ئىسىم-فامىلىسى: ئىمىن ئەھمىدى
يۇرتى: قەشقەر يېڭى شەھەر
ئېگىزلىكى: 1.75 مېتىر
ئېغىرلىقى: 80 كىلوگرام
قىزىقىشى: مەدەنىيەت تەتقىقاتى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: كۈز
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى: پۇتبول، ۋاسكىتبول
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ: دۇتتار
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: تۇنجى مۇھەببەت
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا چولپىنى: ئابدۇرېھىم ئەھمىدى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: مەھەللەمنىڭ ھازىر يوق جاڭگاللىرى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى: سوفىيە دوللېر
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: جەڭ فىلىملىرى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: قورىمىغان يېمەكلىكلەر
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: پولو
ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىك: سوغۇق ئىچىملىكلەر
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم: ئايالىم ئىدى
ھايات يىغىندىسى: داۋراڭ سالماي، رەتلىك ياشىغۇم كېلىدۇ.
※ ※ ※
تەلەپچان ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى، ئاتاقلىق شائىر، جامائەت ئەربابى — ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى
(ئابدۇزاھىر تاھىر مۇراد)
بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشىدە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئىشلەۋاتقان تەلەپچان قىز-يىگىت ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس رولى ۋە تۆھپىسى بار، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ باشقا ئەل ۋە مىللەت مەدەنىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چۈشىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان، ھېلىھەم شۇنداق رول ئويناۋاتقان تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىدا، خاس تەرجىمانلىرىمىزدىن باشقا، ھەر كەسىپتە ئىشلەۋاتقان ئىجتىھاتلىق قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى زور. يېڭى دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلگەن نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت ئەربابلىرىمىز ئۆز خىزمىتى ۋە كەسپىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىشنى تەرجىمىدىن باشلاپ، مەدەنىيەت ساھەيىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىنىمسىز مېھنەتلىرى بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى ۋە كۆرسەتمەكتە. بىر ئۆمۈر مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ۋە شېئىرىيەت جەھەتتىكى مول نەتىجىلىرى بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىزغا تېگىشلىك تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، مەدەنىيەت ساھەيىمىزدە ئۇستاز سۈپەت رول ئويناۋاتقان ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
تەلەپچان ئەدەبىي تەرجىمان، ئاتاقلىق شائىر، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى 1942- يىلى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇما يېزىسى مامۇتجان كەنتىدە توغۇلغان. 1950- يىلىدىن 1954- يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدىكى ياندۇما باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954- يىلىدىن 1957- يىلىغىچە قەشقەر 1- تولۇقسىز ئوتتۇا مەكتەپتە، 1957-يىلىدىن 1960- يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ھازىرقى شەھەرلىك 6- ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇغان. 1960- يىلى 9- ئايدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستېتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ، مەزكۇر ئىنىستېتۇتنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئىككى يىل خەنزۇ تىلى بويىچە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1962- يىلى 9- ئايدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە بۇ مەكتەپنى 1967- يىلى 7- ئايدا تاماملىغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، تاكى 1968- يىلى 9- ئايغىچە شۇ چاغدىكى مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەكتەپتىن ئايرىلماي، مەكتەپ قوراللىق بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىپ تۇرغان. 1968- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭغا قايتقان ۋە شۇ يىلى 11- ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983- يىلىغا قەدەر مەزكۇر مەھكىمىدە تەرجىمان، جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سوتچى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1979- يىلى 11- ئايدا پارتىيەگە كىرگەن. 1983- يىلى 6- ئايدىن 1986- يىلى 11- ئايغىچە ج ك پ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ۋىلايەتلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1986- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، تاكى 1996- يىلىغىچە بىرلەشمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1996- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2003- يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنىستېتۇتنىڭ مۇدىرى بولغان. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت-ئاخبارات ساھەسىگە دائىر خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە، جۈملىدىن ھېلىھەم ئاپتونوم رايونلۇق پاتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئوقۇش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى تەرجىمانلىقتىن كۆرە شائىرلىق ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كەڭ خەلقىمىزگە بەكرەك تونۇشلۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، بۇ ساھەگە تەرجىمە ئارقىلىق كىرىشكەن ھەم تەرجىمە، جۈملىدىن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك مېھنەت سىڭدۈرگەن. شۇڭا، ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ تۆھپىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى مېھنەتلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
بارلىق تۆھپىكار ئەزىمەتلەرگە ئوخشاش ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىمۇ كىچىكىدىنلا تىرىشچان، كىتاب ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئىدى. ئۇ 1958- يىلى ئۆزبېكىستاندا چىقىدىغان «شەرق يۇلتۇزى» ژۇرنىلىدىن يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمە قىلىنغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ۋە مەكتەپتە دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا سازاۋەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆز مىللەت-قوۋمىدىن باشقا بىرەر خەلقنىڭ تىلىنى ئارتۇق بىلىشنىڭ كىشىگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان شەرەپ ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. بولۇپمۇ ئۇ بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستېتۇتىغا ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن خەنزۇ تىلىنى ئىنتايىن قىزىقىپ ئۆگەنگەن. نەتىجىدە بىر يىلدەك جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خەنزۇچە ئاغزاكىي ئالاقىدە تەلەپپۇز ۋە ئىپادىلەشتە قىينالسىمۇ، ئەمما يازما ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە خەنزۇچە ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئەنە شۇ دەسلەپكى ئوقۇغۇچىلىق مەزگىللىرىدە تەرجىمە قىلغان «يايلاقتىكى كەچكى تاماق» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى 1962- يىلى 2- ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تەرجىمە قىلغان «دۇڭ سۇنرۇي»، «بەي يىخۇا»، «يەتتە تال سەرەڭگە» قاتارلىق ھېكايىلەر «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىغان. ئۇ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى ئىزچىل توختىتىپ قويمىغان، يەنە قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىمۇ چىڭ تۇتقان. دېمەك، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا قەدىمكى زامان خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتى بويىچە تۆت يىل مۇنتىزىم تەربىيەلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، گەرچە كەسپىي تەرجىمان بولمىغان ھەم ئۇزۇن مەزگىل رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەدەبىي تەرجىمىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن، دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى «ئادەتتىكى نوقۇل تەرجىمە خىزمىتى ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىلمىي ئەمگەك، ئانا تىلغا نىسبەتەن مۇئەييەن مەنىدىكى ئىجادىيەت» دەپ تونۇپ، بىر ۋىجدانلىق زىيالىغا خاس كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىدا، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئاز بولمىغان پوۋېست، ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە شېئىرىي ئەسەرلەرنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. ئۆزىنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، لى بەي، لى چىڭجاۋ، سۇ شى قاتارلىق خەنزۇ كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. 2007- يىلى ئۇ تەرجىمە قىلغان، ئۆز دەۋرىدە خەنزۇ تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قاتارلىق غەربىي يۇرت شائىرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم نادىر شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرغان تەرجىمە كىتابى — «غەربىي يۇرت ئاز سانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى تەرجىمە ساھەسىدە ھېكايە-پوۋېست ۋە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا بولۇپ قالماستىن، تارىخ-پەلسەپە ۋە نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل)، «”قۇتادغۇبىلىك“ ۋە شەرق-غەرب مەدەنىيىتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىل)، «”جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش“ ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل)، «چىڭگىزخان» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003- يىل)، «6- نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇقام ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلىرى» (شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى باستۇرغان، 2009- يىل)، «ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى — مۇقام» (شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2007- يىل) قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان. يەنە ئۇ تەرجىمە قىلغان «شۈي ماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى» (ئەيسا مۇسا بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984- يىل)، «ھىجران كوچىسى» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1992- يىل)، «لياۋ جەي رىۋايەتلىرى» (بارىجان زەپەر بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994- يىل)، «بۆرە خۇمار» (مىللەتلەر نەشرىياتى، 1999- يىل)، «بۆرە تۇتېمى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008- يىل) قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەردە ئۇنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ئىقتىدارى يەنىمۇ نامايان بولدى. ئۇ تەرجىمە قىلغان «بۆرە تۇتېمى» ناملىق ئىككى قىسىملىق رومان ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇ يېقىندا يەنە «پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى»، «يىپەك يولى» ناملىق ئىككى پارچە كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشرىياتقا تاپشۇردى. بۇ ئەسەرلەرمۇ چوقۇم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە دائىر بىر بۆلۈك ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇشتۇرۇش جەھەتتىمۇ تېگىشلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. بۇ جەھەتتە ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە ياردەملىشىپ، ئاز بولمىغان ئۇيغۇرچە ناخشا تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە «ئۇيغۇر دولان مۇقامى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل)، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» (باشقىلار بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان، جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى، 1997- يىل)، «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» (جاڭ خۇڭچاۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە تەرجىمە قىلغان، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى، 2009-يىل) قاتارلىق زور ھەجىملىك كىتابلارنى ئۇيغۇر تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى بىر تۈركۈم ئېسىل شېئىرلىرى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئىلمىي نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزگە بەكرەپ تونۇشلۇق بولغان مۆھتەرەم شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «بەخت چېچەكلىرى» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1983- يىل)، «گۈلگۈن دالىلار» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈلەر نەشرىياتى، 1989- يىل)، «سۆيۈلگەن يىللار» (منىللەتلەر نەشرىياتى، 1993- يىل)، «ئاسمانلار-تاغلار» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010- يىل) ناملىق تۆت پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ، كەڭ خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان نەچچە يۈزلىگەن شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان بولسا، بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا يازغان 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرىنىڭمۇ دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ئىنگلىز، فىرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە «سۆيۈلگەن دىللار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «كەچكۈزدىكى باھارنامە» ناملىق لىرىك شېئىرى ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. ئۇنىڭ ئابلەت قېيۇم بىلەن بىللە يازغان تارىخي دىراما — «مۆلجەرتاغ بورانلىرى» سەھنىلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرى ئارىسىدا كۆچلۈك ئالقىشقا سازاۋەر بولۇش بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ «ئىتتىپاق» مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.
ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى يەنە دەۋرىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاممىۋى خىزمەت تەشكىلاتچىسى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1983- يىلىدىن 1986- يىلىغا قەدەر ج ك پ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە، ۋىلايەتنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولغان، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنى قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۇۋال قىلىنغانلارنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت-بەلگىلىمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ چىقارغان. يەنە ۋىلايەتنىڭ سانائەت، قاتناش-تىرانسپورت، مالىيە-سودا، شەھەر قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىگە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ئىتتىپاق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان، جۈملىدىن باي ناھىيەسىدىكى قىزىل سۇ ئامبىرى، ئاقسۇ خۇرۇم زاۋۇتى، سېمۇنت زاۋۇتى، قەنت زاۋۇتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا ۋە ئاقسۇ «داگۇاڭ» يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمەتلىرىگە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە مائارىپ خىزمەتلىرىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن. 1986- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدە نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش ۋە مۇنتىزىم ئىجادىيەت قوشۇنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان، جۈملىدىن 1987- يىلى قارامايدا ئېچىلغان «سانائەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئىجادىيىتى يىغىنى» ۋە كۇيتۇندا ئېچىلغان «قازاق ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى»، 1989-يىلى مەكىتتە ئېچىلغان «سەنئەت ئىجادىيەت يىغىنى» قاتارلىق بىر قانچە قېتىملىق كۆلۈمى چوڭ ئىلمىي يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشچىلىق قىلغان. كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك يىغىنلارغا قاتنىشىپ ۋە ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى رايونلىرى، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەلەمكەشلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك ئىلھام، مەدەت بېرىپ كەلگەن. 1996- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2003- يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنىستېتۇت مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە، گوۋۇيۈەننىڭ «شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى ئاز سانلىق مىللەت سەنئەت خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم» دېگەن يوليۇرۇقىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. بولۇپمۇ ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ، «شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن، ھەتتا دەسلەپ ئۆزى باش مۇھەررىر بولۇپ بىۋاستە قول سېلىپ، ماقالە ئۇيۇشتۇرۇپ ھەم ئۆزىمۇ 30 نەچچە پارچە ماقالە يېزىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى پۇختىلىغان. مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتە بولسا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنى ئىجادچانلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتىنى ئېلىمىزدە داڭقى بار، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئوقۇتۇش ئورنى بولۇشىغا تېگىشلىك ئەجىر سىڭدۈرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 2001- يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك باھالىشىدا بۇ مەكتەپ «لاياقەتلىك ئالىي ئوقۇتۇش ئورنى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ تەقدىرلەنگەن. ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ تا ھازىرغىچە بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.
ئىمىن ئەھمىدى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئاخبارات-نەشرىيات ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ئۆز رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، ئەدەبىي تەرجىمە، ئۇيغۇرچە ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسى قاتارلىقلار بويىچە مەخسۇس تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەپ ھەم مۇشۇ ساھەلەر بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، بۇ ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى، جۈملىدىن بۇ ساھەلەرنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئاكتىپ يېتەكچىلىك تەسىر كۆرسەتتى. رادىيو-تېلېۋىزورلاردا مەدەنىيەت ساھەيىمىزدىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئاممىباپ سۆھبەتلەرنى بايان قىلىپ، خەلق ئىچىدە پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك كۈچ چىقاردى. ھەتتا 2008- يىلى 11- ئايدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىدا يىگىرمە نەچچە ئاز سانلىق مىللەت تەرجىمانلىرىغا ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە دەرس سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ ھېلىھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئوقۇش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە، مۇھىم مەسلىھەتچىلىك رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
كەڭ خەلق ئاممىسى، جۈملىدىن پارتىيە-ھۆكۈمەت خەلق ئۈچۈن جان-پىدالىق بىلەن بېرىلىپ ئىشلىگەن ئەزىمەتلىرىمىزنى مەڭگۈ ئالقىشلايدۇ، ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ، ئۇلارغا شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت يامغۇرى ياغدۇرىدۇ. ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىمۇ يۇقىرىدىكىدەك نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان تەۋەررۈك كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.
تىرىشچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن ئىشلەش بىزگە مول نەتىجىلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە نائىل قىلىدۇ. بىز تىنىمسىز مېھنەت سىڭدۈرۈش بەدىلىگە بۈگۈنكىدەك ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ 69 ياشلىق قۇتلۇق كۈنى ھارپىسىدا، ئۇشبۇ يازمىمىز بىلەن ئۇنى 69 ياشلىق خاتىرىسىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمىز! ئۇنىڭ توختاۋسىز ئىزدىنىشلىرى بىلەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز! ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت ۋە خاتىرجەملىك، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.
«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى