تۈرى : قـانـۇن يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-04-10 21:29:25
دۆلىتىمىزدە قانۇن بارغانسېرى مۇكەممەللەشمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىلمەكتە.
يېقىندا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇشتا تۆۋەندىكى توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلگەندە جازا بېرىلمەيدىغانلىقى بەلگىلەندى.
بىرىنچى: تۆۋەندىكى توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ قىلمىشقا بۇنىڭدىن كېيىن جازا بېرىلمەيدۇ.
1. ئالدى تەرەپتىكى ماشىنىلار توختاپ ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان بولسا ماشىنىنى پىيادىلەر توغرا يولى، تورسىمان سىزىق رايونى قاتارلىق جايلاردا توختاتقان بولسا؛
2. ماشىنا ئىشىكىنى ياخشى تاقىماي ماڭغان ئەھۋال؛
3. سۇغۇرتا بەلگىسى، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىقى بەلگىسى قاتارلىقلارنى چاپلىماي ماڭغان بىراق تەكشۈرۈلگەن نەق مەيداندا چاپلىغان بولسا؛
4. پراۋا ۋە ماشىنا يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلىۋالمىغان بىراق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كىنىشكىلار ئىناۋەتلىك بولغان بولسا؛
5. پراكتىكانت شوپۇرلار «پراكتىكا» بەلگىسىنى چاپلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا؛
6. سىرتنىڭ ماشىنىسى (شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرى باشقۇرۇش رايونىغا تەۋە بولمىغان ماشىنىلار) يول بىلمىگەنلىكتىن مېڭىش چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ قالغان بولسا؛
7. كابىنكىغا قويۇلغان نەرسىلەر شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن، بىراق تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېلىۋەتكەن بولسا؛
8. قائىدىگە خىلاپ ماشىنا توختاتقان، ماشىنىنى ۋاقىتلىق توختاتقان ۋاقىتتا شوپۇر نەق مەيداندا بولسا قاتناش ساقچىلىرى بۇ قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ھەيدەپ كېتىشنى بۇيرۇغاندا ھەيدەپ كەتكەن بولسا؛
9. ماشىنىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىپ قويغان، ۋاقىتلىق توختاتقان بىراق شوپۇر نەق مەيداندا يوق ئەھۋال قاتارلىق توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلگەندە جازا بېرىلمەيدۇ.
ئىككىنچى: تۆۋەندىكى قائىدىگە خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە 12 نومۇر تارتىلىدۇ
1. كىنىشكىدىكى بەلگىلەنگەن ماشىنا تىپىغا ماس كەلمەيدىغان ماشىنىلارنى ھەيدىگەن بولسا؛
2. ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن بولسا؛
3. ترانسپورت ماشىنىسى (ئاممىۋى قاتناشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مەكتەپ ماشىنىلىرى قاتارلىق ماشىنىلارغا نورمىدىن %20 ئاشۇرۇپ ئادەم سالغان بولسا؛
4. قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، جىنايەت سادىر شەكىللەندۈرمىگەن ئەھۋال؛
5. نومۇر تاختىسى ئاسمىغان، نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويغان، بۇزۇۋەتكەن، بەلگىلىمە بويىچە نومۇر تاختىسى ئاسمىغان ئەھۋاللار بولسا؛
6. ساختا، ئۆزگەرتىلگەن نومۇر تاختىسى، پراۋا، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، مەكتەپ ماشىنىسى نومۇر تاختىسى ياكى باشقا ماشىنىلارنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئېسىپ ھەيدىگەن بولسا؛
7. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئارقىغا ياندۇرغان، قارشى يۆنىلىشتە ماڭغان، مەركىزى ئايرىش بەلۋېغىدا ماشىنىنى ئارقىغا بۇراش ئەھۋالى كۆرۈلسە؛
8.ترانسپورت ماشىنىسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا توختاتقان بولسا؛
9. ئوتتۇرا تىپلىق كىرا ماشىنىسى، مەكتەپ ماشىنىسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ماشىنا قاتارلىقلارنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا سۈرئىتىنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %20 ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شەھەرلەردىكى تىز يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان يول بۆلىكىدە ماڭغاندا سۈرئەتنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا ۋە باشقا ماشىنىلارنى ھەيدەپ سۈرئەتنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا؛
10. ئوتتۇرا تىپلىق ۋە چوڭ تىپلىق كىرا ماشىنىلىرى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنىلارنى ئارام ئالماي ئۇدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ھەيدىگەن ياكى ئارىلىقتىكى ئارام ئېلىش ۋاقتى 20 مىنۇتقا يەتمىگەن بولسا؛
11. مەكتەپ ماشىنىسىنى ھەيدەش سالاھىيىتىنى ھازىرلىماي مەكتەپ ماشىنىسى ھەيدىگەن بولسا؛
يۇقارقى 11 خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبى
بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېن خىز
نىڭشيادىكى ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى
تۆۋەندىكى توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ئەھۋالغا جازا بېرىلمەيدۇ
ھاراق ئىچىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىسە بولىدۇ؟
ھامىلىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن دوختۇرغا جازا ھۆكۈم قىلىندى
ئاجرىشىش دەۋاسىدا ئۆي ۋە ئاپتوموبىل قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长