تەۋىسىيە
ئىزدەش

بالا باققۇچى يانفۇن ئويناش ئۈچۈن بوۋاقنى ئۆلتۈردى

تۈرى : قـانـۇن يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-09 01:21:54

يانفون ئوينىغاندا غەلۋە قىلغان بوۋاقنىڭ ئاغزىغا زاكا تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بالا باققۇچى
 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى: تەيۋەن ‹بىرلەشمە گېزىتى› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن شىنجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم بوۋاقلارغا قاراپ بېرىش مەركىزىدىكى لىن فامىلىلىك بىر نەپەر بالا باققۇچى يانفون ئويناشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئەمدىلا يەتتە ئايلىق بولغان لىن فامىلىلىك قىز بوۋاق-‹شىياۋ مېي› نىڭ يىغلاپ قەغىش قىلىشىغا ئاچچىقلاپ، پاختىلىق يوتقان بىلەن كارۋات بېشىدىكى كۆزىتىش كامىراسىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن زاكا ۋە چاپان قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بۇ بوۋاقنىڭ ئاغزى-بۇرۇنلىرىنى ئېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغانىكەن. لىن فامىلىلىك بالا باققۇچى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جىنايى قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن قايتا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، 50 مىڭ يۈەن ( يېڭى تەيۋەن پۇلى) كېپىللىك ھەققى تۆلەپ كېپىللىككە ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن.
ئەدلىيە ساقچىلىرى بوۋاقلارغا قاراپ بېرىش مەركىزىدىكى كۆزىتىش كامىراسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لىن فامىلىلىك بۇ بالا باققۇچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ‹شىياۋمېي› غىلا مۇشۇنداق قىلىپ قالماستىن بەلكى مۇشۇ يەردە بېقىلىدىغان باشقا نۇرغۇن بوۋاقلارغىمۇ مۇشۇ خىل قىلمىشتا بولغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن قاتتىق ھەيران قېلىشقان.
شىياۋ مېي بولسا ئاتا-ئانسىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار ئىدى، بۇ ئىككىسى شىنجۇ شەھىرىدىكى پەن-تېخنىكا رايونىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار خىزمەتدىشىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن شىياۋ مېي ئىككى ئايلىق بولغان چاغدىلا ئۇنى بۇ بېقىش مەركىزىگە ئاپىرىپ بەرگەنىكەن.
ئەدلىيە ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى لىن فامىلىلىك بۇ بالا باققۇچى ئايال شىياۋ مېي قاتارلىق ئالتە بوۋاققا قاراشقا مەسئۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ شىياۋ مېي ئىسىملىك بۇ قىز بوۋاقنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىدا ئۇخلىماستىن يغىلاپ قەغىشلىك قىلىشىغا چىداپ تۇرالماستىن ئاچچىقىدا يوتقان بىلەن ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ ئۈستىنى ئېتىپ كۆزىتىش كامىراسىدىن قاچۇرغان ھەم ئالدى بىلەن زاكا ئارقىلىق يىغلاۋاتقان شىياۋ مېينىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قويغان ئاندىن يەنە چاپان بىلەن ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىنى قايتا ئورىغان شۇنداقلا شىياۋ مېينىڭ قولىنى قورسىقىغا مۇقىملاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن شىياۋ مېي قايتا ‹ يىغلاپ› غەلۋە قىلمىغان. لىن فامىلىلىك ئايال شىياۋ مېينى ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ يانفونىنى ئويناشنى داۋاملاشتۇرغان، نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇ شىياۋمېينىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلىفون قىلغان ھەم شىياۋ مېينى دوختۇرخانىغا ئاپارغان.
دوختۇرلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى ئۈنۈم بەرمەي شىياۋ مېي ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئوكسېگىن يېتىشمىگەنلىكتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن دەپ دىئاگنوز قويغان، شىياۋ مېينىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. لىن فامىلىلىك بۇ بالا باققۇچى دەسلەپتە ئۆزىنىڭ زاكىنى كارۋات بېشىغا قويۇپ قويغانلىقىنى، شىياۋ مېينىڭ ئۇخلاۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ ئاغزى ۋە بۇرنىنىڭ ئېتىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان، كېيىن يەنە بالا يىغلاپ غەلۋە قىلغاچقا زاكىنى بالىنىڭ ئېغىزىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويغانلىقىنى، كېيىن چاپىنىنىڭ چۈشۈپ كېتىپ شىياۋ مېينىڭ يۈز قىسمىنى توسۇۋالغانلىقتىن ئۇنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. بوۋاقنىڭ بوۋىسى لىن بوۋاي:‹ سەن راست گەپ قىلمىساڭ ۋىجدانىڭغا قانداق يۈز كېلىپ خاتىرجەم ياشىيالايسەن؟› دېگەندىلا ئاندىن بۇ بالا باققۇچى راست گەپ قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ زاكا بىلەن بوۋاقنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قويغانلىقىنى ئاندىن چاپان بىلەن ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىپ قويغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ بالا بېقىش مەركىزىنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا ئاللىقاچان 14 يىل بولغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەردە بېقىلىۋاتقان ئىككى ياشتىن تۆۋەن كىچىك بوۋاقلارنىڭ سانى 25 كە يېتىدىكەن، بۇ بوۋاق بېقىش مەركىزى ئۈچ يىل بۇرۇن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئەلا بولۇپ باھالانغانىكەن. تۈنۈگۈن بەزى ئاتا-ئانىلار بۇ مەركەزنىڭ كۆزىتىش كامىراسىنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلغان، يەنە ئۈچ نەپەر ئاتا-ئانا ئەندىشە قىلىپ بوۋاقلىرىنى بۇ يەردىن يۆتكەپ كەتكەن.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号