چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 1366|ئىنكاس: 8

رىزۋانگۈل : ئىلتىجا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yultuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-21 21:32  

ئىلتىجا

ئاپتورى: رىزۋانگۈل تۇرسۇنباقى(ساداقەت)

x1pGg9EMswqL-9ut5xf6jC2_L30nphWGiMUCu2NSGZxacJDEPijvAJtHEN45L2k19IEDrdXWGHGANV3l.jpg

ئۇ سېنى كۆردى چوقۇم تاغدىن ئېگىز،
ئۇ سېنى سۆيدى بىلىپ جاندىن ئەزىز.
يەتمىسەڭ گەر چىن ساداقەت قەدرىگە،
سانچىلار قەلبىگە سانسىز مىخ-بىگىز... 

باشقىغا بەرسەڭ كۆڭۈل سەن نازلىنىپ،
دەۋرىسە قەلبىڭدە شەيتان سازلىنىپ.
دەپتىكەن"بۈگۈن ماڭا،ئەتە ساڭا"
چۆكتۈرەر دەريايى ھىجران"باز"لىنىپ.

ئەكسىچە،سۆيسەڭ ئۇنى ھامى بىلەن،
ئۇ تۇتار سۆيگۈ شاراپ جامى بىلەن.
بۇ ھاياتنىڭ گىر-جىڭى ئادىل شۇڭا-
كەتمە"ۋىجدانسىز"دېگەن نامى بىلەن.

2015-يىلى 15-ئافرىل،گۇما



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-21 22:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايلىق شېئىر بولۇپ پۈتۈپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!


ۋاقتى: 2015-4-21 23:04:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىزۋانگۈلنىڭ يېڭى ئىجادىيىتىگە مۇبارەك بولسۇن! كونۇپكا باسقان قوللىرى گۈللەرگە تولسۇن!


ۋاقتى: 2015-4-21 23:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلدىكى جىڭ گەپنى دەپتۇ ما خېنىم. مۇبارەك بولسۇن


ۋاقتى: 2015-4-22 09:40:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت مەنزىللىرى پارلاق بولغاي،ئىلھاملار چاپچىپ تۇرغاي!


ۋاقتى: 2015-4-22 09:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ياخشى شىئىرغا ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.ئىجادىيىتىڭىز بەركەتلىك بولغاي!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-22 12:07:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۆرمەتلىك  ئۇستازلىرىم ۋە  ئەزىز قىرىنداشلىرىمنىڭ  ئىلھاملىق  ئىنكاسلىرى  بىلەن  مىنى  قوللاپ ، مەدەت بەرگەنلىكىگە  كۆپ رەھمەت .


ۋاقتى: 2015-4-22 23:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام دىگەن مۇشۇنداق بولساھە؟ بەكمۇ ئىسىل شىئىر بوپتۇ


ۋاقتى: 2015-4-24 11:22:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنە ۋە شېئىرىي ھېسسىيات قويۇق بوپتۇ.
ئوخشاش مەنىلىك سۆزنى ئۇلاپ ئىشلەتكەننى تازا بىر نېمە دېيەلمىدىم.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 11:32 , Processed in 0.892352 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش