بىلەن كۆرگەن تارىخچى ئالىمىمىز موللا مۇسا سايرامىنىڭ》 تارىخى ھەمىدى《 ،》 تارىخى ئەمىنىيە《 كىتاپلىرىنى كۆرىدىغان بولساق بۇ ھەقتە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. مىسال:
    》 ئاتالىق غازى يىگىتلىرى، سەرۋازلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن چارچىدى، قوللىرى قاپاردى. ئاتىلىق غازى قۇشۇنىغا ئەگىشىپ كەلگەن قاسساپلارنى ۋە خوتەندىكى ياقا يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىر قاسساپلارنى چاقىرىپ كېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. قاسساپلار خەندەك لېۋىدە تۇرۇپ ئادەملەرنى بۇغۇزلاپ خەندەككە ئىتتىرىۋەردى.... شۇ قېتىم تۆت تۈمەن ئادەم ھالاك بولغان بولسا كېرەك.《
    قەدىرلىك كىتاپخانلىرىمىزغا بۇ خىل قىرغىنچىلىقتىن تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ تارىخىمىز بۇ خىل قىرغىنچىلىقلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن. قان ھىدى، ئادەم ئۇستىخانلىرى تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان ئىدى. ” ئۇيۇشقاق، يەڭگۈچى، ئەقىللىق“ مەنالىرىغا ئىگە خاسىيەتلىك نامى بار ئۇيغۇر خەلقىمۇ بىر ئۇچۇم مەزھەپچى، بايلىقخۇمار، ھۇقۇقپەرەست، ئۇرۇشپەرستلەر تەرىپىدىن ئۇرۇش قاينىمىغا مەجبۇرى سۆرەپ كىرىلدى. خەلق ئۆز ھاياتىغىمۇ كېپىللىك قىلالمايدىغان، ئەتىسىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالدى. ئەشۇ بىر ئۇچۇم رەزىل شەخسلەر ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتى، پاراغەتلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مىللەتنى، خەلقنى، ۋەتەننى، كەلگۈسىنى، ئەۋلاتلارنى پۈچەك پۇلغا (ئەرزىمەس شەخسى مەنپەئەتىگە) سېتىۋەتتى، ئۇيغۇر دىيارى ھالاكەتكە يۈزلەندى.
    1678 - يىلىدىن 1685- يىلىغىچە جوڭغارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشلىرى بولدى، ئاق تاغلىقلارنىڭ داھىسى ئاپپاق خوجا دالاي لاماغا باش ئۇرۇپ مەدەت تىلىشى بىلەن پۇرسەت كۈتۈۋاتقان جوڭغارلار  سەئىدىيە ئۇيغۇر دولىتىگە ھۇجۇم قىلدى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئاق تاغلىق مۇرىتلىرى ئىچىدىن ماسلاشتى، شۇنىڭ بىلەن جوڭغارلار غەلىبە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىغىغا ئالدى.
    1755 - يىلى چىڭ سۇلالىسى شىمالى شىنجاڭنى ئىستىلا قىلدى.
    1759 -يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ – كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلاڭىنى تىنچىتىپ شىنجاڭنى ئۆز ھۆكۈمرانلىغىغا ئالدى. قارا تاغلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر  ئاق تاغلىق دۈشمەنلىرىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
    1765- يىلى ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، بۇ مەشھۇر جىگدە يېغىلىغى بۇلۇپ چىڭ سۇلالىسى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بارلىق ئاھالىنى قىرغىن قىلىپ تۈگەتتى.
    1803- يىلى يۈسۈپ خوجىدىن پايدىلىنىپ قوقەنلىكلەر پاراكەندىچىلىك سالدى.
    1820-يىلىدىن 1828-يىلىغىچە جاھانگىر خوجىنىڭ كۆپ قېتىملىق توپىلاڭى بولدى.
    1845-يىلى قەشقەردە ئۇيغۇر ۋە قىرغىز دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1847-يىلى يەتتە خوجا توپىلىڭى بولدى.
    1852-يىلى ۋەلىخان تۆرە تۆت قېتىم بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە جاللاتلىق قىلىپ نەچچە كاللا مۇنارى ياسىغان.
    1854-يىلى قەشقەردە دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1857-يىلى ئاتۇش مىس كان ئىشچىلىرى، مەمتىلى باشچىلىغىدا كۇچار دېھقانلىرى، خوتەننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭ قىلغان، ۋەلىخان تۆرىمۇ توپىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1858- يىلى قەشقەردە بىر قىسىم دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.
    1860 –يىلى يەكەندە، 1862-يىلى خوتەن، كۇچار، بايلاردا قوزغىلاڭ بولغان.
    1864-يىلى كۇچا دېھقانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە راشىدىنخان ھاكىميىتى تىكلەنگەن.
    1864-يىلى خوتەن دېھقانلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ھەبىبۇللا ھاجى ھاكىميىتى تىكلەنگەن.
    1864- يىلى ئىلى خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغان ھەمدە ئىلى سۇلتانلىغىنى قۇرغان.
    1864- يىلى سىدىق بەگ  قەشقەرنى ئىشغال قىلغان.
    1865 –يىلى قوقەنتلىك قوشبېگى ياقۇپبەگ ئاق تاغلىقلاردىن بۇزرۇگ خوجىنى ئۆزىگە قالقان قىلىپ قەشقەرگە كىردى ھەم ئاق تاغلىق خوجىلار بۇزرۇگ خوجا ئۈچۈن ئۇلارنى قوللىدى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يۇقۇتىلغىچە ھەر خىل ئۇرۇش ۋە قىرغىنلار بۇلۇپ تۇردى.
    1871-يىلى چارروسىيە چىڭ سۇلالىسى بىلەن تۈزۈلگەن توختام بويىچە ئىلى سۇلتانلىغىنى ئىشغال قىلدى.
    1875- يىلى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ جەنۇبى شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان رايۇنلىنى ئىشغال قىلدى.
    1881- يىلى چىڭ سۇلالىسى(قاراخان) چارروسىيە (ئاقخان)غا 70 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زېمىن ۋە  بەش مىليون 9000سەر كۆمۈش ئۇرۇش چىقىمى تۆلەپ ئىلىنى قايتۇرىۋالدى.
    يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك نۇرغۇن قوزغىلاڭ ھەم توپىلاڭلار بولدى،


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق