ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېگەن نېمە؟ مەست ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەش دېگەن نېمە؟
بەلكىم نۇرغۇنلىغان شوپۇر دوستلار بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئانچە ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش بىلەن مەست ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ پەرقى شوپۇرنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇنىي مەسئۇلىيەتمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىسپىرت مىقدارى 20mg/100mlدىن كۆپ ياكى تەڭ بولسا، ھەمدە 80mg/100mlدىن ئاز بولسا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ھېسابلىنىدۇ؛ 80mg/100ml دىن كۆپ ياكى تەڭ بولسا مەست ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ھېسابلىنىدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمىغان تەقدىردىمۇ، قاتناش ساقچىسى بايقاپ قالسىلا، يېنىك بولغاندا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، پراۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ھەتتا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
قانچىلىك ھاراق ئىچسە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆلچىمىگە توشىدۇ؟
سورۇندىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالمىغان دوستلار دائىم ھاراق سورۇنىدا ئۆزىنى تۇتالماي قالىدۇ، شۇنداقلا دوستلىرى، خىزمەتداشلىرىنىڭ دوستانىلىقىنى كونترول قىلالماي قالىدۇ. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىر ياكى ئىككى بوتۇلكا پىۋا ئىچسە، ياكى ئىسپىرت مىقدارى 12 پىرسەنت بولغان قىزىل ھاراقتىن بىر سەر ئەتراپىدا، ئىسپىرت مىقدارى 28 پىرسەنتكە يەتمەيدىغان خان ھارىقىدىن بىر سەر، ئىسپىرت مىقدارى 50 ئەتراپىدا بولغان ئاق ھاراقتىن يېرىم سەر ئىچسىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئۆلچىمىگە توشىدىكەن. شۇڭا ھەرگىزمۇ «ئىككى يۇتۇم ئىچسە» ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قارىماڭ.
ئىسپىرتنىڭ بەدەندە تۇرۇش ۋاقتى قانچىلىك؟
ئىسپىرت ئادەتتە ئادەم بەدىنىدە 10 سائەتتىن 20 سائەتكىچە ساقلىنىپ قالىدۇ. بەزىدە كېچىدە ھاراق ئىچىپ، ئۇخلاپ ئەتىسى قوپۇپلا ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دەپ تۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى شۇ. بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ چاغدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ، ئەمما ئىسپىرت بەدەن سىرتىغا چىقماي داۋاملىق تۇرۇۋېرىدۇ، شۇڭا ھاراق ئىچىپ 10 سائەتتىن 20 سائەتكىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاپتوموبىل ھەيدەش بىر قەدەر ئىلمىي ھېسابلىنىدۇ.
بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەشنى بېكىتىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟
ئۆزىڭىزگە ھۆكۈم چىقىرالايدىغان مۇنداق بىر ئاددىي ئۇسۇل بار: بىر پۇتىڭىز بىلەن تۈز تۇرۇڭ، يەنە بىر پۇتىڭىزنى يەر يۈزىدىن 15 سانتىمېتىر ئېگىز كۆتۈرۈڭ، تاپىنىڭىزنى يەر يۈزى بىلەن تۈز تۇتۇڭ. مۇشۇ ھالەتتە 30 سېكۇنت تۇرۇڭ، ئەگەر 30 سېكۇنت ئىچىدە ئوڭ- سولغا لىڭشىپ كەتسىڭىز، ياكى تەڭپۇڭلۇقىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن بىر پۇتىڭىز بىلەن سەكرەپ سالسىڭىز، ۋە ياكى كۆتۈرۈۋالغان پۇتىڭىزنى 30 سېكۇنت ئىچىدە يەرگە قويۇۋالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ۋاقتىنچە ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىقتىدارىڭىز يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ چاغدا ئاپتوموبىل ھەيدىمەڭ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99