چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى تۈنۈگۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy 17 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 686|ئىنكاس: 0

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان 10 شىركەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-25 10:10:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سانلىق مەلۇمات ئورگىنى FactSet نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان 10 شىركەت تىزىملىكىگە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى تۆت بانكىسى كىرگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۈچ  شىركىتى،  ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە كورىيەدىن ئايرىم-ئايرىم بىردىن شىركەت كىرگەن.

1. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى

تىجارەت پايدىسى 42 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان شىركەت بولۇپ قالغان. تىجارەت كىرىمى 89 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەندىن باشقا، تەۋەككۈلگە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇلار كەلگۈسىدە غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئېرىشكەن غايەت زور پايدىنىڭ كەينىدە دۆلەت سىياسىتى مەۋجۇت.

2. ئالما شىركىتى

ئالما شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 37 مىليارد دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 170 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. iPhone 6 ۋە iPhone6 Plus بازارغا  سېلىنغان بىرىنچى ھەپتىسىلا سېتىلىش مىقدارى 10 مىليونغا يەتتى.

3. رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى  (Gazprom)

Gazprom نىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 35 مىليارد 700 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 156 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن. Gazprom نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك پېيى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇ شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى ۋە دۇنيا تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %13 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

4. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 34 مىليارد 900 مىليون دوللار (214 مىليارد يۈەن) غا، تىجارەت كىرىمى 76 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن. قەرز ئۆسۈمىدىن قىلغان كىرىم بۇ بانكىنى مۇشۇنداق كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى قەرز ئۆسۈم كىرىمى 64 مىليارد دوللار (تەخمىنەن 400 مىليارد يۈەن) غا يەتكەن.

5. ئامېرىكا ئېكسون موبىل نېفىت شىركىتى

ئېكسون موبىل(Exxon Mobil)  شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 32 مىليارد 600 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 393 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن.

6. كورېيە سامسۇڭ شىركىتى

سامسۇڭ (Samsung) شىركىتى بۇ تىزىملىككە كىرگەن بىردىن-بىر كورېيە شىركىتى. شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 27 مىليارد 200 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 216 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن. گەرچە ئۆتكەن يىلى سامسۇڭنىڭ پېيى سەل چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن 2014-يىللىق ئىككىنچى پەسىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىش مىقدارى دۇنيا بازىرىنىڭ %25 نى ئىگىلىدى.

7. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 27 مىليارد 100 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 68 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەن.

8. جۇڭگو بانكىسى

جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 25 مىليارد 500 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 63 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرغىچە جۇڭگو بانكىسى ئۈچتىن ئىككى قىسىم پېيى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى دۆلەت كارخانىسى ئىدى.

9. ئەنگلىيە BP نېفىت شىركىتى   

BP نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 23 مىليارد 500 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 379 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن.

10. ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى

مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 22 مىليارد 100 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 86 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتتى.  مىكروسوفت شىركىتى ئۆتكەن يىلى  Office ۋە Windows قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودا ھوقۇقىدىن 58 مىليارد دوللارلىق پايدىغا ئېرىشكەن.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-29 18:02 , Processed in 0.328632 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش