چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 4099|ئىنكاس: 16

(ئابلەت ئەخمەت) مەڭگۈلۈك سەھەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابلەت ئەخمەت

شېئىرلار

ئائىلە

جەننەتمۇ ئەمەسسەن ۋە ياكى دوزاخ،
تۈتۈنلەر ئوينايدۇ پەقەت بىشىمدا.
نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم سىنى،
قىرتاق بىر لەززەت بار يىگەن ئىشىمدا.

چۆگىلەپ يۈرىمەن كۈنۇ-تۈن سىنى،
سەن ماڭا تۇتۇلۇپ بولدۇڭ بىچارە.
قىسىلدىڭ، بوغۇلدۇڭ، تاتاردىڭ نەچچە،
ئاجايىپ دۇنياكەن ماڭا نەچارە.

كەچۈرگىن، كەچۈرگىن، كەچۈرگىن مىنى،
گادايلىق تەختىدە  قالدىڭ  ئولتۇرۇپ.
بوسۇغا تۈۋىدە دو تىكىپ ساڭا،
بىر قەدەم بىسىپلا قويدۇم ئۇتتۇرۇپ .

قار ياققان كۈنلەردە ئەسلەمسەن مىنى

لەپىلدەپ قار چۈشتى شەھرىڭدە بەلكىم،
نويابىر قۇچاغلاپ سۆيگەندە سىنى.
ئۇ كۈنلەر باغرىڭدا تۈنىگەن يالقۇن،
قار ياغقان كۈنلەردە ئەسلەمسەن مىنى.

كۈتۈشلەر چۆلىسرەپ قالدى ئىھتىمال،
بىكەتلەر سوزۇلدى قەلبىڭگە قەدەر.
يوللارنىڭ باش ئۇچى كۆمۈلدى بەلكىم،
ئاق شارپا ئورىغان نۇرانە سەھەر.

ساختىلىق ئەمەستۇر كۆيگىنىڭ ماڭا،
سۆيگىنىڭ ھەم بۈگۈن باشقا بىرسىنى.
بىر چاغلار كۆيدۈرگەن قارنى ئىككىمىز،
قار ياققان كۈنلەردە ئەسلەمسەن مىنى .

تاڭلاردىن تاڭلارغا قوشۇلماقتا ياش

چايقالدى خۇمرىلار، چايقالدى ئالەم،
يالقۇن رەڭ ئۇپۇقتا خەمەكلىدى نۇر.
كۆزلەردە پىلىلداپ قالدى بىر سوئال،
قەلىبلەر تەكتىدە ئاق قالغان بىر قۇر.

كۆزنەكلەر ئىچىدىن ئىللىق بىر دۇنيا،
باغرىنى ئاچقاندەك تۇيۇلار ئاستا.
غەملەرنى ئۇنتۇلۇپ ماڭغان يولۇچى،
يىراقلاپ كىتىدۇ بۇيەردىن تەنھا.

تاڭلارغا ئۇلىنار شىركەيىپ كىچە،
ئۇيقۇنى ھاپاشلاپ يۈرەر ئەسنەكلەر.
پەرۋاسىز تۇيغۇلار كۆلەڭگىسىدە،
ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە مەشئۇم تىلەكلەر.

خورازلار كۈيىگە قىتىلماقتا كۈي،
پارلىنىپ چىقماقتا يىڭى بىر قۇياش.
خۇمرىلار بۇقۇلداپ تۆكىدۇ ھەسرەت،
تاڭلاردىن تاڭلارغا قوشۇلماقتا ياش.

مەڭگۈلۈك سەھەر

ئاجايىپ كەچمىش ئۇ، ئاجايىپ تۇرمۇش،
ئۆزتىلى، ئۆز كۈيى، ئۆز ناخشىسى بار.
بوپ قالار ئۇ تاتلىق مەڭگۈلۈك ئۆتمۈش،
ئۇ يولدا ھەمراھنىڭ ئەڭ ياخشىسى بار.

يانچۇققا بىر قەلەم بىر قوشۇق ھەمراھ،
شاھانە ياشىدۇق روھىمىز قۇۋناق.
يىپىشتۇق بىلىمگە شۇ تاڭلار گۇۋاھ،
قىپقالدى دوسكىدا بىز يازغان قوشاق.

ئالماشقان سۈرەتلەر لىق توشقان ئەلبۇم،
ئەستىلىك قوليازما ...ئۇزارغان يوللار.
ياشلانغان كۆزلەردە قىپقالار چوقۇم،
مۇڭ يۈدكەن ئاپتۇبۇس، سىلكىنگەن قوللار.

تۇيغۇلار شۇ سۆيۈش تەپتىدە مەستخوش،
توزىماس لەۋلەردىن لەززىتى تامام.
يۈرەكلەر قانداقمۇ دىيەلەيتتى خوش،
ياش ئەمەس قان ئاقسا كۆزلەردىن تارام.

تىرىقتەك تارالدۇق ئۇرۇق بولۇپ بىز ،
ئاۋۇللار ،يىزىلار ،يىراق شەھەرگە .
روھلارغا ئويۇلدى بىر تارىخى ئىز ،
تەلپۈنۈپ ياشايمىز مەڭگۈ سەھەرگە .



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-4-19 23:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HOJAKABIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-26 16:36  

شائىرىمىز ئابلەت ئەخمەتنىڭ«مەڭگۈلۈك سەھەر»ماۋزۇسى ئاستىدىكى بىر يۈرۈش شىئېرلىرى - ھەقىقەتەن ئېغىزدا تەمى،دىلدا ئوتى قالغۇدەك تېتىملىق نەزمىلەر ئىكەن.«ئوتتۇز ساۋاقداش،بىر تىزىق مارجان» دەك ناخشا تېكىستى قلىۋالسا بولىدىكەن، بىراق بىزنىڭ كومپىزۇتۇر،ناخشىچىلىرىمىز بۇنداق شىئېرلارنى تۇنۇپ بولالمايۋاتىدۇ-دە!


ۋاقتى: 2012-5-13 18:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ئائىلىسىگە ئۇتتۇرۇپ يۈرگەن بۇ لۈكچەك قېمارۋازنىڭ تەپەككۇرى، شېئىرلىرىدىكى پىكىرى ۋە تۇيغۇلىرى بەك چوڭقۇر. مەنمۇ سۆيۈنۈپ كېتىمەن ئوقۇسام.


ۋاقتى: 2012-5-13 18:59:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلەڭگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ،
خىجالەتتىن يەرگە باقتىڭمۇ؟
تۈتۈن  چىقسا پۈتەي چوقاڭدىن،
قازىنىڭنى ئۇرۇپ- چاقتىڭمۇ؟ا


ۋاقتى: 2012-5-13 20:37:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسا كەپتۇ. بىراق ئابلەت ئۈرۈمچىگە كەتتى-دە! كەلگەندە جاۋاپ بەرسۇن


ۋاقتى: 2012-5-15 09:16:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىملىق مىسرالارغا گۈزەل تىل ، قۇيۇق شېئىرىي ئوبرازلارنى قوشۇپ تولىمۇ يىقىملىق شېئىرلارنى يازىدىغان ئۇستازىم ھەم دوستۇم ئابلەت ئەخمەتكە تىخىمۇ زور نۇسرەتلەر تىلەيمەن  .


ۋاقتى: 2012-8-22 11:32:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرلارنىڭ ھەر بىر مىسراسىغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.قولى ئازراق بولسىمۇ بوشىغان ئابلەت ئەمدى يەنە قاچانغىچە يېڭى لېرىكىلارنى سۇنمايدىكىن؟! قاچانغىچە ئۆزىنى بىر سىلكىمەيدىكىن؟قاچانغىچە ئۇيقۇسىنى ئاچمايدىكىن؟!


ۋاقتى: 2012-8-22 14:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈلۈك سەھەر تېمىسىدىكى شېئىرنى ئوقۇغاندەك قىلىمەن لېكىن ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ.يەنىمۇ  ياخشى ئەسەرلەرنى كۈتىمىز.


ۋاقتى: 2012-8-22 19:44:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، ئىلھامىغا بەرىكەت مەڭگۈ يار بولسۇن!


ۋاقتى: 2012-9-26 22:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى شىئېرلاركەن بۇرۇنراق كۇرسەم بوپتىكەن


ۋاقتى: 2013-1-26 04:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈلۈك سەھەر ئىچىگە   چۈكۈپلا كەتتىما.....


ۋاقتى: 2013-1-27 01:53:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     دوستىمىز ئابلەت ئەخمەتنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتىم، خېلى دىن بېرى ئۇنى ۋە شېئقرلىرىنى سېغىنغان ئىدىم. ئەسلى ئۇ تورلاردا مەۋجۇت ئىكەن ئەسلى. ئۇنىڭ مۇشۇ تېمىدىكى تۈركۈم شېئىرلىرى ھەققىدىكى تەھلىللىرىمنى ئايرىم يازاي.


ۋاقتى: 2013-1-27 02:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويدۇم، قار ياققاندا ئوقۇيمەن.


ۋاقتى: 2013-9-29 17:53:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپمۇ ياغمىدى بۇ قار.


ۋاقتى: 2013-9-29 19:26:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈلۈك سەھەر  ،
     قىلىمىز سەپەر .
    تىرىشقان يىتەر ،
     ھەممىدە پەدەر .

    تۇرسام سەھەر ،
    قىلسام ھۈنەر ،
    يۇرت بېرىدۇ ،
   ماڭا مۆتىۋەر .
رەھمەت ئۇستاز


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:32 , Processed in 0.598247 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش