شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4 بولۇپ، ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، كېيىن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا سەل پەسىيىپ، سائەت 20:00دە توختايدىكەن. يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن ياغقان قار يەر يۈزىگە چۈشۈپلا ئېرىپ، قار يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن.
ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، ھاۋا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14 بولىدىكەن، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 قىچە بولىدىكەن. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تېمپېراتۇرا ℃20تىن ئېشىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ℃25 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. دېمەك بۇ قېتىملىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىدىن كېيىن تېمپېراتۇرا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆرلەپ ماڭىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋارايى تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 13:00دە شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قىراۋ ئۈششۈكىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قۇم-بورانلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاگاھلاندۇرش سىگنالىنى تارقاتقان.
5-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىگىچە كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە ئالتاي ۋىلايىتنىڭ شەرقىي قىسىمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا سوغۇق قىراۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃7 تىن ℃10 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسىمى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃14-℃10قىچە تۆۋەنلەپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4 تىن ℃2- قىچە بولىدىكەن.
5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 5-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزگىچە كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا غەربتىن شەرققە يۆنىلىشتە يامغۇر ۋە يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن ھەمدە 6-5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئالاتاۋ ئېغىزى، تارباغاتاي ۋىلايىتى شامال ئۆتەڭ ۋە مايتاس بوران رايونى، قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى بوران ئېغىزى، ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونىدىن تۇرپانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 30 چاقىرىم بوران رايونى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىن قومۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 100 چاقىرىم بوران رايونى قاتارلىق بوران ئېغىزلىرىدا 10-9 بال بوران چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى بوران 12-11 بالغىچە يېتىدىكەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدا يەتتە بال قىيپاش شىمال بورىنى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسىمىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ-توزانلىق ۋە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2018/05/07/035199601.shtml
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟
- كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئ
كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟ ئەلداۋادىن جەمئىيەتتىكى ئىشلار : سىز ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۈندىداردىكى چىقىم قىلىش ئىقتىدارى
يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟ قۇلاق بۇرۇن قولدىكى 3 ئورۇنغا قاراپ بىلىمىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭيى تېبابىتىدە: يۈرەك بەدەننىڭ پادىشاھى، ئىچكى ئەزالار، ئۇستىخان دېگەندەك ھەممىسى يۈرەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئۇ رەئىس ئە
بىز ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت ئوغۇللار ساغلاملىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۇرمۇشىمىزدا، ئە
يېڭى بايقاش: تۆگە سۈتى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ نىجات يۇلتۇزى جۇڭگو ئائىلە گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى : تۆگە سۈتىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن
