شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت ئوغۇللار ساغلاملىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەيدىز بىمارلىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنەيلى!
بۇ تەرىپى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز ئەيدىز بىمارى بولسىڭىز، سىز باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارىشىنى ئۈمىد قىلىسز؟ باشقىلار سىزگە قانداق ياردەم قىلىدۇ ياكى سىز بىلەن قانداق ئارىلىشىدۇ؟ بۇ مەسلىگە نىسبەتەن، بىز ئۆزىمىز قانداق دەپ ئويلىغان بولساق شۇنداق ياكى كىتابتا دېيىلگەن تەكلىپ بويىچىلا ئىش كۆرسەك بولمايدۇ! ئەيدىز بىمارلىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى!
ئۇلار ھېسداشلىققا ئەمەس، بىر دوستقا ياكى بىر كۈلۈمسىرەشكە موھتاج!
بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالغاندىن كېيىن، بەدەن بارغانسېرى ئاجىزلىششقا باشلايدۇ، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ناھايىتى باتۇر، ناھايتى قەيسەرلىك بىلەن كېسەللىك ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدۇ،ئۇلار ھېسداشلىققا ئەمەس، بەلكى بىر ھەقىقىي دوستقا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشكە ياكى بىر كۈلۈمسىرەشكە موھتاج ياكى بىر جۈملە بولسمۇ ئىلھاملاندۇردىغان سۆز بولسلا كۇپايە!
ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تاماق يەپ، ئايلىنىپ كېلىڭ!
ئەگەر ئەتراپىڭىزدا مۇشۇنداق دوستلىرىڭىز بولسا، كۆڭلىڭىزگە بەك ئېلىپ كەتمەڭ. كۆڭلى كۆكسڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇنىڭ بىلەن تاماق يەڭ، ئاندىن خالىغانچە ئايلىنىپ كېلىڭ، بەلكىم بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىش ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ئۇلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور! چوقۇم ئۇلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىڭ !
مۇناسۋەتلىك بىلىملەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلايلى!
ئەيدىز كېسلى باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشمىغانلىقتىن، زۆرۈر بىلىملەر ناھايىتى مۇھىم. مەسىلەن، ئەيدىز كېسلى قانداق يۇقىدۇ، بىمار بىلەن ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرسە بولامدۇ، ئەيدىز بىمارى يېمەكلىك يېگەندە نېملەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. بىرقىسىم بىلىملەرنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۇلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئارىلىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، بىز ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپىمىزدىكى دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ساغلام ياشاش، ئەيدىز كېسلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمۇ؟ ئەلداۋادىن جەمئىيەتتىكى ئىشلار : سىز ھېچنېمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلار سىزنىڭ كىملىك ئۇچۇرىڭىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۈندىداردىكى چىقىم قىلىش ئىقتىدارى
يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟ قۇلاق بۇرۇن قولدىكى 3 ئورۇنغا قاراپ بىلىمىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى: جۇڭيى تېبابىتىدە: يۈرەك بەدەننىڭ پادىشاھى، ئىچكى ئەزالار، ئۇستىخان دېگەندەك ھەممىسى يۈرەكنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئۇ رەئىس ئە
بىز ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت ئوغۇللار ساغلاملىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تۇرمۇشىمىزدا، ئە
يېڭى بايقاش: تۆگە سۈتى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ نىجات يۇلتۇزى جۇڭگو ئائىلە گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى : تۆگە سۈتىنى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن
جىسمانىي ھەرىكەت دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقا پايدىلىق خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
