چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 3

ئۈمىدجان قادىرى: ئەقىدە ناۋالىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئەقىدە ناۋالىرى

ئۈمىدجان قادىرى

قاشتاش

ئانامنىڭ بىغۇبار قەلبى سېنىڭدە دەل ئايان قاشتاش،
شۇڭا ئىخلاس-ئەقىدەمگە ئۆزۈڭ مەنسۇپ ھامان قاشتاش.

كۆزۈم تالماس قاراپ جىسمىڭ،دىلىمدا جۇش ئۇرار مېھرىڭ،
يۇيۇپ پاكىز ۋۇجۇدۇمنى،سۆيۈلدۈرگەن جانان قاشتاش.

تەۋەللۇتۇڭ ئەمەس گۈلشەن،ۋە يا ئوردا ھەرەملەردە،
تۆرەلدىڭسەن قاقاس تاغدا،قىنى دەريا ماكان قاشتاش.

سەھەردە چاپچىغان تۇيغۇ كۆرۈرلەر ئەسلىنى سەندە،
گۈزەللىك جىلۋىلەر ئاچقان،ئۆمۈرگە چىن بايان قاشتاش.

قېتىپ كۈيگە سېنى ھەردەم غەزەل پۈتكەن ئۈمىدجانمۇ،
ئېلىپ ئۆرنەك ھامان يەتكەي كېزىپ مەنزىل پايان قاشتاش.

ئالى مەكتەپ

چېچىپ ئۇچقۇننى ئىستەكلەر،تۇغۇلغان غايە ئۇ جايدا،
ئوغۇزرەڭ تۈنگە ئۆركەشتە سىڭىشكەن سايە ئۇ جايدا.

ئىلىم تەھسىلدە ئۆتكەن ئاي ئۇلاشقاي پەيتى يىللارغا،
ئۆمۈر قەدرىنى چىن سەزگەن قىلىشماي زايە ئۇ جايدا.

ئارامنىڭ ۋاقتى كەچلەردە ئۇچۇشقان دىل ئارا چاخچاق،
پەلەكنى بويلىبان ئېزگۈ تېپىشقان پايە ئۇ جايدا.

يۈرەك ئاتەشتە چوغلانغان،توپانغا چۆكسە ئۆچمەس ئوت،
تېپىپ قۇت ئەھلى-ھۇش،ئاڭمۇ ئېرىشكەن ۋايە ئۇ جايدا.

ساناقسىز ئىزنى-كەچمىشنى داۋام سۆزلەر ئۈمىدجانغا،
گۈزەل ياشلىققا شاھىد مىڭ تالاي ھېكايە ئۇ جايدا.

2016.يىل 27.فېۋرال پىيالما


چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-1 22:35:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى غەزەللەر بوپتۇ. ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇدۇم.

شۇغىنىسى ۋايە دېگەن قانداق سۆز بوغىتتى؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-1 23:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HOJAKABIZ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 22:35
ياخشى غەزەللەر بوپتۇ. ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇدۇم.

شۇغىنىسى ۋا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز!
ۋايە ـــ قۇرام،بالاغەت دېگەن بولىدىكەن.
ۋاقتى: 2016-3-3 10:09:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا بوپتۇ، بۇ سۆزمۇ جايىغا چۈشۈپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 04:57 , Processed in 0.175946 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش