چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 904|ئىنكاس: 7

ئەھەدى:غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
غەزەللەر
ئەھەدى
(1)   
بۇ ئەجەپ دۇنياكى، كۇللى مەۋجۇداتقا جان    شىرىن ،
جان تۈگۈل ، جانغا ئۇزۇق ھەرتامچە ئىسسىق قان شىرىن .

ئوت شىرىن  پەرۋانىگە-يۇ   بۇلبۇلى  شەيداغا  گۈل ،
مەن كەبى مەجنۇنغا ھەرئان لەيلىدەك جانان شىرىن .

يار ئۈچۈن جاننى تەسەددۇق ئەيلىمەك باردۇر ، لېكىن
چۈش ئارا كۆرگەن ۋىسالدىن بىقارار ھىجران شىرىن .

ئوۋچىنىڭ قەستى ئىپاردا، ئاھۇنىڭ كۆزىدە ياش...
قارنى توققا ئەيشى- ئىشرەت، ئاچقا بۇردا نان شىرىن .

جان ئەزىزدۇر ، جان شىرىن ھەم  يەتتى كىملەر قەدرىگە ؟
كىم چۈشەر سەكراتقا ئاندىن  بىر نەپەس ئىمكان شىرىن .

نە ئەجەپكىم ، تاش يېرىپ بىخ سۈرسە يۇمران بىر گىياھ،
تەقدىرى قىسمەتكە ھەركىم بولسا گەر سۇلتان ، شىرىن ...

ئالتە كۈنلۈك   پانى ئالەم   رەقسىگە   قىلما    ھەۋەس،
سەن ئۈچۈن ئەي تەلۋە نىمجان ھەممىدىن ۋىجدان شىرىن !
(2)  
بىر كۆرۈپ سەۋدايى مەپتۇن  قىلدى دىلدار سۈرىتىڭ،
قىلغىلى بىھۇش مېنى   تۇرغانمۇ   تەييار    سۈرىتىڭ ؟

غۇنچە قامەت تەسۋىرىڭگە  سۆز تاپالماي لال تىلىم ،
سەن تولۇن ئايمۇ،  كۆزۈڭ نۇرانە ئەنۋار سۈرىتىڭ ؟

نە سىھىر باركىن ئەشۇ بىر جۈپ كۆزۇڭدە ، بىلمىدىم
ئۇ ئىشىق ئوقياسىمۇ  ۋەياكى خۇنخار سۈرىتىڭ ؟

تەلمۇرۇپ چېھرىڭگە باقسام ، كەتتى جان مۇلكۇمگە ئوت،
ئېيتقىنا، كۆيدۈرگىلى نېمانچە خۇشتار سۈرىتىڭ ؟

ئالمىدەك مەڭزىڭ ئارا گۈلدەك ئېچىلغان جۈپ زىناق ،
قىلدى رام ئەلنى ، مېنىڭ ھالىمنى دىشۋار ... سۈرىتىڭ .

سۈرىتىڭ شۇنچە ، ئۆزۇڭدىن ماڭا كەلمىش نە كۆرۇم ،
ناتىۋان  ئاشىققا  دارمۇ  ياكى  زۇننار    سۈرىتىڭ ؟

ئەي پەرى،نىمجانغا ۋەسلىڭ جامىدا مەي سۇنمىساڭ ،
ئاي جامالىڭ شەرھىگە بولماسمۇ ئىنكار سۈرىتىڭ ؟
(3)
ئەي پەرى ، ئىشقىڭدا ئۆچمەس چوغ بولۇپ ياندى يۈرەك ،
زار بولۇپ ۋىسالغا ، ھىجران  ۋەسلىگە  قاندى   يۈرەك .

جۈپ ئانار مەي باغلىغان ئالتۇن لىگەندۇر  كۆكسىڭىز ،
بۇندا باغرىم بىر قەپەس، تۇتقۇنغا   ئايلاندى  يۈرەك .

بىر دەقىق جىم تۇرسا كاشكى ، يۇلقۇنۇپ بەرمەس ئارام ،
قانچە كىشنەپ چاپچىغانچە  شۇنچە داغلاندى يۈرەك .

تاش كۆمۇرگە ئوتنى ياقسا كۈل بىلەن داشقال قالۇر ،
بىقەدىر جىسمىمدا ئوت كۆيگەنچە چوغلاندى يۈرەك .

مەن تۆرەلدىم قايسى كۈن ئىشقى -پىراق سەيناسىدا،
سۆڭرى ھىجرانغا بەنت - زەنجىردە باغلاندى يۈرەك .

نە ئەجەپتۇر ئەيلىسەڭ كۆكسۈمنى خۇمدانغا قىياس ،
شۇ ئەزىم خۇمدان ئارا يالقۇنغا ئايلاندى يۈرەك .

بەس!كۆتۇر باشىڭنى نىمجان  ياتما غەپلەت ئۇيقىدا ،
چاچ ، ساقالىڭغا  قىرو قۇنغاندا ئويغاندى يۈرەك !



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-20 11:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز،‹‹غەزەللەر››دىن قەلب سادالىرىنى تىڭشاپ ‹‹ھىجران››چۆللىرىدە مۇڭلاندىم. غەزەللەرگە بولغان قەلب چاڭقاقلىقىم بېسىلدى.تەنلىرى ساق،ئىجادىيەتلىرى بەرىكەتلىك بولغاي!
*********
ھە، راست. مۇنبەردىكى ئىسىملىرى ئۇيغۇرچە‹‹ئەھەدى››گە ئۆزگەرتىپ قويۇلدى. ئەمما مەخپىي نومۇر ئۆزگەرمىدى. ۋاقىپلىنىپ قالغايلا.


ۋاقتى: 2015-6-20 13:07:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچ ، ساقالىڭغا  قىرو قۇنغاندا ئويغاندى يۈرەك !

ئەسلىمۇ ئويغاق ئېدى گەرچە "نىمجان" بولسىمۇ،
بۇ ھايات كەچمىشلىرى ئىچرە تولغاندى يۈرەك!



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-21 13:18:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمۇ ئويغاق ئېدى گەرچە "نىمجان" بولسىمۇ،
بۇ ھايات كەچمىشلىرى ئىچرە تولغاندى يۈرەك!


كاج پەلەك قىسمەت ئارا روھىمنى ‹ نىمجان› ئەيلىگەچ،
بىرمەھەل غەپلەتتە ئاھ،‹بوز يەر›گە قوغلاندى يۈرەك...


ۋاقتى: 2015-6-21 17:34:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆڭرى ھىجرانغا بەنت - زەنجىردە باغلاندى يۈرەك .

  بۇ مىسرادا ۋەزىن بۇزۇلدىمۇ-قانداق؟!


ۋاقتى: 2015-6-21 19:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل غەزەللەرگە مەرھابا! بەرىكەتلىك بولغايلا...


ۋاقتى: 2015-6-21 20:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالتە  كۈنلۈك   پانى  ئالەم   رەقىسگە   قىلما     ھەۋەس ،
سەن ئۈچۈن ئەي تەلۋە نىمجان سەن ئۈچۈن ۋىجدان  شىرىن !

   ئەجەپ  بەلەن يىزىۋىتىپتىلا !

   ئىلھام بۇلاقلىرى    تاشقىنلاپ  تۇرغاي !

   ئەزىز تەنلىرى گە ساغلاملىق  يار بولغاي !


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-27 16:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجان قادىرى يوللىغان ۋاقتى  2015-6-21 17:34
سۆڭرى ھىجرانغا بەنت - زەنجىردە باغلاندى يۈرەك .

  بۇ مىس ...


‹بەنت › دېگەن سۆزنى قىسقا بوغۇم بۇيىچە ئوقۇپ باقسىڭىز ۋەزىن بۇزۇلماسمىكى...


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 05:20 , Processed in 1.091491 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش