ھېدىم سىڭمەكتە تۆت تامغا،تۇرارمەن ئۈشبۇئان تەنھا،
تاپالماي يەككىلىك بەرھەم،تۇغۇلغاي چۆلسىمان تەنھا.
تىنىمسىز تەۋرىنەر كىرپىك،بوراندا مىسلى قامغاقتەك،
كۆڭۈل ئەسرارغا مۇڭداش يوق سەھەر،شام ھەرزامان تەنھا.
ۋۇجۇدۇم مۈلكىنى پۈتكۈل خىياللار ئورىغاي تەگسىز،
قەيەردە ۋەسلىمە ئىمكان؟بولۇرمەن دەر
گۇمان،تەنھا.
چېكىلمەس ئىشكمۇ بىرمەرتە،شامالدىن ئۆزگە نەتاۋۇش!؟
قۇلاق زارىقتى،تالجىقتى،تىڭىرقار بىرلا جان تەنھا.
ئۈمىدجان ئۆگزىسى تەشنا لىرىكا سورىغان قۇشقا،
بىراق،تۇرماقتا ھەرباقسام چېچىلغان ھەممە دان،تەنھا.
خۇشال دېھقان
كۆڭۈل خۇشنۇد لىرىك كۈيدىن،ھالاۋەتلەر سۈرەر دېھقان،
گۈلىستاندا گويا بۇلبۇل ئۇرۇپ خەندان كۈلەر دېھقان.
توراشقا يوق سېپىل يولنى،قەدەم-ئىزلار قۇچار گۈلنى،
شەھەر رەستە ئارا شۇنچە راۋان دادىل يۈرەر دېھقان.
يېتەكلەنگەچ ئۇنىڭ روھى گۇگۇم قونماس شەمىستانغا،
سۈرەتلەنگەن
ھېكايەتتە ئۆزىن شاھ دەپ بىلەر دېھقان.
تېپىپ نۇسرەت ئەجىر-مېھنەت،زېھىن-ئاڭدا ئۇلۇغ ھېكمەت.
نىگار چېھرى بېرىپ ئامەت،رېئال جەننەت كۆرەر دېھقان.
«جاپاكەش»كە قۇياش تەقدىم،زىيا جىلۋە قىلار باشتا،
سەپەر يۈرگەن ئۈمىدجانغا گۈزەل مەنزىل تىلەر دېھقان.
ھەۋەس بىخلاندى ئارماندىن
مۇقەددەس جىگدىزار باغرى،سۆيۈپ جۈپ ئىزنى يول،قالدى،
تېپىشماق ئېيتىشىپ كۆكلەم،تۆكۈشكەن سىرمۇ مول قالدى.
يېقىملىق سايرىغان تورغاي كۈيىگە جۆر بولۇپ خۇشۋاق،
ئېتىزلار قوينىدىن تەرگەن جۇلالىق رەڭگى گۈل قالدى.
شېرىن ھېسلاردا زەپ تاتلىق سۆيۈشكەن شۇ ئۇلۇغ دەملەر،
ئۈزۈپ شادلىقتا ئۆركەشلەپ،گىرەلەشكەن كۆڭۈل قالدى.
ھەۋەس بىخلاندى ئارماندىن غۇبارسىز شۇنچە پاك-پاكىز،
جىپىسلاشقان نەپەس ئوتلۇق،بويۇن ئۈپكەنچە قول،قالدى.
چىغىرنى قورشىبان جىگدە تۇرار،(پاك دىلغا شاھىد ئۇ)،
قىلىپ ئىخلاس ئاشۇ جايغا ئۈمىدجان بىر ئوغۇل،قالدى.
ھەۋەس شەيتانى كۈيلەتسە