ئەسەت سۇلايمان 1969- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى قومۇلدا تۇغۇلغان.
1986- يىلدىن 1991- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1991- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە يەنە شۇ فاكۇلتېتتا ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1996- يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتورىيىسىگە قوبۇل قىلىنىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان.
1999- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003- ، 2004- يىللىرى شىۋېيتسىيەنىڭ سىتوكھولىم ئۇنىۋېرىستېتىدا بىر يىل ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە ياپونىيە ، شىۋېيتسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ۋە ئىلمىي لېكسىيەلەردە بولغان.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»، « تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، «ئەلشىر نەۋايى»، «خەمسەچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.
مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
2000- يىلىدىن بۇيان مەملىكەت، ئاپتونوم رايون ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى بويىچە بىر قانچە تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 2001-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولغان ھەمدە بىرقانچە قارار ماگىستىرلارنى تەربىيەلىگەن.2005- يىلى پىروفېسسورلۇق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2000- يىلى ئۈرۈمچى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن 10چوڭ ياش»، 2006- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر پوستدوكتور(دوكتور ئاشتى)» بولۇپ باھالانغان.


