تەۋىسىيە
ئىزدەش

فابرېگاس: 1-لىك سالاھىيەت بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ نىشانى

تۈرى : تەنتەربىيە يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-06-19 19:36:57

  hupu تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:  

   «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى فابرېگاس بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان.

 ــــ ئىسپانىيە پۇتبولىنىڭ ئۇسلۇبى قانداق ؟

 ــــ «تۇنجى قەدەمنى ناھايىتى ياخشى باستۇق، مۇسابىقىدە ئەركىن ئازادە توپ تەپتۇق، مۇداپىئەنىمۇ ناھايىتى ياخشى قىلدۇق، بۇ كوماندا سېپىگە بىر قىسىم يېڭى ئەزالار قوشۇلدى. كىرودىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى گۇرۇپپىدا 1-ئورۇندا تۇرۇپ تاللىنىپ چىقىش بىزنىڭ نىشانىمىز. ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تېخى بايىلا يېقىندىلا باشلاندى».

ــــ سىز ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقامسىز؟

ــــ «كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشى مېنى ئازاپلىماستىن، ئەكسىچە مېنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىمىز ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىمىز. مەن ھازىر ناھايىتى خاتىرجەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا مۇسابىقىدە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىۋاتىدۇ. باشقا ئىشلارغا مەن ئاساسەن كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمەن».

ـــ بوسكىسقا قانداق قارايسىز ؟

ــــ مەشقاۋۇل بوسكىس كوماندىغا خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەخش ئەتتى. بۇنىڭمۇ كوماندىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە ياردىمى بار. بىز ھېچقايسىمىز ھەرقانداق شەخسىي شان-شەرەپنى ئويلىشىپ باقمىدۇق، مەيدانغا چىققان ھەر بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئەستىن چىقارمايدۇ. بىزنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئۇسلۇبىمىز ھەر-بىر ماھىرغا ئەركىن بوشلۇق بېرىپ بولدى. بۇ كوماندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ دائىم مەيدانغا چىقىدىغان توپچىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم.

ــــ ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى قانداق ؟

ــــ «ھازىر بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەييارلىق قىلىدىغان قىلىدىغان ۋاقتىمىز بار. ئىلگىرىكى پەسىل ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرقى قىلىۋاتقان مەشىقىمىز تېخىمۇ ئەتراپلىق، مانا بۇ كوماندىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم. گەرچە بەزى ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇلدىن ئانچە ھوزۇرلىنالمىسىمۇ، لېكىن بىز ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 11 توپچىنىڭ ھەممىسى چېكىنىپ مۇداپىئەدە تۇرۇۋالىدىغان رەقىبلەرگە دۇچ كېلىشنى تەلەپ قىلىمىز. يان يول مۇداپىئەچىلىرى ئىسپانىيە كوماندىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار رەقىبلىرىمىزنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتەلىشى كېرەك، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھۇجۇم باشلىنىش باسقۇچىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى».

ــــ بۇ قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىغا نىسبەتەن ھېسسىياتىڭىز قانداق ؟

ـــ «مەن بۇ قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ كەلگۈسىدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار، گەرچە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى يول باشچىلىرى كوماندىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭىدىن قوشۇلغان ياش توپچىلار كوماندىغا ئوخشاشلا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى. بىز ناھايىتى ئىناق- ئىتتىپاق، شۇنداقلا پۇتبول مەيدانىدا ھەممىمىز ئىنتايىن باراۋەر. تۈركىيە كوماندىسى بولغان مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا ھەممىمىز باراۋەر يوسۇندا توپ تېپىپ، توپ كونترول قىلىش جەھەتتە ئۈسۈنلۈكنى ئىگىلىدۇق، كوماندىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ماسلىشىشى ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى».

ـــ كاسلىياسنىڭ سېپىڭلاردىكى رولى نېمە ؟

ـــ «سىز مەيدانغا چىققان ۋە مەيداندىن چۈشكەن چېغىڭىزدا، سىزنىڭ كوماندا سېپىدىكى رولىڭىز ئۆزگىرىدۇ، لېكىن مەيدان سىرتىدا كوماندىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى. كاسلىياس كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ يالغۇز ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا قوشقان بارلىق تۆھپىسىدىن بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ ئەخلاقلىقىدىن بولغان. كاسلىياس ناھايىتى ئالىيجاناب بولۇپ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن بىر مەزگىل مەيدانغا چىقالمىغان، لېكىن ھازىر ئۇ بىزگە ھەقىقىي بىر كاپىتانلىق سالاھىيىتىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. بىز كوماندا كاپىتانى ۋە ئىسپانىيە رىۋايەتلىك توپچىسى بولغان كاسلىياسنىڭ كوماندىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يېڭى رولىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ دېھىيانىڭ داۋاملىق ئۈسۈپ يېتىلىش نىشانى، كاسلىياس ھەقىقەتەن دېھىيانىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشىگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بىز ھەممىمىز ھازىر كاسلىياسنىڭ كوماندا ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق ئەجىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇۋاتىمىز».

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号