چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 2

مىرزابەگ:قۇشلار ھەققىدە قوشاقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
قۇشلار  ھەققىدە قوشاقلار

ئابلىكىم ئابلەت مىرزابەگ

سەھەر تۇرۇپ ھەر كۈنى،
باغدا سەيلە قىلىمەن .
بۇلبۇللارغا جۇر بولۇپ،
ناخشا ئوقۇپ ھارمايمەن .

ئاق قۇشقاچمۇ سايرايدۇ،
قار قۇشقاچمۇ سايرايدۇ .
ۋىچىر-ۋىچىر ئاۋازدىن ،
كۆڭلۇم تازا يايرايدۇ .

قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز،
ئاسراش بىزنىڭ بۇرچىمىز.
دىلدا يۇكسەك ئارمانلار ،
پۇككەن نوتا -غۇنچىمىز .

كاككوك خۇشال سايرىدى،
تەبىئەتمۇ   ئىللىدى  .
چىچەك ئاچتى مىۋىلەر،
مەشرەپ -بەزمە قاينىدى .

ساۋاق بەردى مۇئەللىم ،
يايراپ كەتتى تەنلىرىم.
بوز تورغايغا ئەگىشىپ،
ياڭراپ تۇرار كۆيلىرىم .

ئەركىنلىكنى بوغماڭلار،
دىگۇم كىلەر ھەممىگە .
قۇشلارمۇ بىر ھاياتلىق ،
سولىماڭلار قەپەزگە .

2015-3-24  (قوشتاغ- ئىسمىسلا)

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-24 17:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار تىلىدىن يېزىلغان ئوبدان شېئىر بوپتۇ. مىرزابەگ يوقاپ كەتمەي پات-پات تىما يوللاپ تۇرغاي!
ۋاقتى: 2015-4-26 12:16:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالامغا ئوقۇپ بەرسەم خوش بوپ كەتتى. ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 02:02 , Processed in 0.552571 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش