ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 16-ماي خەۋىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى: 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا بىخەتەرلىك ئاگاھنامىسى تارقىتىپ، شەھەر ئاھالىسىنى «دىنار جەۋھىرى»، «جاۋارىش كۇندۇر» قاتارلىق 7 خىل «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دورىسى» نى سېتىۋالغان بولسا، ئىستېمال قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى، بۇ مەھسۇلاتلار ئۈرۈمچى شەھەر سىرتىدىكى ساختا دورا ياسايدىغان بىر قارا ئۇۋىدا ياسالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ساختا دورا ياسايدىغان قارا ئۇۋا شىمۇگۇدىكى بىر ئۆيدە بولۇپ، نەق مەيداندىن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يېزىقتا يېزىلغان خوتەن قاراقاش ئەل ھېكمەت ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئامبۇلاتورىيەسى، خوتەن قاراقاش ھايات بەخىش ئۇيغۇر تېبابەت داۋاخانىسى، خوتەن تېببىي سەۋەب ئۇيغۇر تېبابەت داۋاخانىسى دېگەندەك ئورۇنلار ئىشلىگەن دىنار جەۋھىرى، جاۋارىش كۇندۇر، جاۋارىش بىستى پايەج، لوبۇپ كەبىر، سۆلەپ مىسىر، چۆبچىن ئەلا قاتارلىق ساختا دورىلارنىڭ ئورالما قېپى قولغا چۈشكەن. شۇنىڭ بىرگە يەنە، 700 كىلوگىرامدىن ئارتۇق 29 خىل دورا ماتېرىيالى، ساختا دىنار جەۋھىرى، ساختا دورا ياساش ئۈسكۈنىسىدىن 14 ى قولغا چۈشكەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 176 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ساختا دورا ياسايدىغان قارا ئۇۋىدىن بايقالغان بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقارغان ساختا دورىلارنىڭ ئورالمىسىغا بىردەك كېسەل داۋالايدىغان ئۈنۈمى بارلىقى يېزىلغان بولۇپ، ئەمما قانۇنلۇق دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ياكى تەستىق نومۇرى يوق چىققان. شەھەر ئاھالىسى ئەگەر بۇ 7 خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان بولسا، ئىستېمال قىلىشنى دەرھال توختىتىشى ۋە 12331 پاش قىلىش لىنىيەسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، يېمەكلىك-دورا نازارەت ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلىشى لازىم ئىكەن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟ ئەلداۋادىن جەمئىيەتتىكى ئىشلار : سىز ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۈندىداردىكى چىقىم قىلىش ئىقتىدارى
يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟ قۇلاق بۇرۇن قولدىكى 3 ئورۇنغا قاراپ بىلىمىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭيى تېبابىتىدە: يۈرەك بەدەننىڭ پادىشاھى، ئىچكى ئەزالار، ئۇستىخان دېگەندەك ھەممىسى يۈرەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئۇ رەئىس ئە
بىز ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت ئوغۇللار ساغلاملىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۇرمۇشىمىزدا، ئە
يېڭى بايقاش: تۆگە سۈتى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ نىجات يۇلتۇزى جۇڭگو ئائىلە گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى : تۆگە سۈتىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن
جىسمانىي ھەرىكەت دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
