تەۋىسىيە
ئىزدەش

«كىچىك خوتۇن»نى قانۇن قوللىمىدى

تۈرى : قـانـۇن يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 01:17:21

\
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «نىكاھ قانۇنى»غا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزاھات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نىكاھ ئىشلىرىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان «ئۆي مۈلۈك»، «پەرزەنت»، «ئاشنىدارچىلىق» مەسىلىلىرى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ، جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدى.
\
«ئىزاھات»تا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاشنىدارچىلىق» ئائىلە نىكاھ ئىشلىرىنى بۇزىدىغان ئەجەللىك ئۆسمە، «3-كىشى»، «ئاشنا يەنى توقال» گەرچە يېقىنقى يىللاردا كىشىلەر ئارىسىدا مودا بولۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما «نىكاھ قانۇنى»نىڭ «بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش» دېگەن بەلگىلىمىسىگە تۈپتىن خىلاپ. شۇڭا، مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن، جورىسى تۇرۇپ باشقىلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئاخىرىدا ئايرىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن «تۇلۇقلىما» بېرىش ياكى ئېلىش ھەققىدە كېلىشىم قىلغان بولسا، بىر تەرەپ شۇ «تۇلۇقلىما»نى قارشى تەرەپنىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلسا ياكى يەنە بىر تەرەپ بېرىپ بولغان كېلىشىمدىكى تۇلۇقلىمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا سوت مەھكىمىسى قوللىماسلىقى كېرەك. لېكىن قانۇنلۇق نىكاھلانغۇچى شۇ ئېرىنىڭ «ئاشنىسى» ياكى «توقىلى»غا بېرىۋاتقان تۇلۇقلىمىنى ئەر-ئاياللىق ئورتاق مۈلۈكىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىپ كونكرت ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛
\
بۇ بەلگىلىمىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: مەيلى ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە  «كىچىك خوتۇن» بىلەن «ئاجىرىشىش» سەۋەپلىك تۈزۈلگەن ھەر قانداق ئىختىسادى كېلىشىمنىڭ ھەممىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ... مەسىلەن: بىر ئەر كىچىك خوتۇن ئېلىۋېلىپ كېيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئايرىلىشقا توغرا كېلىپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا 10 مىڭ يۇەن تۆلەم بېرىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسا، ئەر بۇ پۇلنى بەرمىگەن بولسا، ئايال تەرەپنىڭ شۇ كېلىشىمنى ئېلىپ سوتقا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ناۋادا ئەر تەرەپ كېلىشىم بويىچە بۇ پۇلنى بېرىۋېتىپ، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا سوت مەھكىمىسى ئوخشاشلا ئەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. دېمەك «ئاشنا»، «كىچىك خوتۇن». «توقال» دېگەنلەرنى قانۇن قوللىمىدى، شۇ ئارقىلىق بەزى پۇلدارلارنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇشنى مەخسەت قىلغان بولىدۇ... 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号