ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
مەمتىمىن ھوشۇر-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

مەمتىمىن ھوشۇر

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1719   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 29-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

 

ئىسىم-فامىلىسى: مەمتىمىن ھوشۇر
يۇرتى: غۇلجا
ئېگىزلىكى: 1.70 مېتىر
ئېغىرلىقى: 78 كىلوگرام
قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: باھار
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى: پۇتبول، بوكسىيور.
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ: تەمبۇر
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: بالىلىق دەۋرىم.
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا چولپىنى: ئابدۇرېھىم ئىمىن
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: ئىلى دەريا ۋادىسى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى:
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو:
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: ئۈژمە
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: ئاغزىغا تېتىغان تاماق
ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىك:
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم: زۇنۇن قادىرى
ھايات يىغىندىسى:
ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى ۋە ياراتقان ئوبرازى: مەمتىمىن ھوشۇر، 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدا خىزمەتچى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، كەسپىي يازغۇچى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 5-نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسەت ئەزاسى، 6-نۆۋەتلىك رىياسەت ئەزاسى،7-نۆۋەتلىك پەخرى ھەيئەت بولۇپ ئىشلىگەن.
مەمتىمىن ھوشۇر، 1965- يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1985- يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۇنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، «سالچىلار»، «نەي ئاۋازى»، «كونا-يېڭى ئىشلار»، «ئۆلۈككە خەت»، «سالام ھېسام ئاكا»، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى»، «ئوت كەتكەن دەريا»، «قىرلىق ئىستاكان»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «بۇ چۈش ئەمەس»، «نۇزۇگۇم»، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن»، «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئايخان» (16پارچە) قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايىلار توپلاملىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. «بۇ چۈش ئەمەس» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «ساۋاقداشلار»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «خەيرىلىك سەھەر»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا»، «كۈز يامغۇرى»، «ئۆلۈككە خەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭدىكى تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
 

 

 


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم