تەۋىسىيە
ئىزدەش

جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈرى : تەنتەربىيە يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-21 22:33:18

                   جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

         \
   جاڭ زىياڭ، ياۋ تۇڭ، جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 20 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى بارلىق تىرېنېر، ئەزالار ۋە كۇلۇب خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى ماختىدى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەك، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكلىگۈچىسى ۋە ئاممىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشتىكى تەشۋىقاتچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

   بۇ يىل 3 – ئايدا ئاخىرلاشقان 2015-2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، كوماندا بولۇپ تەشكىللەنگىنىگە ئارانلا بىر يىل بولغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مەملىكىتىمىزدىكى كۆپلىگەن ۋاسكېتبول كوماندىلىرى بىلەن بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كەسكىن ئېلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىرلەشمە مۇسابىقىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ‹‹قارا تۇلپار››غا ئايلاندى. يېڭى مۇسابىقە پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى جىددىي تەييارلىقنى باشلىدى، بۇ كوماندىدىكىلەر يەنە ئۈرۈمچى 101 – ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، مەكتەپكە كىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم كېرىيە، گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ، ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ پاراۋانلىق سەپىرى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

   كۆرۈشۈشتە، جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىك بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم كوماندا ئەزالىرىنىڭ مەشىق، تۇرمۇش ۋە جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەسىراتىنى تەپسىلىي سورىدى.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: سىلەرگە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. بۇ نەتىجە تىرېنېرنىڭ قالتىس قوماندانلىقى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئېلىشىشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاساسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سىلەر تاماشىبىنلار، رىقابەتچىڭلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتىڭلار.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› كوماندىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، كوماندىدىكىلەرنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھى، قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بېرىش روھىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئىپادەڭلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شىنجاڭلىقلارنىڭ خىسلىتىنى، شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلدى.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەيلى زامانىۋى مەدەنىيەت بولسۇن ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسۇن، ھەممىسلا ۋاسىتىگە موھتاج. شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەنە شۇنداق بىر مۇھىم ۋاسىتە. بۇ كوماندىنىڭ قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ كوللېكتىپنىڭ ھەمكارلىشىپ 2 – دەرىجىلىك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.

  جاڭ چۈنشيەن زاپاس كۈچلەرنى بايقاش ۋە تەربىيەلەش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ماھارەت تەنتەربىيەسى قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئاممىغا ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ. جاڭ چۈنشيەن كوماندا ئەزالىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بارغاندا، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

   جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەنتەربىيەنىڭ ئۆز قانۇنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىر ۋاسكېتبول كوماندىسى ترېنېرنى يادرو قىلىپ، ۋاسكېتبول كوماندىسىنى باشقۇرۇش، مەشىق قىلىش، مۇسابىقە جەھەتلەردە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىشى، ئاپتونوم رايون ھەر قايسى تەرەپلەردىن قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ، خەلق سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار. گۈزەل شىنجاڭ ھەممەيلەن قىزغىن سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان جاي. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭ ئوبرازىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھى ئارقىلىق شىنجاڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جەن شۇپىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋوجياڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت. بىر يىلدىن بۇيان، جاڭ چۈنشيەن شۇجى بىز بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، كوماندا ئەزالىرىنى چەكسىز شادلاندۇردى ۋە جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتتى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇسابىقە مەيدانىدا قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭدىكى ئاياللار ئارىسىدا ئاكتىپ كۈچ تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان، بىز زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋە ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ تۆھپە قوشقۇچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمىز.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
       \

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号