ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
سەيپىدىن ئەزىزى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

سەيپىدىن ئەزىزى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1433   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 12-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

داڭلىق شەخىس، ئاتاغلىق يازغۇچى، شائىر سەيپىدىن ئەزىزى 1915- يىلى 3- ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا، ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان.

     سەيپىدىن ئەزىزى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، دراماتورگ ۋە شائىر. دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلق ئارىسىدىكى بىر پېشقەدەم سەنئەتكارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىنىڭ گۆھىرى بولغان «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» نىڭ يوقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزى بىۋاستە باش مىنىستىر جۇ ئېنلەيگە تەكلىپ بەرگەن ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللىگەن. ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. 1980-يىللاردا سەيپىدىن ئەزىزى يەنە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ قىممەتلىك مىراسنى تۈپتىن ياخشىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ھەم ئۇنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئىتى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىر پەيدا قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى يەنىمۇ ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش، ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت خەزىنىسىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 1994-يىلى بېيجىڭدا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان.

     يازغۇچى، شائىر  دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك «تەڭرىتاغ ئوغلى» ، بىئوگرافىك ئەسەر «ئۆمۈر داستانى» (1-، 2- قىسىم )، تارىخىي ئوپېرا «ئاماننىساخان»، ھېكايە، نەسرلەر توپلىمى «ئەۋلىيا ئاتا»، «ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا»، «شانلىق يىللار» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاب نەشر قىلدۇرغان. 500 دىن ئارتۇق رۇبائىي، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان.

     ئۇنىڭ «ئاماننىساخان» ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان. بۇ ئەسەر «خانىش ئاماننىساخان» دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى.


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم