چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 613|ئىنكاس: 0

شېئىر ھەققىدە بايانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
  قاسىم راشىدىننىڭ شېئىر ھەققىدىكى بايانلىرى  
  
  شېئىر-روھ سەنئىتى،تۇيغۇ سەنئىتى،ئۇ ئىنسان روھىدىكى  ئەڭ ئالاھىدە پائالىيەتلەرنىڭ بىرى.ئارىستوتىل ئۆزىنىڭ«پوئېتىكا»(شېئىرىيەتشۇناسلىق)ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە شېئىر ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىگە بولغان تەقلىدتۇر.ئۇ تىلغا تايىنىپ ئىپادىلەيدۇ،ئاھاڭ ۋە ۋەزىننىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىدۇ،دەيدۇ.ئۇ يەنە شائىر بۇلارنى تولۇق تونۇپ، ئۇلارنى كونكىرت ئوبراز، ۋەقە ۋە دېئالوگلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىدۇ، دەيدۇ.
  مەشھۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى،داڭلىق ئوبزورچى روزىنبۇرگ شائىرلىق ھەققىدە توختىلىپ: ئۇلار تېخنىكا ئىسلاھاتچىلىرى  ۋە سېستىمىسىنى تۈركۈملىگۈچىلەردۇر. شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ زېھنىي كۈچى ئارقىلىق چوڭقۇر ئىلھامى كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ.شېئىر دەل مۇشۇ خىل يېگانە ۋە ئالاھىدە كەيپىيات ئارقىلىق تاماملىنىدۇ،دەيدۇ.
كىلاسسىك ئەنئەنىلەرنى ئاساس قىلغان مۇتەپەككۇرلار شېئىر ھەققىدە توختالغاندا،شېئىرنى بىر خىل ئىشلەپچىقىرىش سەنئىتى، شائىرنى پىشقان ھۈنەرۋەن دەيىتتى،ئۇلار كۇلالچىلىق ياكى   لوڭقا ياساش بىلەن شېئىر  يېزىشنىڭ پەرقى يوق دەپ قاراييتى،ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەتنىلا كۆرسىتىدىغان بولدى.تىل ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى،خاراكتېرى ۋە كەيپىياتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان لىرىك ۋە ئىپىك شېئىرلارغا قارىتىلدى.
يېقىنقى زامان پەيلاسوپلىرىدىن مارىتائىن كەسكىن ھالدا شېئىرنى«ئىجادىي خاراكتېرلىك بىۋاستە سېزىمنىڭ مەھسۇلى»دەپ خۇلاسىلىدى.
ئېلىمىزنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شائىرلىرىدىن بىرى ئەيچىڭ شېئىر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:«شېئىر مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن،ئەڭ خۇشپۇراق تەرىپى،مۇنداقچە ئېيتقاندا، شېئىر مەدەنىيەت مەملىكىتىنىڭ ئەتىۋارلىق ئەركىسى».
شۇنداق،يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق مەنە چىقىدۇكى، شېئىر ئىجادىيىتى ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن قانداقتۇر بىلدۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى ھاياجانلاندۇرۇشنى تەپەككۇرنىڭ ئەركىن پەرۋازىدا قايتا ئىجاد قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ مىسرالاردا سۆزلەرنى ماددىي مەنىسىدىن سىرت، ھاياجان،خىيال،روھ قوزغىتىش،قوشۇمچە ۋە يۈكلىمە مەسىلىلەردە ،قىسقىسى، كۆچمە مەنىلەردە قوللىنىپ يۇقىرى ئىستىتىكلىق بەدئىي ئۈنۈم يارىتىشنى مەقىسەت قىلىدۇ.
  ئاز كەم بىر ئەسىر ئىلگىرى داڭلىق ئەدىب،مۇتەپەككۇر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان لۇشۈن ئەپەندى تەرجىمە ئەمگىكى ھەققىدە توختىلىپ تولىمۇ سالماقلىق بىلەن:«تەرجىمە-تەكرار ئىجادىيەتتۇر»دېگەندى.لۇشۈن ئەپەندىنىڭ بۇنداق دېيىشى بەلكىم ئۇنىڭ ئۇزاق يىللىق جاپالىق تەرجىمە ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىنىڭ يەكۈنى بولسا كېرەك.
  ئايانكى،شېئىر دەل بىر ھايات بىرلىكى،ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كۈللى جانلىقلاردىنمۇ كۆپ جىلۋىدار.بىر ھايۋاننىڭ بىر ئەزاسى بولمىسىمۇ ياشاۋېرىشى،بىرەر دەرەخنىڭ بىرەر شېخى كېسىۋېتىلسىمۇ ئۆسۈۋېرىشى مۇمكىن،ئەمما ھەقىقىي بىر شېئىرنىڭ بىرەر مىسراسى،بىرەر سۆزى،بىرەر ھەرىپى ياكى بىرەر تىنىش بەلگىسى ئېلىۋېتىلسە،ئۇ ھەرگىز ھايات تۇرالمايدۇ.
شېئىر تۇرمۇشنىڭ رەڭ تۈسى،تۇرمۇشنىڭ مۇناجىتى،ئۇ سۆزلۈكلەردىن تەركىپ تاپقان ئەسەر ،شېئىر ئۆزگە تىلغا تەرجىمە قىلىنغاندا،ئۇنىڭغا مەنىداش سۆزلەر تېپىلسىمۇ،ئەمما پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كېتىشى ناتايىن.شۇڭا تەرجىمىسىمۇ ئەسلىدىكى شېئىر سىياقىنى يوقىتىپ قويىدۇ.تەرجىمە قىلىنغان بەزى شېئىرلاردا ئەسلىي شېئىرنىڭ تۇرقىنى تېپىش بەكمۇ قىيىن.

(قاسىم راشىدىننىڭ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىنىڭ2014-يىل 10-سانىغا بېسىلغان«شېئىر ۋە شېئىر تەرجىمىسى ھەققىدە ئىككى كەلىمە»ناملىق ماقالىسىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)

ئاپتۇر:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئاخبارات-نەشىريات،رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىى
رادىيو-كىنو ،تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىدە.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 11:05 , Processed in 0.298678 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش