چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 1839|ئىنكاس: 3

مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تەرجىمھالى


خەلقپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940- يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونياريۈزى يېزىسى يۇقۇرى ئونيار كەنتىدە دۇنياغا كەلدى. 1954- يىلىغىچە شۇ يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇدى. 1955- يىلىدىن 1958- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېھنىكومىدا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، 1965 - يىلى 10- ئايغىچە چاپچال ناھىيەلىك ئۇرۇكچىلىق پۇنكىتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 1968- يىلى 8- ئايغىچە غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلدىن تارتىپ تاكى 1983- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1983- يىلى ئاقلىنىپ چىقىپ، 1989- يىلى 11- ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ڭلمىي مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك كەسپىي يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .
شائىرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىجادىيەت سېپىغا كىرىپ كېلىشىگە يۇرتى _ ئونياريۈزى يېزىسى، ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ قايناپ تۇرغان بۇلڭقڭ، ئەنئەنىۋىي مەشرەپ، توي-تۆكۈنلەرنىڭ قايناق سورۇنى ۋە سەنئەت ھېدى پۇراپ تۇرغان ئائىلە موھىيتى سەۋەپ بولدڭ. ئۇ ئۆسكەن مەھەللىلەردە سەھەر ئاخشاملىرى تەسىرلىك كوچا ناخشىلىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇراتتى. ئىزگۈلۈك سورۇنلاردا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان خەلق قوشاقلىرى ئوقۇلۇپ تۇراتتى. ئۇلاردىكى چوڭقۇر ئىجدىمائىي مەزمۇنلار، گۈزەل قاپىيەلەر ئۇنىڭ ھاياجانلىق قەلبىگە شائىرلىقنىڭ چوغىنى سېلىپ، ئوتىنى ياقتى. ئۇ تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە شېئىر يېزىشنى سىناپ باقتى، بىر تەرەپتىن ئۈگۈنىشنى چىڭ تۇتۇپ، زۇنۇن قادىرى، لوتپۇللا مۇتەللىپ، تېيېپجان ئېلىيۇپ، پوشكىن، ھادى تاختاش، ئابدۇللا توقاي.... قاتارلىق شائىر - يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. ئۈرۈمچىدە ئوقۇش شائىر ئۈچۈن بىر ياخشى كۈتۈپخانە زىمىنىنى ھازىرلاپ بەردى. ئۇ يەردە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، قېتىرقىنىپ مەشىق قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئىجادىيەتتە ھېچقانداق سېستىمىلىق بىلىم ئالالمىغان بىر ھەۋەسكار يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بولۇپ قالدى .
شائىرنىڭ ئىلى دەرياسى ناملىق شېئىرى 1958- يىلى 10- ئايدا ئىلى گېزىتى دە ئېلان قىلىندى. شۇندىن تارتىپ 1963- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئىلى گېزىتى ، شىنجاڭ گېزىتى نىڭ ئەدەبىي بەتلىرىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى. 1966- يىلى شائىرنىڭ ھارماس قەلىمى سول لۇشىئەننىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن توپتغرا 17 يىل يېزىشتىن توختاپ قالدى. ناھەقچىلىك، ئۇۋالچىلىق باشقا شائىرلار قاتارىدا ئۇنىمۇ ئۆزى سۆيگەن ئىجادىيەت سېپىدىن چەتكە قاقتى. 1982 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ غۇلجا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلەندى. ئۇ گويا ئۆز شېئىرىدا يازغاندەك قەپەزدىن ئازات قىلىنغان كەكلىك، ئانىسى ئالدىغا يۈگۈرەپ ماڭغان قوزىچاقتەك.... پاك مۇھەببەت، يالقۇنلۇق سۆيگۈ بىلەن ئىجادىيەت سېپىغا سالام دوستلار ، كاككۇك گۈلى ، چال ناغراڭنى شەھەرلەر ، ئېچىۋەتتۇق ئىشىكنى ئۇلۇغ ، مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس ، كېلىڭ قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلدى .
ئۇ شېئىرلىرىنى خەلق ئاممىسىدىن ئېلىپ، خەلقنىڭ قايغۇسىنى، شادلىقىنى، يىغىسىنى، كۈلكىسىنى خەلققە يېقىشلىق، ئاددىي، ئاممىباب تىل بىلەن ئىزھار قىلدى. ئۇ ھەقىيقى خەلق شائىرى بولۇشنىڭ يولىنى ئۇلارنىڭ رىيال ھاياتىنى ھەقىيقى ۋە چىن ھېيات بىلەن كۈيلەشتىن تاپتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ساپ ۋە تەبىئىيلىككە تويۇنغان شېئىرلىرىنى ئىشچىمۇ، دىھقانمۇ، زىيالىمۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددىي ئەمگەكچىلەرمۇ زور قىزىقىش، سۆيۈنىش ئىچىدە ئوقۇيدىغان جانلىق كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ رىيال ھاياتقا سادىق قەلىمى تۇرمۇشنى چوڭقۇر، ئەتىراپلىق كۈزۈتىش بەدىلىگە خەلقنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان كەۋسەردەك جۇشقۇن مىسرالار ئارقىلىق شېئىريەتنىڭ جىسمىنى يېڭى قان بىلەن تەمىن ئەتتى .
شائىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىل داۋامىدا1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 2 داستان، 20 نەچچە پارچە ھېكايە، 10 نەچچە پارچە ئوبزۇر، 50 پارچىغا يىقىن ناخشا تېكىستى يازدى. پارتىيىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتى شائىرغا گۈللىنىش باھارى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ چېچىكى چىرايلىق، مېۋىسى شېرىن ۋە مول ئىجادىيەتلىرى خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى تويۇندۇردى. نەتىجىدە غۇلجا ناھىيەلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، 1989- يىلى ئۇنى كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى.بۇ شائىرنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇپ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىشىگە تۈرۈتكە بولدى .
شائىرنىڭ ئىلى دەرياسى جورنىلىغا بېسىلغان ساتىرىلار ناملىق شېئىرلىرى 1990- يىلى 11- ئايدا خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى غا ئېرىشتى. بىز كېلىمىز دۇنياغا دىگەن شېئىرى 1991- يىلى شىنجاڭ گېزىتى تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك مۇكھپاتقا، ئانا تاغلار ناملىق شېئىرى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەغدىم قىلىش بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، شوتا ناملىق ھېكايىسى 1992- يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەئېزىت ئەدەبىيات سەھىپىللىرىدىكى ئەسەرلەر ئارا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، تارىم جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان جىمى جايدا جاراڭلار يېڭى يىللىق قەدەھ- جام ناملىق شېئىرى 1996- يىللىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى غا ئېرىشتى .
شائىر يەنە 1991- يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپىكار دىگەن شەرەپ گۇۋانامىسىغا، 1992- يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە كىتابخانلار ياقتۇرىدىغان ئۈچ نەپەر شائىرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇپ باھالىنىپ شەرەپ گۇۋانامىسىغا، 1997- يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 2- قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئوبلاستىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپىكار باھالىنىپ شەرەپ گۇۋانامىسىغا، شۇ يىلى 11- ئايدا ئىلى دەرياسى جورنىلى تەرىپىدىن 1987- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدىكى 10 نەپەر ئىجادىيەت تۆھپىكارىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ مۇكھپات سوممىسى ۋە شەرەپ گۇۋانامىسىغا، ۋە شىنجاڭ گېزىتى نىڭ 1984- يىلدىن 1996- يىلغىچە بولغان 12يىل داۋامىدىكى مۇنەۋۋەر ئاپتۇر باھاسىغا ئېرىشتى .
شائىرنىڭ ھازىرغىچە كاككۇك گۈلى ، يىللار ئىزى ، كۈنلەر ئەلبومى ، ئانا يەر قەسىدىسى ناملىق تۆت شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. ئۆمۈر ئىلھاملىرى ناملىق 5 - شېئىرلار توپلىمى نەشىرگە بېرىلدى. 30 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى مۇزىكىلاشتۇرۇلۇپ خەلق ئىچىگە تارقالدى. نۆۋەتتە ئۇ يىرىك ئەسەرلەر ئۈستىدە جاپالىق ئىشلىمەكتە. شائىر ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى .

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-25 03:01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن ئەل نۇرى تورىدا سۆھبەت
ئۇستاز شائېر،ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى مۇھەممەتجان راشىدىن ھەققىدە تىخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
ۋاقتى: 2015-3-3 00:36:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن1940يىل غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۇنيار يۈزى يېزىسىدا دىققان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ،1956-يىلدىن 1959-يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقىغان،1960- يىلدىن 1968- يىلغىچە مەمۇرى خادىم،تېخنىك،كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ؛1968 يىلى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان،1982- يىلى ئاقلىنىپ غۇلجا ناھىيەلىك بىرىنجى ئورتا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان،1989-يىلدىن بېرى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلۋاتىدۇ .
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958- يىلى <شىنجاڭ گېزىتى>دەئېلان قىلىنغان<ئىلى دەرياسى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىرى ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن،بولۇپمۇ 80- يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدە تېز ئېلگىرلەپ خەلقىمىزنىڭ بۈگۈندىكى داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرگە ئايلانغان، مۇھەممەتجان راشىدىن ھازىرغىچە <كۆكلەم كۈيلىرى> <سۆي> <كاككۇكۇم><كاككۇل گۈلى> <مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس> <كۈت> <بۇدۇنيا> <بىھۇدە ئۆتمىگەي يىللار>،<يىللار ئىزى >،<سەن يوق>،قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىرنى ئىجات قىلىپ كىتاپخانلارنىڭ يوققۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن، شائىر مۇھەمەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدا ھايات ھەققىدىكى پەلسەپەۋى چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىرلەر ، ھېكمەت دالالەتلەر ئىپادىلەنگەن. مۇھەمەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇنلىنىپ، بىر قىسىم ھىكايىلەرنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شوغۇنلىنىپ<220- مەھبۇس>، <چەتئەل ئەدىب سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار> قاتارلىق كىتاپلارنى تەرجىمە قىلدى.

مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىدىن
< كاككۇل گۈلى > (1986-يىلى، شىنجاڭ ياشلار _ ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى)، <يىللار ئىزى >(1989-يىلى قەشقەرئۇيغۇر نەشىرىياتى ) قاتارلىق شېئىرلار توپلالىرى بار، بىر قىزىم توپلاملىرى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۇلگەن ۋە مۇكاپاتلانغان.
مۇھەمەتجان راشىدىن ھازىر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئېلمىي جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچى جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۇنىڭ شېئىرلىرى نوقۇل شېئىر سۈپىتىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇن قاتارلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بىرىكىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىغا تارىغاچقا ، كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ، ئۇنى چۈشىنىشكە ، بىلىشكە ئىنتىلىدۇ . شۇڭا 1992- يىلدىكى كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە ئۇ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ « كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىر » بولۇپ باھالاپ چىقىلدى ، ئۇ بولسىمۇ شېئىرلىرى ئەل قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىندۇر .
گەرچە ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ ، شېئىر يېزىشقا قىزىقىپ يۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى . 1950- يىلدىن 1958- يىلغىچە شىنجاڭ يېزائېگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە بىر تەرەپتىن يېزا ئېگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1958- يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرى « ئىلى دەرياسى » نى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇردى . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ، ئەمما بۇنداق ھايات ئۇزاق داۋاملاشمىدى ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن تاكى 1980- يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1980- يىللاردىن كېيىن گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى ، بۇ مەزگىللەردە ئۇ بىھۇدە ئۆتكەن يىللارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ، قەلبىگە سىغمىغان ، ئەلەملىك ھېسسىياتىنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئاجايىپ ئىجتىھات بىلەن قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « كاككۇك گۈلى » ، « مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس » ، « ۋەتەن تاغلىرى » ، « يىللار ئىزى » ، « سەن يوق»، « ئۇمۇ بىر ئانا » ، « كۈتۈشكە يارالغانمەن سۆيگۈمنى » ، « باھار ناخشىلىرى » قاتارلىق كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆپلىگەن لىرىكىلارنى يازدى . ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋەتەنگە ، خەلققە ، تەبىئەتكە، ئانىغا ، ھاياتقا ، ياخشىلىققا بېغىشلانغان بولۇپ ، بۇنداق مۇھىم ئەنئەنىۋى ، مەڭگۈلۈك تېمىلاردا يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىق ۋە بىر خىل ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى . شائىر ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، شېئىرلىرىدىكى پىكىر ، مەزمۇنىنىڭ يېڭى ، چۇڭقۇر ، ئوبرازلىق ، جەلپكار بولۇشىغا ۋە بۇ مەزمۇنلارنى ئاممىباپ ، يېقىشلىق ، يەڭگىل قىلىپ ئىپادىلەشكە كۆڭۈل بۆلدى ، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ناخشا تېكىستى قىلىپ تاللىنىپ ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغاپ ، گويا خەلق ناخشىلىرىغا ئوخشاشلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇندەك ناخشىچىلارنىڭ داڭق چىقىرىشىغا ، پەرھات ئابىت چوغلاندەك مۇزىكانتلارنىڭ ئىلھام پىلتىسىغا ئوت ياققانلىقىنىڭ ئۆزىنىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ .
مۇھەممەتجان راشىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر مەزمۇنىغا قىزىقىشتەك كىتابخانلىق ئادىتىگە تازا ماس كەلتۈرۈپ شېئىر يازىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزگىچە كۆزىتىش ، پىكىر قىلىشقا ماھىر ، ھايات ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى شېئىر قىلىپ يېزىشقا ماھىر شائىر بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرى يېڭىدىن يېڭى پىكىر مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى دىداكتىكىغا ، ھايات ھەقىقەتلىرىگە ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولۇپ ، مەزمۇنى مول ، رەڭگارەڭ ، ھەر بىر شېئىردىن بىر ھېكمەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە دەۋر ئېقىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بىر نەچچە قاتلام بويىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ .
1980- يىللاردا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ « سولچىللىق » نىڭ قالدۇرغان جاراھەتلىرى ئاستا-ئاستا ساقىپ ۋە ساقىشقا يۈزلىنىپ ، دەۋر تەرەققىي قىلىپ ، ئەركىن ، گۈزەل، بەختىيار ھايات بارلىققا كەلدى . دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەدھىيلەيدىغان ، دەۋرگە يانداش ئىلغار پىكىردىكى نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى ، بۇ خىل ئەسەرلەرنى تەتقىقاتچىلار « ئىجتىمائىيەت » ئەسەرلىرى دەپ قاراپ باھا بەردى . چۈنكى بۇ خىل ئەسەرلەر جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ، بۇ خىل ئەسەرلەردىن كۈچلۈك دەۋر پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ .
بۇ خىل ئەسەرلەردە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، ھەل قىلىنغان ياكى ئاپتورنىڭ شۇنىڭغا قارىتا باھاسى بېرىلگەن بولىدۇ . مۇھەممەتجان راشىدىن « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدە ئېغىر ئازابلارنى تارتقان ، ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلگەن شائىر ، بۇنداق سەرگۈزەشتىگە ئىگە شائىرنىڭ يېڭى دەۋردىن ، يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان ئەركىن بەختىيار ھاياتتىن شادلانماسلىقى ، قەلبىنىڭ لەرزىگە كەلمەسلىكى مۇكىن ئەمەس . شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۆز تامغىسىنى باسماي تۇرالمىدى . مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دەۋر روھىنى نامايان قىلىدىغان ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىگىلىدى . ئۇنىڭ 1980- يىللارنىڭ بېشىدا يازغان « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « سا- لام دوستلار » ، « كاككۇك گۈلى » قاتارلىق شېئىرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى .

ئايرىلغاننى قايتا قوشقان دەۋر كەلدى ،
سالام دوستلار يەنە كەلدىم ئاراڭلارغا .
مەرىكەڭلەرنىڭ بىر چېتىدە ئۈن قاتىمەن ،
سىلەردىكى يېڭى سۆھبەت پاراڭلارغا .
« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نى باشتىن كەچۈرگەن شائىر 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئىجادىيىتىنى ئاساسلىقى ئاپەتلىك يىللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتىن باشلاپ ، ئاپەتلىك يىللارنىڭ جاراھەتلىرىنى ئېچىپ بەرگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىن ئىتىلىشىنى ، ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ، كىشىلەر قەلبىدە ھاياجان پەيدا قىلالايدىغان ئىجتىمائىي تېمىدىكى شېئىرلارنى كۆپلەپ يازدى . ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان «بۇ دۇنيا» ، «بىھۇدە ئۆتمىگەن يىللار» ، «بۇ تۇرمۇش» ، «ھايات دېگەن مانا شۇ» ، «خۇراپات» ، «يوقاتتىم» ، «دوستلارغا» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلۇق قايناملىرىغا بېغىشلانغان ، ھايات ھەقىقەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن لىرىك شېئىرلىرى خەلق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرى پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغانلىقى بىلەن گويا ماقال-تەمسىللەردەكلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ ، كىشىلەرگە ھايات يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم شۇ سەۋەبلىك ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان .

سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن ،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن .
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشاپ گۈللىگەن ،
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن ؟
مەيلى سۇلسۇن ، كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ .
ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بۇ شېئىرىدا شائىر ئائىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ناھايىتى قايىل قىلارلىق مىسرالار «مۇھەببەت ئۇلۇغ بىر مەكتەپ» ناملىق كىتاب ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە قاراشلىرىنى نامايان قىلدى . ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېما جەھەتتىن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇل ، يىللار ، ھايات ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئائىلە ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق- تۇغقاندارچىلىق قاتارلىقلارغا بېغىشلانغان بولۇپ ، شائىر بۇ خىل مەزمۇندىكى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئۇششاق ھېسابلايدىغان ، ئەمما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ھاياجانلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ ، ئۇ مەسىلىلەرگە ھېسسىيات ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى ئەقىل ئارقىلىق جاۋاپ بېرىپ ، شېئىردىكى ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنى ناھايىتى ياخشى گىرەلەشتۈرگەن .
يامان بولساڭ ياقاڭ بىر كۈنى ،
يىرتىلىدۇ كىشى قولىدا .
ياخشى بولساڭ بېرەركەن سالام ،
ئۇچۇرغانلار بازار يولىدا .

شۇ تەرىزدە بارىدۇ ھايات ،
ياخشى بىلەن يامان ئارىلاش .
ئۇغۇ مەيلى ئۇنتۇلغاي قانداق ،
ياخشىلارنى ياۋ دەپ قارىلاش .
شائىر بۇ شېئىردا ھاياتلىق سەپىرىدە بىزگە ھەمىشە ئۇچراپ تۇرىدىغان ، ياخشى بىلەن ياماننى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ توغرا يولى ھەققىدە ئەقلىي يەكۈن چىقارغان .
شائىر يەنە ئۆز شېئىرلىرىدا مائارىپ ھەققىدىمۇ توختىلىپ خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ، ئىشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مائا- رىپتا ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، مائارىپنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ، ئەگەر ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .
شائىرنىڭ 1980- يىللاردىن باشلاپ نەشىردىن چىققان «كاككۇك گۈلى» ، «يىللار ئىزى» ، «كۈنلەر ئالبومى» ، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، شائىر شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . شائىرنىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى ، خىلمۇ خىل ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر يېزىلغان .
(1) شائىرنىڭ ئەخلاق تېمىسىغا بېغىشلانغان شېئىرلىرى :
ئەخلاق تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت تېمىسىغا ئوخشاشلا مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ، گەرچە ئەخلاق تېمىسىدىكى شېئىرلار مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە ساتىرالارنىڭ مەزمۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتسىمۇ ، ئەمما شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئەخلاققا بېغىشلانغان تېمىلارنىڭ روشەنلىكى بىلەن گەۋدىلىك . بۇ يەردە بىز دەۋاتقان ئەخلاق شائىرنىڭ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، دېھقانلارنى ھۆرمەتلەش ، دوستلۇقنى قەدىرلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش تېمىسىدىكى شېئىرلار بولۇپ بۇخىل شېئىرلارمۇ شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانىغا بېغىشلانغان «سەن يوق» ، «قانداق قىلارمەن» ، «مەن يوق» ، «دوستۇم دېمەڭ» ، «يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا» ، «دوستلارغا» ، «ئون سەككىزدە ماختانما يىگىت»، «داداڭدىن ئازمىغىن ، يولدىن ئازساڭمۇ»، «دېھقىنىم» قاتارلىق شېئىرلىرىدا كىشىلەرگە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش ، ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ كىشىلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت مەزمۇنىدىكى شېئىرى ئىچىدە ئانىلارغا بېغىشلانغان شېئىرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ :
ئانا دېگەن ئالتۇن تېغىمىز ،
ئانا دېگەن راھەت بېغىمىز .
ئانا كەتتى كۆز يۇمدى ئامەت ،
بىللە كەتتى پالۋانلىقىمىز .
دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانىلارنى شۇنچىلىك ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ئەمەلىي قەلب ھېسسىياتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ .

(2) شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى :
مۇھەببەت ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما . شۇڭا مۇھەببەت لىرىكىسى يېزىش توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تېما . شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنمۇ بۇ خىل تېمىلاردىن چەتنەپ كېتەلمىگەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل ۋە ساپ مۇھەببەتكە بېغىشلانغان لىرىكىلىرى كىشىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ باشقا شائىرلارنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان تەرىپى شائىر مۇھەببەتنى ۋاپا ، ساداقەت ئۈستىگە قويۇپ تەسۋىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى ياخشى كۆرگەن تەرەپنىڭ قىلىقى ، ھەرىكىتى ، بىرەر گەپ-سۆزى ، ھەتتا ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىدىكى گۈزەللىكنى مەدھىيىلەپ ، بۇ ئارقىلىق سۆيگەن يارىنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىمۇ باشقا ھايات توغرىسىدىكى لىرىكىلارغا ئوخشاشلا ئەل ئارىسىدا تېز تارقىلىپ ، ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ ، خەلق قوشاقلىرىدەكلا قۇلاققا سىڭىشلىك بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر پىشقەدەملىرى ۋە ياشلىرىغا يادا بولۇپ كەتكەن «ئۆز يارىڭ» ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ .
يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن ،
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا ، ئامان قالساڭ خەتەردىن .
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن ،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ .
jشائىر سەككىز كۇبلىتلىق بۇ شېئىرىدا ھەرگىزمۇ يارنىڭ گۈزەل قامىتى ، كېلىشكەن تەقى تۇرقىنى مەدھىيىلىمەيدۇ . بەلكى سۆيگەن يارىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ، ئالىيجاناپ خىسلىتى ، كەڭ قورساق ، ئىشچان خۇي-پەيلىنى مەدھىيىلەپ رېئال تۇرمۇشتا ئازغان ، ئېزىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا ناھايىتى ياخسى بىخەتەرلىك سىگنالى بىرىدۇ .
جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا شائىرنىڭ بۇ شېئىرى نۇرغۇن پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىلەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان ، نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق ، بەخت ئېلىپ كەلگەن ، چۈنكى شائىر «باي بولغاندا ياتقۇزۇر ئاۋال سېنى گىلەمگە ، تولغىنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ» دەپ يېزىپ ھاياتنىڭ ئەڭ شېرىن لەززىتىنىڭ پەقەت ئۆز يارىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ ؟ بىر قارىماققا بۇ شېئىر ئاياللارنى مەدھىيىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما بۇ يەردە شائىر تىلغا ئالغان «ئۆز يارىڭ» نىڭ جىنس چىگرىسى يوق ھەم بۇ شېئىر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات ھەقىقەتلىرىنىڭ موللىقى بىلەن شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا» سىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئېسىل مۇھەببەت لىرىكىسىغا ئايلىنالايدۇ .
شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۆز لىرىكىلىرىدا ھەرگىزمۇ بىۋاستە سۆيگۈ دەۋاسى قىلمايدۇ ، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىشىلەر دائىم دۇچ كېلىپ قالىدىغان ھىجران ، سېغىنىش ، ئەسلەش ، ھەتتا سۆيگۈ خەتلىرىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى كۈيلەيدۇ .
ھەر تاڭنى تاڭ دېمەيمەن دىدارىڭسىز ،
سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار .
يۈرمەي مەندە نە يۈرسەم خۇمارىڭسىز ،
سېنىڭدەك نەدە ماڭا قەدىردان بار .
شائىر مۇھەببەتنى ، سۆيگەن يارىنى ئۇلۇغلاپ «سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار» دەپ ئۆزىنىڭ سۆيگىنىگە بولغان قىزغىن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىسە ئاخىرىدا يەنە «سەن بىلەن تەشۋىشىم يوق ئاپەتتىنمۇ» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ يار بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىلىشتەك چەكسىز ئىستىكىنى يازىدۇ .
شائىر ئۆز لىرىكىلىرىدا مۇھەببەتنى ھەرگىزمۇ يىغلاڭغۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىغا ياكى ئاجىزلارنىڭ نىداسىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ ، بەلكى ھەر بىر لىرىكىسىدا ئۆزىنىڭ يارىنى ، ھاياتىنى ، ئۆمۈرنى ، مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ، ھاياتتا مۇھەببەتكە دادىل يۈزلەنگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ۋىسالغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يازىدۇ .
شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچىلىك شۇكى، ئۇ مۇھەببەتنى ياشلىق بىلەن ، ھايات ، ئۆمۈر بىلەن زىچ باغلايدۇ ، مۇھەببەتنى قەدىرلەشنىڭ ئۆمۈرنى قەدىرلىگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى يېزىپ ، مۇھەببەتنى تۇرمۇش بىلەن چەمبەر چاس باغلاپ ئىنتايىن كۈچلۈك پەلسەپىۋى مەنە چىقىرىدۇ .
كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەل يارىم ،
تاڭلا كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق .
ئۆمۈر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ،
ياشلىق دېگەن بىزگە دائىم يوق .
مانا مۇشۇ بىر كۇپلېت شېئىردىنلا بىز شائىرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز . بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ شېئىر «ئادەم قېرىغاندا مۇھەببەت بولمايدىكەن » دېگەن تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ شېئىرنى قايتا-قايتا ئوقۇساق ئاندىن شائىرنىڭ يالغۇز ئۆمۈرنىلا ئەمەس ، ئۆمۈرنىڭ گۈل تاجىسى بولغان ياشلىقنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتكەن .
شائىرنىڭ 1960- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن ياكى 1980- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن قايناق ھېسسىياتنى ئويناق تىل بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1990- يىللارغا كەلگەندە يېزىلغان شېئىرلىرى تېخىمۇ پىشقان ، پاساھەتلىك مىسرالىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ .
ۋاقتى: 2015-7-22 22:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  2015-يلى 7- ئاينىڭ 15-كۈنى مەن غولجا ناھىيسىگە بىرىپ مۇھەممەتجان راشىدىن  ئۇستازنى يوقلاپ كەلدىم شائىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خىلى ياخشى يىقىندا سالامەتلىكى خىلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىيىتتى ھەم مەندىن گۇما ناھىيسىدە بۇ قىتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرىنى ئاتايىتەن سورىدى مەن شائىرنى تۇنجى قىتىم كۆرۈپ شا.ئىرنىڭ بەكمۇ مېھماندوسىت ، ناھايتى ئاددى ساددا  چوڭ كىچىك يۇقىرى تۆۋەن ئايرىمايدىغان ئىسىل پەزلىتىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم بەكمۇ خۇش بولدۇم  شائىرنىڭ تىننىڭ سالامەت ھەر بىر قەدىمىنىڭ ساغلام بولۇشنى تىلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:12 , Processed in 0.352685 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش