ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
زوردۇن سابىر-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

زوردۇن سابىر

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1481   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 29-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 

    زوردۇن سابىر 1937- يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدا چىقىرىپ، كېيىن شەھەرگە كىرىپ ئوقۇغان. 1957- يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتكۈزۈپ ، «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان؛ 1958- يىلى لەنجۇغا بېرىپ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان. 1964- يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1979- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. 1981- يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. 1989- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1998- يىلى قازا قىلغان.

     زوردۇن سابىر زامانداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەسەر يازغان، زور ئۇتۇق قازانغان داڭلىق يازغۇچى.
    زوردۇن سابىر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1961- يىلىدىن باشلاپ كىرىپ كەلگەن. 1980- يىللاردا «قەرزدار»، «قوبۇلخانىدا»، «قوشنىلار»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»، «ئېھ، توپىلىق يول»، «ئۇنتۇمايمەن، گۈلسارە»، «دولان ياشلىرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى؛ «سۈبھى»، «خەيرلىك ئىش»، «ئارچا ياپرىقى» قاتارلىق پوۋېستلارنى؛ «ئابرال شاماللىرى»، «ئىزدىنىش»، «ئانا» قاتارلىق رومانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پىروزىچىلىقىنى يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشتا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىدا زور رول ئوينىغان. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى ۋە ياۋروپانى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن يازغان «ياۋروپاغا سەپەر»، «ئەرەب يېرىم ئارىلىدا» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىلىرى ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور قىزىقىش قوزغىغان. شۇنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «ساياھەت ئەدەبىياتى» رەسمىي شەكىللىنىشكە باشلىغان.
   زوردۇن سابىرنىڭ نەشىر قىلىنغان ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى ئون نەچچە پارچىدىن ئاشىدۇ. رومانى تۆت پارچە بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور. بۇ روماننى زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر رومان دەپ ئېيتىشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نادىر نامايەندە دەپ تونۇشقا بولىدۇ. 1987– يىلى 10– ئايدا يازغۇچى تەكلىپ بىلەن غەربىي گېرمانىيەگە بېرىپ، ئىككى ئاي ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ بېرلىن ئۇنىۋېرستېتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇنىڭ بۇ لېكسىيەسى گېرمانىيەدە چىقىدىغان نېمىسچە «تۈركىلوگىيە تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ۋە ئايرىم كىتابچە قىلىپ تارقىتىلدى.
 1988– يىلى يازغۇچى يەنە تەكلىپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىپ پادىشاھ ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە خەلقئارادا مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدىغان «فايسال مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.  بۇ جەرياندا كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە ئاساسەن «ئەرەب يېرىم ئارىلىدا» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى يېزىپ چىقتى.
    1990– يىللاردا زوردۇن سابىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بۇ مەزگىللەردە ئۇ بىرتەرەپتىن زېھنىنى پوۋېست ۋە رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ ئارقا–ئارقىدىن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
    يازغۇچى پۈتكۈل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مۇھىم ئەسىرى «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيەسىنى يېزىش جەريانىدا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن، ئۇنى تاماملاپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 1998– يىلى 13– ئاۋغۇست كۈنى ۋاقتسىز بىز بىلەن خوشلاشتى. بۇ چاغدا ئۇ 61 ياشتا ئىدى.
    زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان 1956– يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، جەمئىي 40 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن مول ۋە قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھاياتىدا جەمئى تۆت پارچە رومان، 15پارچە پوۋېست،  60پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 5پارچە دىراما ۋە سېنارىيە، 3پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، 6پارچە ماقالە، بىر پارچە ئەسلىمە ئېلان قىلدى.
 بۇلارنىڭ كۆپى يازغۇچى ھايات ۋاقتىدا تۈزۈلگەن 21 كىتابىغا كىرگۈزۈلدى.
 زوردۇن سابىرنىڭ مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى:
 (1) «دولان ياشلىرى» ناملىق ھېكايىسى 1979– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981– يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
 (2) «قوبۇلخانىدا» ناملىق ھېكايىسى 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 2– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
 (3) «ئىزدىنش» رومانى 1983– يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر رومان» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
 (4) «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيەسى 2002– يىلى 3– نۆۋەتلىك «گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
    يازغۇچى زوردۇن سابىر 1992– يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان راي سىناش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ ئەدىبنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
    ئۇنىڭ ھاياتى ھەم ئىجادىيەت نەتىجىلىرى «يېڭى كۆزەتكۈچى»، «ھېكايىلەر ئايلىق ژۇرنىلى»، «تاللانغان ھېكايىلەر»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»، « مىللىي يازغۇچىلار»، «ئەدەبىيات سەنئەت خەۋەرلىرى» قاتارلىق مەملىكەتلىك گېزىت-ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلدى.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم