دانىشمەن يېزىقچىلىق شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
ئالدى بىلەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
يېقىندا قاراقاش ناھىيەسىدە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقتىكى «قاراقاش ناھىيە دانىشمەن يېزىقچىلىق چەكلىك شىركىتى» قۇرۇلدى. بۇ شىركەت ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان،يېزىقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە كەسىپنى تاۋار سۈپىتىدە بازارغايۈزلەندۈرگەن بىردىن-بىر شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ھەر ساھادىكى ئورۇنلار 10 دىن، كەسىپ ئىگىلىرى 30نەپەردىن ئاشتى. ھازىر بۇ شىركەتتە تۆت نەپەر خادىم ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئۆزئالدىغا يەنە مەخسۇس تور بېكىتى بار بولۇپ، تور ئارقىلىق يېزىقچىلىق قىلىش ۋەقوشۇمچە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويغان. (ھازىر تور بېكەت جىددى ياسىلىۋاتىدۇ) نۆۋەتتە شىركەت تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، كۆلەملەشكەن بىر شىركەت بولۇپ قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. جىددى ئېھتىياجقا ئاساسەن «قاراقاش ناھىيە دانىشمەن يېزىقچىلىق چەكلىك شىركىتى» ئۆزىنىڭ خاسلىقى، ئۆزگىچىلىكى ۋەكەسىپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ.
1. يازغۇچى بەش نەپەر،بەلگىلىك ئەدەبىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە، تۈرلۈك ژانىردا ئەسەر يازالايدىغان بولۇشى كېرەك. قوشۇمچە ئەدلىيەلىك خەت-چەك ۋە تۈرلۈك ئاممىۋى خەت-چەكلەرنى يازالايدىغان، كوررېكتورلۇق، تەھرىرلىك قىلالايدىغانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. باشقاجەھەتتە ئىقتىدارى بولسا تېخى ياخشى. ئىش ھەققى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە.
2. كەسپى تەرجىمان ئۈچ نەپەر، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تۈرلۈك ماتېرىياللارنى ئۆز ئارا ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلالايدىغان، خەنزۇچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، كومپيۇتېرنى نورمال ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئىش ھەققى 2000 يۈەندىن3000 يۈەنگىچە.!
3. مۇخبىر ئۈچ نەپەر،بەلگىلىك يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بولۇشى، (ئادەتتىكى خەۋەر-ماقالىلەرنى يازالايدىغان) خەنزۇچە چۈشىنىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارى ياخشى بولۇشى كېرەك. بۇرۇن مۇخبىرلىق، فوتوگرافلىق قىلىپ باققان (سۈرەت ئېلىش، فىلىم ئىشلەش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان) ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر خادىملار بولسا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.(رىياسەتچىلىك، دېكتورلۇق جەھەتتە ئىقتىدارى بولسا ئايرىم ئىش ھەققى قوشۇپ بېرىلىدۇ) ئىش ھەققى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە.
4. تېز سۈرئەتتە خەت ئۇرغۇچى خادىم ئۈچ نەپەر،خەتنى ئۆلچەملىك، گرامماتىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھالەتتە تېز ئۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بولسا خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تېز سۈرئەتتە خەت ئۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئىش ھەققى 1500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە.
5. ئادەتتىكى خىزمەتچى خادىم ئىككى نەپەر، نورمال خەنزۇچە سەۋىيەسى بولسا بولىدۇ. ئىش ھەققى 1000 يۈەندىن2000 يۈەنگىچە.
6. سۈرەت ئېلىش، فىلىم ئىشلەش خادىمى ئۈچ نەپەر، سۈرەت-فىلىم ئىشلىيەلەيدىغان، كىرىشتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئىش ھەققى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە.خىزمەتچى خادىملارغا ياش، جىنسى، رايون چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ، ئوقۇش دىپلومى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. لېكىن خىزمەتچى خادىملار چۇقۇم مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئىرادىلىك، ئەخلاقلىق، سەمىمىي بولۇشى، كەيىپ-ساپا بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. توختاملىشىش ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ، ياتاق ۋە چۈشتە بىر ۋاخ تاماق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بىر ئاي سىناق ئىشلەيدۇ، سىناق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مۇقىم ئىش ھەققى تۇرغۇزىلىدۇ. ياخشى ئىشلىسە مۇكاپات ۋە ئۈنۈم مائاشى قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئىختىيار قىلغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشنى قارشى ئالىمىز. خىزمەتچى خادىملار توغرىلىق تېخىمۇچوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىز بىلەن يېرىم سۇڭلۇق سۈرىتىڭىزنى تور ئارقىلىق يوللاپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. تەرجىمىھالىڭىزنى يازغاندا نېمە بولسا شۇنى يېزىشىڭىزنى، سەمىمىي بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. (بولسا ئارتۇقچىلىقىڭىزنى، ئالاھىدىلىكىڭىزنى، خىزمەت نىشانىڭىزنى، باشقا ئىش-ئىزلىرىڭىزنى، نەتىجىلىرىڭىزنى تەپسىلىيرەك يېزىڭ)
بىر نىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ ئورتاق ھالدا گۈزەل ئەتىمىزنى يارىتايلى. شىركەت توغرىلىق مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز تېلېفۇن قىلىڭ.
شىركەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت تېلېفۇن: 15384913333
ئىشخانا تېلېفۇن نومۇرى:6510999:
QQ: 2455748761-2747555199l
(شىركەتنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى يېقىندا ھەر قايسى تور بېكەتلەردە سۈرەتلىك ھالدا مەخسۇس تونۇشتۇرىلىدۇ)
مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلىرى |