تۈرى : قـانـۇن يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-07 05:47:10
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى __ تەپتىش مىنىستىرلىكى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ لېبىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈلىشىچە، جاڭ لېبىن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە، تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، گۇرۇھۋازلىق قىلغان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە قولايلىقى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەمدە پۇل - مال قۇبۇل قىلىپ، ھۆرمەت پۇلى قۇبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەزىپە قولايلىقى ۋە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەمدە پۇل - مال قۇبۇل قىلىش مەسىلىسى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدۇ.
جاڭ لېبىن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر تۇرۇقلۇق، غايە- ئېتىقادى يوقىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ھەمدە پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ھوشىنى تاپماي، نەپسىنى يىغمىغان بولۇپ، خارەكتېرى يامان، ئەھۋالى ئېغىر بولغان. «ج ك پ ئىنتىزام جازا نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، جاڭ لېبىنغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ سۇنۇشى ھەمدە گوۋويۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جاڭ لېبىنغا مەمۇرىي خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى؛ ئۇنىڭ ئىتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن پۇل -مېلى مۇسادىرە قىلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە چېتىشلىق پۇل - ماللار ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
http://uyghur.people.com.cn/155989/15560915.html
دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبى
بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېن خىز
نىڭشيادىكى ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى
تۆۋەندىكى توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ئەھۋالغا جازا بېرىلمەيدۇ
ھاراق ئىچىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىسە بولىدۇ؟
ھامىلىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن دوختۇرغا جازا ھۆكۈم قىلىندى
ئاجرىشىش دەۋاسىدا ئۆي ۋە ئاپتوموبىل قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长