بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yultuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-14 10:33
گۈللەر نالىسى
ئاپتورى : رىزۋانگۈل تۇرسۇنباقى (ساداقەت)
مەن بىر گۈل . مەن ياراتقۇچىمىز تەرىپىدىن تۇپىراق ئارقىلىق يىلتىز تارتىپ ، سىلەر ئىنسانلار بىلەن ئوخشاش ، سۇ ، ھاۋا ، قۇياش ، ئىللىق مىھىر - مۇھاببەتلىك پەرۋىشلەرگە ئىنتايىن مۇھتاج بولۇپ ھايات كەچۈرىۋاتقان بىر مەۋجۇداتمەن ......
مەن بىر گۈل . مىنىڭ ھەم ھۆسنىم ، ھەم ئۆتكۈر پۇرىقىم ، ھەم تىكىنىم ، ھەم يۇپۇرمىقىم بار ............
مەن رەڭگا-رەڭ ھۆسنىم بىلەن دىللارنى ئۆزۈمگە مەپتۇن قىلىمەن . تەسۋىرلىگۈسىز پۇرىقىم بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخىش ئىتىمەن . ئىشىق ئەھلىلىرى مىنى ئەتىۋارلاپ قۇلاقلىرىغا قىسىۋالىدۇ . گۈل -دەستىلەرنى ياساپ، سۆيگەن جانانلىرىغا كۆڭۈل ئىزھار سوغىسىنىڭ گۇۋاھچىسى قىلىشىدۇ. ئەمما ياۋا توڭگۇزلار تۇمشۇقىنى شۇنداق تەككۈزسە ، تىكەنلىرىم ئۇنىڭ بۇرنىغا سانچىلىپ ، ھەتتا قان ئالىدۇ. ئاخىرى جېنىنىمۇ ئالىدۇ . بۇلاردىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن . لىكىن ئەپسۇس ، مەن شۇنچىلىك نازۇك ، شۇنچىلىك بىچارە ، شۇنچىلىك ئاجىز مەۋجۇدات . قەدىرىمگە يەتمىگەنلەر مىنى ئادەتتىكى بىر ئوت -چۆپ قاتارىدا كۆرۈپ ، خالىغانچە ئۈزۈپ تاشلاپ، چەيلەپ دەسسەپ ، ۋاقىتسىز ئەرزىمەس غازاڭ قىلىۋىتىدۇ. يەنە بەزىلەر مىنى ئەتىۋارلىق بىلەن ئۈزۈپ پۇراپلا تاشلىۋىتىپ، مىنى پەرۋىشلىمەستىن يەنە ئارقىدىنلا ماڭا ئوخشاش باشقا گۈللەرنى ئۈزۈش ھالەكچىلىكىدە توختىماي تەكرار چىپىپ ، تالاي گۈللەرنىڭ ۋاقىتسىز توزۇپ غازاڭ بولۇپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ . دەل شۇ ۋاقىتتا ياراتقۇچىمىز ماڭا بىر زۇۋان بەرسە ئىدى ، كائىناتتىكى غازاڭ بولغان بارلىق گۈللەر نامىدىن ؛ «ئەي ئۇلۇغ ئىنسانلار ، سىلەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۈزۈپ بىر پۇراپلا تاشلاپ ، دەسسەپ -چەيلەپ ، خار قىلىۋاتقان ئەشۇ گۈلۈڭلارغا ، يەنە قانچىلىغان ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مەسئۇلىيەتجان ، مىھرى-ۋاپالىق گۈل خۇمارلارنىڭ مۇھتاج ئىكەنلىگىنى بىلەمدىغانسىلەر »، دەپ ئۈنلۇك ئاۋازدا خىتاپ قىلاتتىم ..........
مىنىڭچە بولسا مەن ئەسلىدە شۇنداق بىر قاينام بۇلاق كەبى ھايات كەچۈرگۈم بار ئىدى ، ھاياتلىقتا - قولۇمدىن كىلىشچە ، قۇربىمنىڭ يىتىشچە تەشنا دىللارغا ئارام بەخىش ، دەرىتمەنلەرگە ساپ داۋا ، بىمارلارغا ھەقىقى شىپا ، غىرىپ -مىسكىنلەرگە شاد -خۇرام كۈلكە ، ئاجىزلارغا ئۈمۈد ۋە كۈچ-قۇۋەت ، چەكسىز شىجائەت ، يوقسۇزلارغا باياشادلىق.... ئاتا قىلىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى يايرىتالايدىغان . تولىمۇ ئەپسۇس ھاياتلىق يوللىرى چەكسىز ئەگرى - توقايلىقلار بىلەن پىچەتلەنگەن ئىكەن .......؟؟؟
2015 - يىل 12 - ماي گۇما
|